ئىلھام توختى 2022-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2022.01.28
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومېتىتى تۇتقۇندىكى ئىلھام توختى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆيىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2013-يىلى 4-فېۋرال، بېيجىڭ.
AP

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 28-يانۋار كۈنى، ئۇلار ئىلھام توختىنىڭ 2022-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە «مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخاشاش خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرى بىلەن كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلھام توختىنىڭ، 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە بىرنەچچە قېتىم «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى، 2019-يىلى ماركو روبىيۇ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ئىلھام توختىنى «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ماركو رۇبىيۇ، كىرىستوفىر سىمىت، كورىي گاردنېر قاتارلىق جەمئىي 13 نەپەر ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، ئىلھام توختىنى 2019-يىللىق «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. ئۇلار مەكتۇبىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ناھەق ھالدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى» نى بايان قىلغان ئىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم، ئىلھام توختىنىڭ 2022-يىللىق «نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئىلھام توختىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى خىتاي ئۈچۈن يەنە بىر قېتىملىق زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى تىنچلىق يولى ئارقىلىق، يەنى قەلىمى ۋە تىلى ئارقىلىق زېمىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان دەپسەندىچىلىكلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئۇيغۇر زىيالىسى ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ جازالانغان.

شۇ سەۋەبتىن، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى بىلەن تەقدىرلىنىشى، ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇستەملىكىلىك ۋە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلاتقىلى بولىدىكەن.

ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىلھام توختىغا سوت ئېچىپ، ئۇنى «مىللى قۇتراتقۇلۇق» ۋە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلدى. ئىلھام توختى يەنە «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مىللىي قەھرىمان» دەپ تەرىپلىنىپ، ئۇنىڭغان خەلقارادىكى نۇرغۇن نوپۇزلۇق مۇكاپاتلار بېرىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.