ئىلھام توختى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
2024.02.01
ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 1-ئايدا تۇتقۇن قىلىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي تەرىپىدىن 31-يانۋار كۈنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدىكى قىزى جەۋھەر ۋە گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە بۇنىڭغا بولغان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەلۇماتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
31-يانۋار كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي، نورۋېگىيەدىكى نوبېل كومىتېتىغا خەت يېزىپ، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، خوڭكوڭلۇق نەشرىيات سودىگىرى جىمىي لەي ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن شۈ جيوڭ، دىڭ جياشى قاتارلىق 4 كىشىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن.
1-فېۋرال كۈنى ئېچىلغان خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا جېف مېركلېي بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئىلھام توختى، جىمىي لەي، شۈ جىيوڭ، دىڭ جىيا شى قاتارلىق تۆتەيلەننىڭ مەزكۇر كومىتېت تەرىپىدىن 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان ئېلخەتتە، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دادىسى ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر خېتىدە دادىسى ئىلھام توختىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «مەن بۇ قېتىمقى نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشنىڭ بىزنىڭ خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلارنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن. جەۋھەر خېتىدە يەنە نوبېل كومىتېتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى بىلدۈرۈپ: «نوبېل كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ۋە تەخىرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە پۇرسىتى بار. چۈنكى بۇ قىلمىشلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئاللىقاچان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالدى. مېنىڭچە بۇ قېتىمقى نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش يەنە تۈرمىدىكى دادامنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگىمۇ ياردىمى بولۇشى مۇمكىن».
جەۋھەر ئىلھام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى باراۋەرلىكى ۋە قانۇنىي ھەقلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئاشكارا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندى، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى تەرىپىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئىلھام توختى ئەپەندى «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئاننانىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى 10 نەچچە خىل مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەزكۇر تەشكىلات ئىلھام توختىنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا تەۋسىيە قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىشىنىڭ ھەر جەھەتتىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ھازىرغا قەدەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى 14 خىل نوپۇزلۇق مۇكاپات بىلەن تەقدىرلەنگەن ۋە بىرقانچە قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.
ئەنۋەر جان ئەپەندى سۆزىدە، 2023-يىلى 4-ئايدا ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ۋە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ تەلىپى بىلەن بېلگىيە پارلامېنتىدا ئىلھام توختىنى «2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىشكە خەلقئارالىق ھەرىكەت باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىل 23 دۆلەتتىن 200 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە سىياسىيونلارنىڭ نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىغا خەت يېزىپ، ئىلھام توختىنى 2024-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي ئەربابلارنىڭمۇ ئىلھام توختىنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۇ، ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.
ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىسپات بېرىش يىغىنلىرى ئېچىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا ئوخشاش تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ھەر يىلى دېگۈدەك باياناتلار ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىلھام توختى ھەققىدە باياناتلار ئېلان قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىمۇ 2024-يىلى15-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ۋە ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.