«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 22-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە «ئىلىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى نەچچە مىڭ دېھقان-چارۋىچىغا ئىش پۇرسىتى ياراتتى» سەرلەۋھەلىك تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم» تۈرى بويىچە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان توقۇمىچىلىق ۋە سانائەت باغچىسىدىكى ئىشچىلار سانىنىڭ 5000 غا يەتكەنلىكى، بۇ يەردىكى پەلەي زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا بازارلاردا زور پايدا ياراتقانلىقى بايان قىلىنغان.
بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، غۇلجا ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچىسىنىڭ زاۋۇت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ بىر نەپەر خىزمەتچى خادىمىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيەلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» تۈرى نامىدا نۇرغۇنلىغان «سانائەت باغچىلىرى» ، شىركەت-فابرىكىلار ۋە توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرى قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار شۇ جايلاردىكى ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەمىنلىشى بىلەن مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەن دېھقان-چارۋىچىلار ئىكەن. ئۇلار بىر تۇتۇش باشقۇرۇش ئاستىدا ئەڭ تۆۋەن مائاش تەمىناتى، يەنى خىتاي خەلق پۇلى بويىچە ئايدا 1000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولغان تۆۋەن ئىش ھەققىگە ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەشنى خالىمىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆزى خالىغانچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن، شۇڭا ئۇلار ئامالسىز بۇ يەردە ئىشلەشكە مەجبۇر ئىكەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا تەشۋىق قىلىنغان بۇ «سانائەت باغچىسى» ، دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن «ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» دۇر. رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 2020-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، بۇ شىركەتنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى شۇنچە قاتتىق بېسىم ۋە ئەيىبلەشلەرگە قارىماي، مەزكۇر شىركەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتكەنلىكى، نۆۋەتتە بۇ يەردىكى قۇل ئىشلەمچىلەر سانىنىڭ 5000 دىن ئاشقانلىقىنى ئوچۇق تەشۋىق قىلىشى، چەت ئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەر ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا.
نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قازاق مىللىتىدىن بولغان لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى، 26-سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، غۇلجا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «سانائەت باغچىسى» دىكى پەلەي زاۋۇتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خەۋىرىنىڭ تامامەن پەردازلانغان ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا مەزكۇر زاۋۇتتا ئىشلىگەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنىڭ ھېلىھەم ئېسىدىن چىقمىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
گۈلزىرەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2018-يىلى غۇلجا ناھىيەسىدىكى پەلەي زاۋۇتىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە، ئىشلەمچىلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى ئۇنىڭغا ئوخشاش لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان تۇتقۇنلار، شۇنداقلا ئەتراپتىكى يېزىلاردىن مەجبۇرىي توپلاپ كېلىنگەن دېھقان-چارۋىچىلاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن. ئەينى چاغدا ئۇلارغا ھەر بىر پەلەي ئۈچۈن خىتاي خەلق پۇلى ھېسابىدا 10 تىيىندىن ھەق بېرىلگەن. ھالبۇكى، ئۇنىڭ شۇ چاغدا مەزكۇر زاۋۇتتىكى نازارەتچى كادىرلاردىن ئاڭلىشىچە، ئۇلار ئىشلىگەن خۇرۇم ۋە يۇڭدىن ياسالغان ھەر بىر جۈپ پەلەينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، ھەتتا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازارلىرىدا سېتىلىش باھاسى 200 يۈەن ئەتراپىدا بولغان ئىكەن.
ئۇ يەنە 2018-يىلى غۇلجا ناھىيەسىدىكى مەزكۇر پەلەي زاۋۇتىدا ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر سانىنىڭ 2-3 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، 2023-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە مەزكۇر زاۋۇتتىكى ئىشلەمچىلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ 5000 كىشىگە يەتكەنلىكى، 6 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» نىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايوندىكى خىتاي شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن 10 نەچچە سائەتلەپ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىشى، چوقۇم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى ۋە مۇناسىپ تەدبىر ئېلىنىشى كېرەك ئىكەن.
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلغان دۆلەتتۇر. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» دا تىلغا ئېلىنغان غۇلجا ناھىيەسىدىكى «سانائەت باغچىسى» غا قۇرۇلغان «ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» 2020-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، ئۇنى 2022-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
ۋاشىنگتوندىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» دە ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان جەۋھەر ئىلھامنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى» نى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىدە بەزىبىر يوچۇقلار مەۋجۇت ئىكەن. يەنى قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان مەھسۇلاتلار بۇ قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن. خىتاي شىركەتلىرى بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، قىممىتى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى» نى ئامازون قاتارلىق تور بازارلىرى ئارقىلىق، ئامېرىكا بازارلىرىغا داۋاملىق كىرگۈزمەكتە ئىكەن.
جەۋھەر ئىلھامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىشلىمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىۋاتقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قەدىمى يەنىلا ئىنتايىن ئاستا بولماقتا ئىكەن.