ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكىنىڭ 9-يىللىقىدا ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىقى كۈچلۈك سوئال پەيدا قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.09.25
ilham-tohti-yalghuz.jpg ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىلىق ئوچۇق-ئاشكارا كۈچ چىقارغان ئۇيغۇر پروفېسسور ئىلھام توختى ئۆيىدە مۇخبىرنىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلماقتا. 2013-يىلى 4-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

23-سېنتەبىر كۈنى، خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغىنىغا 9 يىل بولغان خاتىرە كۈندۇر. 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى شۇ يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 9-يىلىغا كەلگەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئۇنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئىلھام توختىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، تاشقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ھازىر ئۇنىڭ ئاقىۋىتى، سالامەتلىك ئەھۋالى ھەتتا ھاياتتا ياكى ئەمەسلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مانا بۇ ئەندىشىسىنى تىلغا ئېلىپ، بىز ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ تۈرمىدە ھاياتلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دادام مۇددەتسىز كېسىلگەندىن كېيىن يەنى 2014-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۇنى ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان، بىراق 2017-يىلىدىن كېيىن بۇ پۈتۈنلەي توختىدى. بىز شۇندىن بېرى دادام ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدۇق. بىز ھازىر ئۇ تۈرمىدە ساقمۇ-ئەمەسمۇ، ئاغرىپ قالدىمۇ ۋە ھەتتا ئۆلۈپ كەتتىمۇ بىلمەيمىز. مېنىڭ ئىككى ئىنىم ۋە مەن دادامنى بەك سېغىندۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ ئىككى ئىنىمنىڭ دادام بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك. بىز ھېچ بولمىغاندا دادامنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك».

ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە قانداق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولغانلىقى بۇ يىل گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيۇشتۇرغان تور سۆھبەت يىغىنىنىڭمۇ مەركىزى تېمىسى بولغان. مەزكۇر يىغىندىكى سۆز قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۈتىكوفېر (Reinhard Bütikofer) نىڭ يىغىندىكى سۆزىدىن قارىغاندا ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى گۇمانلارنىڭ قاتتىق كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ۋەقە بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگىدا يۈز بەرگەن. 2019-يىلى توختاپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى 4 يىل ئارىدىن كېيىن بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئۇچرىشىشتا ياۋروپا ۋەكىللىرى خىتاي تەرەپتىن ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۇنىڭ ھاياتتا ياكى ئەمەسلىكى، ھايات بولسا ئۇنىڭ ھازىر قايسى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى سورىغان. بىراق خىتاي تەرەپنىڭ جاۋابى مۇتلەق سۈكۈت قىلىش بولغان. ئۇلار بۇ ھەقتە يا ھەق يا ياق دېمەي، ئىلھام توختى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى كەسكىن رەت قىلغان.

ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، فىرانسىيەلىك سىنولوگ، پروفېسسور مارىي خولزمان رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ھاقارەت» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى سوئالىغا خىتاي تەرەپ بىر ئېغىزمۇ ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇلار ھەتتا يالغانلاردىن بولسىمۇ بىر جاۋاب بەرمىگەن. مەن بۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلىنغان بىر ھاقارەت، دەپ قارايمەن».

ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتى ھازىر ئىنتايىن گۇمانلىق بولۇپ، خەلقئارا جامائەت بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەككەن. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توخىتىنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن ۋە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىگەن ئىكەن، ئۇ ھالدا بۇ يەردە بىر مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇ يىللىق يىغىنىمىزنىڭ تېمىسىنىمۇ ‹ئىلھام توختى ھاياتمۇ› دەپ قويدۇق. بىز بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدىمۇ بۇنى ئاساسىي نۇقتا قىلىمىز».

ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتە بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالاھىدە ئاكتىپ بولۇشى لازىم، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەخس بولغان ئىكەن، ئۇ ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتى بار».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 25-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ تۇتقۇندىكى تۈرمە ھاياتىنىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىلھام توختى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ب د ت نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئۇنىۋېرسال قاراپ چىقىش يىغىنىدا (Universal Periodic Review on China) ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتتىكى سۆزىدە «ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۇنجى بەلگىسى ئىدى. ئۇنىڭ تەقدىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەمدى تىنچ ۋە مۆتىدىل ئاۋازلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش بولدى» دېگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنى دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا غايىب قىلىنغان يەنە بىر زىيالىي، يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەنىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا راھىلە داۋۇت ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئورتاق تەقدىرىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ تۇتقۇندىكى بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

پروفېسسور مارىي خولزمان (Marie Holzman) مۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇچرىغان قىسمەتلەرنىڭ ھەر پۇرسەتتە، ھەر يەردە تەكىتلىنىشى لازىملىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى ۋە راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش يېتىشكەن، قابىلىيەتلىك، ئۆز مىللىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، جەمئىيەتكە، ئۆز دۆلىتى ۋە ھەتتا چەتئەللەردە تەسىر پەيدا قىلالايدىغان كىشىلەرنى ئالدى بىلەن يوقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ مېنى تولىمۇ بەك ئازابلىماقتا. شۇڭا بىز ھەر پۇرسەتتە، ھەر جايدا ئۇلارنى تىلغا ئېلىشىمىز كېرەك. بىز ئەگەر ياۋروپادا تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىمىسەك، زالىم دېكتاتورلار جاسارەت توپلايدۇ، كۈچىيىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت ئۇلارغا ‹بۇ بىز ئارزۇ قىلىدىغان دۇنيا ئەمەس›، دېيەلىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇۋېتىشكە» چاقىرغان. ئۇلار باياناتىدا يەنە «ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرى خىتايغا بېرىۋاتقان ھەربىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە مەجلىس ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويىدىغان تۇنجى تېما بولۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.