ئەنۋەرجان ئەپەندى: نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بۇ يىل ئىلھام توختىغا بېرىلىشى كېرەك

0:00 / 0:00

نورۋېگىيە نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىغا، ھەر يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۈچۈن نەچچە يۈز نامزات كۆرسىتىلىدۇ. 2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا 343 كاندىدات بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 251 كىشى شەخس، 92 سى تەشكىلات ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ بار.

«مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرى بىلەن كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلھام توختى تۇنجى قېتىم، 2019-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو رۇبىيۇ، كىرىستوفىر سىمىت قاتارلىق 13 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەرىپىدىن «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە ئۇدا 4 قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىلھام توختىنىڭ، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى شەرىپىگە ئېرىشىشىنى تەقەززالىق ئىلىكىدە كۈتمەكتە.

ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ گۇۋاھنامىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى(David-Maria Sassoli) ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرگە ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلدى. 2019-يىلى 18-دېكابىر، فىرانسىيە.
ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ گۇۋاھنامىسىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى(David-Maria Sassoli) ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرگە ئۆز قولى بىلەن تەقدىم قىلدى. 2019-يىلى 18-دېكابىر، فىرانسىيە. (AFP)

نوبېل فوندى جەمئىيىتىنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە قارارلىرى بىلەن كۆپلىگەن نامزاتلىق ئىلتىماسلىرى ئىچىدىن، نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا تاللىنىشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن كەسكىن ۋە رىقابەتلىك جەريان بولۇپ، ئىلھام توختىنىڭ ئىناۋەتلىك نامزات بولغانلىقى بۇ يىل فېۋرالدا مەلۇم بولغانىدى.

نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2022-يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرىنڭ سانى بۇلتۇرقىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتى تارىخىدىكى ئىككىنچى يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى بارلىق لاياقەتلىك نامزاتلارنى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن، لاياقەتلىك كاندىداتلارنىڭ قىسقا تىزىملىكى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئاندىن بۇنىڭ ئىچىدىن بۇ يىللىق مۇكاپات ساھىبى تاللىنىدۇ.

2022-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نەتىجىسى 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ھازىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپات نەتىجىسى چىقىشنىڭ ئاخىرقى ھالقىسىدا تۇرماقتا، يەنى نورۋېگىيە ۋە خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نوبېل كومىتېتىنىڭ دائىمىي مەسلىھەتچىلىرى بۇ يىلقى 343 نەپەر كاندىداتنى قايتا باھالىغاندىن كېيىن، نامزاتلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكلىرىدىن تاللاپ قىسقا تىزىملىكىنى بېكىتىدۇ.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە، ئىلھام توختىنىڭ 2022-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نامزاتلىرى ئىچىدىكى 5 كۈچلۈك نامزاتنىڭ بىرى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. بۇ خەۋەر ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» دىكىلەرگە زور ئۈمىد بېغىشلىغان.

ئەنۋەرجان ئەپەندى، قايتا-قايتا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ بولۇپمۇ، بۇ يىل چوقۇم مۇكاپات ساھىبى بولىدۇ دېگەن ئىشەنچكە كېلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە ئايرىم توختالدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرغىچە 9 دۆلەت پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ھالدا ئېتىراپ قىلىشى ۋە يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن ئەيىبلەشتەك ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر ئىلھام توختىنىڭ بۇ يىل مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش ئېھتىمالىنى ئاشۇردى دەپ قارايدىكەن.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە بۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتنىڭ تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازالانغان ئىلھام توختىغا بېرىلگەندە، بۇ مۇكاپاتنىڭ يالغۇز ئۇنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشىگە سەۋەب بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ، ئەنۋەرجان ئەپەندىگە ئوخشاشلا ئىلھام توختىنىڭ 2022-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشىش ئېھتىمالى يۇقىرى دېگەن قاراشتا بولۇپ، ئۇ، «نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈشى، پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتى ئۈچۈنمۇ، 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈنمۇ بېسىلغان تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بولىدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە، بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىش بىلەن دۇنيانىڭ خىتاي تەھدىتىگە ئەڭ ياخشى جاۋاب قايتۇرالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دىكتاتور شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن چۈشۈشنى خالىمايۋاتقانلىقى دۇنياغا خىتاي تەھدىتىنىڭ، كېڭەيمىچىلىكىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. 16-ئۆكتەبىردە باشلىنىدىغان خىتاينىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا، شى جىنپىڭ داۋاملىق ھوقۇق تۇتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئالدىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئىلھام توختىغا بېرىلگەندە، بۇ، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساس قىلغان قىممەت قارشىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش دىكتاتورلارغا بېرىدىغان ئەڭ ياخشى ئاگاھلاندۇرۇشى بولىدۇ» دېدى.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىلھام توختىغا سوت ئېچىپ، ئۇنى «مىللىي قۇتراتقۇلۇق» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغانىدى.

ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقىغا يۇغۇرى باھا بېرىپ كەلدى. شۇنداقلا، ئىلھام توختىنى يەنە ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىش بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا ھۆرلۈك تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.