10-دېكابىردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە ئىلھام توختى قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى دىققەت نۇقتىسى بولدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراتماقتا.

بۇ يىللاردا 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 22-سېنتەبىر كۈنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى خەلئارانىڭ ئۈزلۈكسىز دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلدى.

بولۇپمۇ 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى «دىنىي ئەسەبىلىكنى تۈگىتىش»، «قايتا تەربىيەلەش» قاتارلىق ناملاردا لاگېرلارغا قامىشى، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن 400 دىن ئارتۇق كىشىنى «بۆلگۈنچىلىك»، «قۇتراتقۇلۇق» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قامىشى، خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

2017-يىلدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق يوقىرى قاتلامدىكى ئۇيغۇر سەرخىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى، خەلقئارادىكى خىتايغا بولغان ئەيىبلەش سادالىرىنى كۈچەيتتى.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، فولكلورشۇناس، دوكتۇر يېتەكچىسى ئابدۇكېرىم راھماننىڭ 2017-يىلى لاگېرغا قامىلىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، 2020-يىلى ئۆيىدىكى نەزەربەت مەزگىلىدە كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشى، ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرشۇناش تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئوقۇغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر مازارلىرى تەتقىقاتىدا خەلقئارادا تونۇلغان تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇت 2017-يىلى 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولدى. ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك نوپۇزلۇق ژورنال- «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، 70 ياشتىن ئاشقان قۇربان مامۇت 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدىكى ئامېرىكا زىيارىتىدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىدى ۋە 3 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىدى. بۇ ژورنالدا كۆپلىگەن ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور تەسىرى بولغان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق سەرخىللارمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىندى ياكى ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىدى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى خەلقئارادا جىددى ئىنكاس قوزغاپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى قويۇپ بېرىش تەلەپلىرىنى كۈچەيتتى.

بۇ 3 يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە خەلقئارادا تونۇلغان ئالىملارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئىلمىي جەمىيەتلەر، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار كۆپ قېتىملار باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ يىل 10-دېكابىردىكى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دىمۇ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى، ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە «تور مۇھاكىمە يىغىنلىرى» ئېچىلىپ، باياناتلار ئېلان قىلىندى.

9-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىلھام توختى قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە «تور مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا 1989-يىلدىكى تىيەنئەنمېن ئوقۇغۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ يېتەكچىسى ئۆركەش دۆلەت رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۆركەش دۆلەت تور مۇھاكىمە يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار زېمىنىنى بېسىۋالغان 70 يىلدىن بۇيان، ئاتالمىش «ئاپتونومىيە سىياسىتى» نى ھېچقاچان ئىجرا قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۆركەش دۆلەت يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارغا ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

9-دېكابىردىكى تور مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، 2017-يىلىدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بولۇپمۇ خىتاي خەلقىگە ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن.

مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ، فرانسىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مارى ھولسمەن خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلغان. ئۇلار سۆزىدە ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن ئوبېيكتى بولۇشىغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام ۋە ئابدۇقادىر جالالىدىنننىڭ ئوغلى بابۇر جالالىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر 7 يىلدىن بۇيان دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، ھازىر بۇ خىل ئېغىر قىسمەتنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر مۇنداق دېدى: «شۇنداق، دادام تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا 7 يىل بولاي دېدى. بۇ 7 يىل بەلكىم ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە خاتىرجەم ياشاۋاتقان باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ئۇچقاندەك تېز ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ماڭا ئوخشاش ئاتا-ئانىسى ياكى يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەر بىر كۈن بىر يىلدەك ئاستا ئۆتتى دىسەممۇ بولىدۇ. شۇ تاپتا ھىسسىياتىمنى توغرا ئىپادىلىيەلىدىممۇ-يوق، بىلمەيمەن.»

جەۋھەر 2017-يىلدىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ: «2017-يىلدىن بۇيان تۈرمىدىكى دادامنى يوقلاشتەك ئائىلە زىيارىتىمىز چەكلەندى. ھازىرغا قەدەر مەن ئۈچۈن ۋاقىت يەنىلا شۇ قەدەر ئاستا ئۆتكەندەك ھېس قىلىمەن. ھازىر مەن دادامنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن، ھەتتا ئۇ ھاياتمۇ ياكى ھايات ئەمەسمۇ، بۇنىمۇ بىلمەيمەن،» دېدى.

جەۋھەر يەنە بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل باستۇرۇشىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئىلھام توختى ئائىلىسىنىڭلا بېشىغا كەلگەن قىسمەت ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئېغىر قىسمەتتۇر. دادامغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان داڭلىق زىيالىيلار تۇتقۇن قىلىندى. راھىلە داۋۇت، تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غۇپۇر، يالقۇن روزىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەرخىللىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى ياكى قولغا ئېلىندى. بۇ ئەھۋال بۇنداق داۋاملاشسا بولمايدۇ. بىز بۇنىڭغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق بىگۇناھ كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن!»

ئابدۇقادىر جالالىدىنننىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بابۇر رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تۇتقۇندىكى دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە ئۆزى بىلگەن ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.

بابۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى 2-ئايدا دادىسى ۋە ئاپىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپىسى بىر يىل 2 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغان. ئەمما دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن يەنىلا تۇتقۇندا بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر دادىسى ئۈستىدىن سوت ئاچمىغان، دادىسىنىڭ نېمە سەۋەبىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «3 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان راھىلە داۋۇت» تېمىسىدا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن توردا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

يىغىندا دوكتۇر راھىلە داۋۇت ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولاتمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپىسى راھىلە داۋۇت ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بەرمىگۈچى بۇ خىل گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

10-دېكابىردىكى تور مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىم راين ساممۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ئەھۋالغا دۇنيانىڭ جىددى قارىشى كېرەكلىكى، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، شىركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى كېرەكلىگىنى تەكىتلىگەن.