دىنىي باستۇرۇشنىڭ ئىسپاتى-ئىلى دەرياسىنىڭ قازاقىستاندىكى بۆلىكىدىن سۈزۈۋېلىنغان «قۇرئان» لار

0:00 / 0:00

28-سېنتەبىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قازاقىستاندىكى بېلىقچىلارنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىن سۈزۈۋالغان كىتابلارنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇۋاتقان سىن كۆرۈنۈشى تورداشلار ئارىسىدا تارقىلىپ، ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ۋىدېيودا ئىككى قازاق كىشى سىرتقىي مۇقاۋىسىدىن «قۇرئان» ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابلارنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇۋاتاتتى.

سىن كۆرۈنۈشىدە بىر قىز بۇ ئۇلارنىڭ كىتابلارنى قەيەردىن، قانداق تېپىۋالغانلىقىنى سورايدۇ. بېلىقچىلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز بېلىق تۇتۇۋاتقاندا بىر سومكا تېپىۋالدۇق. ئىچىدە يالتىراققا چىڭ ئورالغان كىتابلار بار ئىكەن. بىز يالتىراقنى ئېچىپ قارىساق، ‹قۇرئان› ئىكەن. بىزنىڭ بۇ ۋىدېيونى چىقىرىشىمزدىن مەقسەت مەسچىت ياكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن ئادەم كەلسە، شۇلارغا تاپشۇرۇپ بەرسەك، دەپ ئويلاۋاتىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ بېلىقچىلار تۇرۇشلۇق يەر قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن چېگرالىنىدىغان ياركەنت ناھىيىسى ئايدارلى يېزىسى (يەنە بىر ئىسمى پانفېلوف يېزىسى) بولۇپ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم» لەرنى سۈزۈۋالغان بۇ دەريا ئۇيغۇر ئىلىدىن باشلىنىپ، غۇلجا ئارقىلىق قازاقىستان تېرىتورىيەسىگە ئېقىپ كېتىدىغان ئىلى دەرياسىنىڭ داۋامى ئىكەن.

بۇ كىتابلارنىڭ قانداق بولۇپ دەرياغا تاشلىۋېتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ قەيەردىن ئېقىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن سوئاللارغا تورداشلار ۋە شۇنداقلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھازىرغىچە ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك جاۋاب ئىزدىمەكتىكەن.

بىز بۇ «قۇرئان كەرىم» لەرنى دەريادىن سۈزۈۋالغان قازاقىستاندىكى بىلىقچىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ھەقتە بىر قەدەر ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشتۇق.

قازاقىستاندا قۇرۇلغان «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بابۇسسەلام ئوكۇتان ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ يۈرگەن دەريادىن سۈزۈۋېلىنغان كىتابلارنىڭ ۋىدېيوسىنى كۆرگەندىن كىيىن، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق نۇرلان ئەپەندىنى شۇ كىتابلارنى سۈزۈۋالغان بېلىقچىلارنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتكەن. نۇرلان ئەپەندى نەق مەيدانغا بېرىپ، سۈزۈۋېلىنغان كىتابلارنى ۋىدېيوغا ئېلىۋالغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرلان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئەمما كىتابلارنى دەريادىن سۈزۈۋالغان بىلىقچلىلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قېلىشنى رەت قىلدى. بېلىقچىلارنى زىيارەت قىلغان نۇرلان ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بېلىقچىلار 28-سېنتەبىر ‹قۇرئان› لارنى دەريا بويىدىن تېپىۋاپتۇ. مەن 8-ئۆكتەبىر بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈم.»

نۇرلان ئەپەندى ئۆزىنىڭ بېلىقچىلاردىن ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابلارنى ئۇلار غۇلجا تەرەپتىن ئېقىپ كېلىدىغان ئىلى دەرياسىدىن سۈزۈۋاپتۇ. بېلىقچىنىڭ ئايالى بۇ كىتابلارنى ھېچكىمگە بەرمەي، ئۆزۈم ئوبدان ساقلايمەن، دەيدۇ.»

نۇرلان ئەپەندى ئىسپات بولۇشى ئۈچۈن بېلىقچىنىڭ ئايالىنىڭ سۆزلىرىنى ۋىدېيوغا ئېلىۋالغان بولۇپ، ۋىدېيودا بۇ ئايال مۇنداق دېگەن: «28-سېنتەبىر يولدىشىم سېنىڭ كىتابىڭنى تېپىۋالدىم، دەپ مۇشۇ ‹قۇرئان› لارنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ ‹قۇرئان› لار تۇزلۇق سۇدا قالغانلىقى ئۈچۈن پاكىز سۇ بىلەن يۇيدۇم، ئەمدى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتىۋاتىمەن. بۇ ‹قۇرئان-كەرىم› ماڭا ئاللاھنىڭ ھەدىيەسى. چۈنكى بۇنى دەريانىڭ باش ئېقىنىدىكى بىر مۇسۇلمان ‹بۇ كىتابلارنى بىر مۇسۇلمان تېپىۋالسا ئەجەب ئەمەس، › دەپ سۇغا قويۇۋەتكەن. مەن بۇ ھەدىيەنى قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۆيۈمنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدە ساقلايمەن. ھېچكىمگە بېرەلمەيمەن. ئەگەر بىرەر تەشكىلاتتىن كېلىپ تەكشۈرمەكچى بولسا ئۆيۈمگە كېلىپ تەكشۈرسە بولىدۇ.»

نۇرلان ئەپەندى بۇ بېلىقچى ئائىلىسىدىن «قۇرئان» لاردىن بىر دانىسىنى ئۆزىگە ئىسپات ئۈچۈن بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلار كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلغان.

دەريادىن سۈزۈۋېلىنغان «قۇرئان» لارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بېلىقچىنىڭ ئۆيىگە ئادەم ئەۋەتكەن، «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بابۇسسەلام ئوكۇتان ئەپەندى بۇ «قۇرئان» لارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي باستۇرۇشىنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم ئىسپات بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن قازاقىستاننىڭ ياركەنت ناھىيەسى ئايدارلى يېزىسىدىكى بېلىقچىلارنىڭ ۋىدېيوسىنى كۆردۈم. ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كۆرۈپ: ‹ھە، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىن كەپتۇ› دەپ بىلدىم. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يۈزلەرچە ‹قۇرئان كەرىم› سۈزۈۋېلىنغان. لېكىن ھېچبىرى بۇ شەكىلدە ۋىدېيو ئارقىلىق ئاشكارىلانمىغان. بىزنىڭ قولىمىزدا 2018-يىلى سۈزۈۋېلىنغان بىر ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ بىر دانە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار. يېڭىدىن تېپىلغان ‹قۇرئان› لارنى سۈزۈۋالغۇچىلار ئۆزىمىز ساقلايمىز، ھېچكىمگە بېرەلمەيمىز دەپ بەرمىدى.»

بابۇسسەلام ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئىلى دەرياسىنىڭ قازاقىستان تەۋەسىدىكى بۆلىكىدىن بىلىقچىلار نەچچە يىللاردىن بېرى مۇشۇنداق كىتابلاردىن خېلى كۆپنى سۈزۈۋالغان.

رادىيومىزدا لوپ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «قانۇنسىز كىتاب» دېلوسىدا سامپۇل يېزىسىنىڭ باشلىقى بىلەن بىرلىكسەپ كادىرىنىڭ «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇشى ئېغىرلارشقانسىرى دىنغا ئائىت كىتابلارنى ساقلاشقا ئامالسىز قالغان خەلق كىتابلارنى سۇدا ئېقىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ‹قۇرئان›، جەيناماز، ئايەت ۋە باشقا دىنىي كىتالارنى ساقلىغانلار. بىز ئۇيغۇرلار ‹قۇرئان كەرىم› گە ھۆرمەت قىلىمىز. تاشلىنىپ قېلىشنى خالىمايمىز. شۇڭا خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ بالىسىنى دەرياغا قويۇۋەتكەندەك، بىزنىڭ خەلقىمىزمۇ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ‹قۇرئان› لارنى دەريانىڭ تۆۋەن ئىقىمىدىكى مۇسۇلمانلار تىپىۋالغاي، دەپ دەرياغا ئېقىتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.»

مەلۇم بولغىنىدەك، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى خەلقئارادا ئىزچىل كۈنتەرپتە تۇرماقتا. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلام ئەسەبىيلىكى بىر كېسەللىك، ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تەربيەلەۋاتىمىز» دېگەن سۆزى ھەممىگە مەلۇم. تۇرغۇنجان ئەپەندىمۇ غۇلجا تەرەپتىن دەرياغا تاشلىنىپ، چېگرا سىرتىغا ئېقىپ چىققان بۇ «قۇرئان» لار خىتايدىكى دىنى باستۇرۇشنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

«قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مۇھەممەت سالىھ داموللام 2017‏-يىلى 12‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي يىغىۋېلىش لاگېرىدا ۋاپات بولغان ئىدى.