تۈركىيەدىمۇ ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىش پائالىيىتى باشلاندى

0:00 / 0:00

ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى، 4-نويابىر ئاخشام تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە يىغىن چاقىرىپ، تۈرك پروفېسسور ۋە سىياسىيونلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، ھازىر خىتايدا ئۆمۈرلۈك قاماقتا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشكە چاقىردى.

يىغىنغا ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ھاجىبايرام ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى قونۇرالپ ئەرجىلاسۇن، پروفېسسور دوكتور تۈمەن سومۇنجۇئوغلۇ، ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى پروفېسسورى ئىشق قۇشچۇ بوننافېد خانىم، گازى ئۇنىۋېرسىتېتى نېمىس تىلى ئوقۇقۇتقۇچىسى دىلەك تاھىر خانىم ۋە بەزى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قانچە تەتقىقاتچى ئىشتىراك قىلدى.

يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئەنۋەر جان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش پائالىيىتىمىز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىلھام توختى مۇئەللىم 2018-يىلىدىن بۇيان دۇنيا بويىچە ئالىملار ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ زىيالىي ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلەپ نامزات كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدىم. بۈگۈن ئەنقەرەدە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز، بۇ ئۇچرىشىشىمىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردە داۋاملاشماقچى.»

تۈرك پروفېسسور ۋە سىياسىيونلارنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىش يۈزىسىدىن ئېچىلغان يىغىندا ئەنۋەر جان ئەپەندى(سولدا) بىلەن خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى. 2023-يىلى 4-نويابىر، تۈركىيە.
تۈرك پروفېسسور ۋە سىياسىيونلارنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىش يۈزىسىدىن ئېچىلغان يىغىندا ئەنۋەر جان ئەپەندى(سولدا) بىلەن خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى. 2023-يىلى 4-نويابىر، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئەنۋەر جان ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئىلھام توختى 2019-يىلى ساخاروف مۇكاپاتىنى ئالدى. مەزكۇر مۇكاپاتنى ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 600 نەپەر ئەتراپىدا پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ ئالدى. بىز ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتكەن 9 يىل ئىچىدە دۇنياۋى تىنچلىق، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان ئوندىن كۆپ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. بۇ مۇكاپاتلاردىن ياۋروپادا بېرىلگەن ئۈچ مۇكاپاتنى ئىلھام توختى تۈرمىدە بولغاچقا ئۇنىڭ نامىدىن مەن بېرىپ تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە›نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى‹غا نامزات كۆرسىتىلدى. بىز ئىلھام توختى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە داۋام قىلىمىز.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پروفېسسورلارنى، تۈركىيەدىكى باشقا پروفېسسورلارنى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىپ، مۇنۇلارنى دېدى: «تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىش قىلالمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا تۈركىيەدىكى زىيالىيلار ئىلھام توختىنى›نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى‹غا نامزات كۆرسىتىشى كېرەك. ھازىرغىچە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كۆپ ساندا پروفېسسور نامزات كۆرسەتتى. ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۈرك خەلقى بىر مىللەت. 2024-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش، تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ مۇددىتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن. سىز تۈرك پروفېسسور قېرىنداشلىرىمىز ۋە تۈركىيەدىكى باشقا پروفېسسورلارنىڭ ئىلھام توختىنى ‛›نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى‹غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشىنى يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىمەن.»

ئارقىدىن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىيەلىك پروفېسسورلار بەس-بەس بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىلھام توختىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

يىغىن ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور دوكتور قونۇر ئالىپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ئىلھام توختىنى ياخشى تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئىلھام توختى توغرىسىدا قىسقا سىن كۆرۈنۈشلەرنى ئىشلەپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىشىمىز كېرەك. ئۇنى تونۇشتۇرغان ماقالىلەر يېزىپ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغان ۋاقتىمىزدا تېخىمۇ كۆپ كىشى ئۇنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.»

ئەنۋەر جان ئەپەندى ئامېرىكا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى زىيالىيلارنىڭ ئىلھام توختىنى ئاكتىپ قوللاۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەدىكى زىيالىيلارنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيانقى 9 يىل ئىچىدە «ساخاروف مۇكاپاتى»، «مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ۋە تۈركىيەدىن «ئىسمايىل گاسپىرالى مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۇلاردىن سىرت ئۇ يەنە ئۇدا 4 قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.