ئىلھام توختىنىڭ تۈرمە ھاياتىغا 6 يىل بولغاندا

0:00 / 0:00

2020-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە توپ-توغرا 6 يىل بولغان كۈندۇر.

6 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خەلقئارالىق سادالار بارغانسېرى كۈچەيدى. بۇ جەرياندا ئىلھام توختى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق كۆپلىگەن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلھام توختى 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە ئىزچىل تۈردە سۈكۈت قىلىپ كەلدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە تاشقىي دۇنياغا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكى خەلقئارا جامائەتنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىلەر بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۆز ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى 15-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نامىدىن بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەلقئارالىق بېسىم پەيدا قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنىڭ «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ 2020-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىر قىلىپ بەلگىلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىلەندۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە خەلقئارادا قوزغالغان ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش دولقۇنىنىڭ بېسىمىدا ئىلھام توختىنىڭ سوتلىنىش سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى بېرىشەك مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمما 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى ۋە ئاتۇشتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى يوقلاش ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېيىنكى 3 يىلدا ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىكىدەك بۇ ئەھۋالغا قارىتا غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددى تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىلھام توختى 2014-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 2006-يىلدىن بۇيان ئۆزى قۇرغان «ئۇيغۇربىز تورى» ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر مەنبەلىرىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان شۇنداقلا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىتلىگەن بىر شەخس سۈپىتىدە خەلقئاراغاا تونۇلغان ئىدى. ئەمما دەل مۇشۇ سەۋەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىپ 9 ئايدىن كېيىن، يەنى 2015-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «مىللىي قۇتراتقۇلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، ئەركىن تىبەت، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بايانات ۋە چاقىرىقلار ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.