تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 16-نويابىردا «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى»نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەن جان ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىلەرنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ھەيئىتىگە ئۆز پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئىلھام توختىنى 2023-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ھەيئەت ئەخمەت داۋۇتئوغلۇغا ئىلھام توختىنىڭ كۈرەش كەچۈرمىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى تەرەقىياتلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بۇ جەرياندا ئىلھام توختى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى بىلىم ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھادىسىلەر كىشىلىك ھەق ۋە ھوقۇق ماھىيىتىدەدۇر. ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى پەقەتلا ئۇنىڭ ئۆز پىكرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن جازادۇر. بىز ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازاغا نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز. ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشىگە پۈتۈن دۇنيا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلھام توختى نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق شەخىستۇر.»

9-نويابىردا تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك غەرب ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىمۇ، تۈرك دۇنياسىمۇ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارادا ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلمىغاچقا، يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ بىزنىڭ «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قىلىۋاتقانلىرى يېتەرلىكمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە بەك يېتەرسىز. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بۇلارنى تۈركىيە پارلامېنتىدا دېيىشنىڭ ئورنىغا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرگە بېرىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.»
ئۇچرىشىشتا ئەنۋەر جان ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ، ئىلھام توختىنىڭ خىتايدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى جەھەتتە ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەنۋەر جان ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ ئىلھام توختىنى 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ھەيئىتى، بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشنىڭ ئاخىرىدا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇغا داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت سىزغان «12 مۇقام» ناملىق رەسىمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى سوۋغات قىلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى تۈركىيەدىكى سەرخىل ئالىم ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئەخمەت داۋۇتئوغلىدىن سىرت ئىستانبۇلدا 4 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«كېلەچەك» پارتىيەسى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. بۇ پارتىيە قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بولسا تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندە، ئىككى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.