بېلگىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا 11-دېكابىر كۈنى خىتايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر تەشەببۇس ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى (Samuel Cogolati) ، بىريۇسسېل ھۆرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Université Libre de Bruxelles) خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋانىسسا فىرەنگۋىللې (Vanessa Frangville) ۋە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېت پىروفېسسورلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 180 كىشى ئىلھام توختىنىڭ 2024-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشىنى قوللىغان.

جەۋھەر ئىلھام دادىسىنىڭ 2024-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ھەققىدە رادىيومىزنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئەگەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتى 2024-يىللىق ‹نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى› نى دادامغا بەرسە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دادامنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقى ۋە ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىك بولىدۇ. ئۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى دادامنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىسپات كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇكاپات خەلقئارا جەمئىيەتكە نوبېل تىنچلىق كومىتېتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ياكى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن سىياسىي بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ئايرىم مۇستەقىل گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. سىياسىي جەھەتتە قانداق بېسىملارنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ قارارى تەرەپسىز بولىدۇ. مەن يەنە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى، ئىلگىرىكىدەك خىتاينىڭ بېسىملىرىغا باش ئەگمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. »
بىريۇسسېلدا ئىلھام توختىنىڭ «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشىنى تەشەببۇسى قىلىش ئۈچۈن ئىلىم-پەن خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئاممىۋىي جەمئىيەتلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان. بۇ ئارقىلىق «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتقان.
بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ تەشەببۇس ئاجايىپ مۇھىم بىر ئىش بولدى. چۈنكى بىز خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلىقىنى بارلىققا كەلتۈردۇق. كانادادىن ياپونىيەگىچە، رىۋاندادىن ئاۋسترالىيەگىچە، تۈركىيەدىن فىرانسىيەگىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىلمىي خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ئۈچۈن كۆۋرۈك ياسىيالىغانلىقىمىزدىن پەخىرلەندىم. ئىلھام توختى يىللاردىن بىرى ‹نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى› بېرىلىش ئېھتىماللىقى بار شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پەقەت سىياسىيونلارلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىلمىي ساھەدىكىلەرمۇ ئىلھام توختىنى قوللايدىغانلىقنى بىلدۈرۈشتى. مەن بۇ قېتىملىق ھەرىكىتىمىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. بۇ ئارقىلىق دۇنياغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنىڭ چوقۇم توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتەلەيمىز. خىتاي ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلارنى جىمىقتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ باستۇرۇشقا ۋە زۇلۇمغا قارشى بىرلىكتە ئاۋاز چىقىرىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. »

ئىلھام توختىنىڭ نامىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ سەزگۈر تېمىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ سەۋەبتىن كۆزەتكۈچىلەر نورۋېگىيەدىكى نوبېل كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. چۈنكى 2010-يىلى نوبېل كومىتېتى ‹نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى› نى 2009-يىلى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ شياۋبوغا بەرگەن بولۇپ، بۇ ئىشتىن كېيىن خىتاي نورۋېگىيەگە بەزى جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا نوبېل كومىتېتى ئۇ خىل بېسىملارغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ھەتتا ئاشۇ خىل بېسىملار ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تونۇتقان. تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇ شياۋبوغا بېرىلىشى، پەقەت ليۇ شياۋبونىڭ تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى مۇكاپاتلاپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن خىتايدىكى، پۈتۈن دۇنيادىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ قىلغان كۈرەشلىرىگە بېرىلگەن مۇكاپات ئىدى. ئەگەر بۇ قېتىم ‹نوبېىل تىنچلىق مۇكاپاتى› ئىلھام توختىغا بېرىلسە، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. »
ئىلھام توختى 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيانقى 9 يىل مابەينىدە «ساخاروف مۇكاپاتى» ، «مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ۋە تۈركىيەدە «ئىسمايىل گاسپىرالى مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىلھام توختى ئىلگىرى-كېيىن جەمئىي 4 قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 2024-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش 31-يانۋار يېرىم كېچىدە توختايدىكەن. دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئۇنىۋېرسىتېت پىروفېسسورلىرى، خەلقئارا سوتنىڭ خادىملىرى ۋە سابىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرلا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكە ھوقۇقلۇق ئىكەن.