20-21-يانۋار كۈنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر سەرخىلى ئىلھام توختىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئەنقەرەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە تۈرك ھۆكۈمىتىدىن، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەردىن، پارلامېنت ئەزالىرىدىن ۋە زىيالىيلىرىدىن «ئۇيغۇر سەرخىلى ئىلھام توختى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلسۇن» ماۋزۇلۇق دولقۇن قوزغاشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ، ئەنقەرە زىيارىتىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇرۇپپا مەسئۇلى ناجى بوستانچى ئەپەندى، ئىيى، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى ئاخمەت كامىل ئەروزان ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى ئۈمىت ئۆزداغ ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى ئىسمايىل قونجۇق ئەپەندى، يەنە پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت ئۈنلۈ چەۋىكۆز ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەروغلۇ ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەنۋەر جان ئەپەندى بۇلار توغرىلىق بىزگە مەلۇمات بەردى.
ئىلھام توختى 2004-يىلى ئۆزى تەسىس قىلغان «ئۇيغۇر بىز» تورىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە ماقالە ئېلان قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش يوللىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن بولغان باراۋەرلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا بېرىش ۋەدە قىلىنغان ئاپتونومىيەلىك قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى. بولۇپمۇ ئۇ 2008-يىلى خىتايدا ئېچىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئۇ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانىدى. ئۇ بۇنى 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئەنۋەر جان ئەپەندى تۈرك رەھبەرلەرگە نۇقتىلىق ھالدا ئىلھام توختىنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاتتى.
«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلاردا ئۇلارغا نۇقتىلىق ھالدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بىلەن ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، ئۇلاردىن ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا 20-21-يانۋار كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئوخشىمايدىغان نۇقتىدىن تۈرك سىياسەتچىلىرىگە ئاڭلىتىشتا پايدىلىق بولغانلىقىنى ئىزاھلىدى.
2015-يىلى تۈركىيەدە «ئىلھام توختى ۋە خىتاي مەسىلىسى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدە ئىلھام توختى ئانچە تونۇلمىغانىدى. مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ھازىرغىچە تۈركىيەدە ئىككى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، ئۇنى تۈركىيەدە ياخشى تونۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئىلھام توختى 2014-يىلى15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خەلقئارادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ۋە «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا قاتارلىق بىرقانچىلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئىلھام توختى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار تەرىپىدىن 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.
0:00 / 0:00