5-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 5 نامزاتىنىڭ بىرى بولغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاقىۋېتىلگەن «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ھاياجانلاندۇردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر قاتارلىقلار ئۆز پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇنى يۇقىرى باھالىدى.
5-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيەدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 5 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان خەۋىرى تارقالدى. ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ خۇشاللىق خەۋىرى بىلەن بىرلىكتە يەنە شۇ كۈنى گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنىستىتىتۇتى» ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى خەۋەردىن ھاياجانلانغالىقى ۋە خۇشاللىقىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر سۆزىدە، دادىسى ئىلھام توختىنىڭ 2020-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى 5 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقى ئۇنى جىددىيلەشتۈرگەن ۋە ھاياجانلاندۇرغان بولسا، دادىسىنىڭ ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ پاكىتى بولغان، دادىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئۆزى ئۈچۈن 2020-يىلدىكى ئەھمىيەتلىك ئىككى تارىخى ۋەقە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ئۇيغۇر بىز تورى» 2004-يىلى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغاندىن تاكى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرى تاقىلىپ قالغانغا قەدەر، ئىلھام توختى باشلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى خىتاي خەلقى ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم كۆزنەكلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.
«ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ 5-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر بىز تورى» دىن ھازىرغا قەدەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ماقالە جەمئىي 3533 پارچە. بۇلار 2006-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر ۋە تۈرلۈك تېمىدىكى ماقالىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يېڭى «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىنىڭ تور ئادرېسى: https://www.uyghurbiz.org
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتى «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» نىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن، ئامېرىكادىكى كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئابلىز مەخسۇت ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى 2020-يىلدىكى تارىخى ۋەقە دەپ تەرىپلىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، ئىلھام توختى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەينى يىللىرى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي خەلقىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى مۇھىم بىر كۆزنەك ھەتتا جەڭ مەيدانى رولىنى ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئىلھام توختى ئەپەندى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2020-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 5 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختى گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماققا مەھكۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا كۆرسىتىلىشىنىڭ ئۆزىلا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئىكەن. ھالبۇكى ئىلھام توختى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر بىز تورى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخ پاكىتنىڭ قايتا نامايان بولۇشى ئىكەن.
بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەقلىرى ۋە خىتاي خەلقى بىلەن بولغان باراۋەر ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ شۇ يىلى 22-سېنتەبىر مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
ئىلھام توختى ئەپەندى گەرچە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ھەققانىيەت ئۈچۈن، ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن قەھرىمان دەپ تەرىپلەندى. 2014-يىلى ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭغا «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتىن ئەننانىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق كۆپلىگەن نوپۇزلۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلار بېرىلدى. ئۇ يەنە 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى ئىككى يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. 2020-يىلى ئۇنىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 5 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنمەكتە.
0:00 / 0:00