ئىلھام توختى ئانىسى ناسىپخان قۇناخۇننىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەرسىز تۇرماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.09.19
ilham-tohti-ilham-toxti-anisi-apisi.jpg ئىلھام توختى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئانىسى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىدە يىغلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 16-يانۋار.
AP Photo/Andy Wong

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار فوندى» يېقىندا تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان پىروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى ناسىپخان قۇناخۇننىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىلچە ئاۋۋال ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇچۇردا ئىلھام توختىنىڭ ئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىگەنلىكى، ھەتتا ئۆلۈمىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان كۈنى ئانىسى ناسىپخان بېيجىڭدا ئىلھامنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تۇتقۇندىن ئۇزۇن ئۆتمەي يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن. يۈرەك پارىسىنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغىنىغا ئۆز كۆزى بىلەن شاھىت بولغان ناسىپخان ئانىنىڭ ئاتۇشقا كەلگەندىن كېيىن ئەسلىدە بار بولغان قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ يېتەكچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئىگىلىشىچە، 10 يىلچە كۆز يېشى قۇرۇمىغان ناسىپخان ئانا، 2022-يىلىنىڭ بېشىدا كۆرۈش قۇۋۋىتى تامامەن يوقالغان ھالەتتە ئاتۇش شەھەر ئىچىدىكى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا 76 يېشىدا جان ئۈزگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى ناسىپخان ئانىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى كەسكىن توندا رەت قىلدى. مەزكۇر قورۇنىڭ ئامانلىق خادىمى بولسا، ناسىپخان ئانىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنلا ئۇزىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆلۈمنىڭ ئاددىي ۋە تىنچ ئۇزىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم، ئۆلۈم مۇراسىمى جەريانىدا ساقچىلارنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلىنى ياكى زاراتگاھلىقنى نازارەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئانىسىنىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى دەلىللىدى.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتنىشالماسلىق ئەھۋالى ھەققىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

مەسىلىنى پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن يولۋاس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم خەۋىرى گەرچە ئاچچىق بولسىمۇ ئۆلگۈچىنىڭ يۈزىنى كۆرۈش، ۋەسىيەتلىرىنى ئاڭلاش، خىسلەتلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش مۇسىبەت ئىگىسىنىڭ قەلبىدىكى ئازابنى يېنىكلىتىدۇ. شۇنىڭدەك ھال سوراپ كەلگەن يۇرت جامائەتنىڭ دۇئا-تىلەكلىرى مۇسىبەت ئىگىسىنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتنى داۋالايدۇ. ئۆلۈم خەۋىرىنى كېچىكىپ ياكى ئۇشتۇمتۇت ئەھۋالدا ئاڭلاش بولسا جۇدالىق تۇيغۇسىغا ھەسرەت ۋە گۇناھكارلىق تۇيغۇسىنى قېتىپ، مۇسىبەت ئىگىسىنى ھەسسىلەپ ئازابلايدۇ.

شۇڭا يولۋاس ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇشىنى «ئىنسانىيلىقتىن چىققان قىلمىش» دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئىلھام توختىغا ئۈستىلەپ بېرىلگەن بىر جازا دەپ قارايدۇ. يولۋاس ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تۈرمە قانۇنلىرى مەھبۇسنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، مەھبۇسنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرى ۋاپات بولغان مەزگىلدە ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق، مەھبۇسقا ئىنسانىي نۇقتىدىن تەسىر كۆرسىتىش يولىنى تۇتىدۇ. دىكتاتۇرا ۋە مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ تۈرمە قانۇنلىرى مەھبۇسنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، مەھبۇسلارغا بۇنداق بىر ئىنسانىي مەرھەمەتنى ئارتۇقچە دەپ قارايدۇ ھەمدە بۇ مەزگىلنى ئۈستىلەپ جازالاشنىڭ بىر پۇرسىتى، دەپ تونۇيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.