يېقىندا غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 20 گە يېقىن ئوقۇتقۇچىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇلاردىن 8 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەلۇم قىلىنغانلاردىن 6 نەپىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. دەلىللىنىشىچە، ماركسىزم ئىنستىتۇتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇللا ئىسمائىل «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ 2018 -يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىدارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتچى، ئۇنىۋېرسىتېت ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى ئابدۇللا ئىسمائىل 2018 -يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئىنكاستا ئابدۇللا ئىسمائىلنىڭ دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدا مەكتەپ تەرەپتىن ماسلىشىپ خىزمەت قىلغان ئىككى كىشىنىڭ ئىسىم ۋە تېلېفون نومۇرلىرى خاتىرىلەنگەن. بۇلاردىن بىرى، مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىر خادىمى بولۇپ، بۇ خادىم دەسلەپتە ئابدۇللا ئىسمائىلنى تونۇمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى، بىز سوئاللىرىمىزنى تەكرارلىغاندىن كېيىن، تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق بىر جايدا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ئابدۇللانىڭ نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى پەرھات قادىرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئابدۇللا ئىسمائىل ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلىدە دەرستە ئەلاچىلىقى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئالاھىدە پۇتبول ماھارىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قابىلىيىتى بىلەنمۇ داڭ چىقارغان. 1962 -يىلى سۈيدۆڭدە تۇغۇلغان ئابدۇللا ئىسمائىل، 1981 -يىلى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كافېدراسىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىنستىتۇتنى 1985 -يىلى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېپقالغان.
ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئۇنىۋېرسىتېت ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئابدۇللا ئىسمائىل 2017 -يىلدىن باشلاپ، مەكتەپتە گۇمانلىق شەخسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ۋە ئارىلاپ سوراق قىلىنىشقا باشلىغان. دەسلەپكى سوراق مەكتەپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئىنكاستا يەنە شۇ يىلدىكى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خادىمىنىڭ تېلېفون نومۇرىمۇ خاتىرىلەنگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسئۇل خادىم، ئۆزىنىڭ ئابدۇللا ئىسمائىل بىلەن 5 يىلچە ئاۋۋال كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئابدۇللا ئىسمائىل توغرىلىق ماتېرىيال توپلاپ ئالاقىدار ئورۇنغا يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىنكاستا يەنە ئابدۇللا ئىسمائىلنىڭ بىرقانچە خىل ئاتالمىش جىنايەت بىلەن قارىلانغانلىقى قەيت قىلىنغان، ئەمما كونكرېت قايسى جىنايەت ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. مەزكۇر ئىنتىزام تەكشۈرۈش خادىمى ئەينى چاغدا ئابدۇللانىڭ ئىككىيۈزلىمىچىلىك گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى بەختىيار ناسىر ئەپەندىمۇ ئەينى يىللاردا ئابدۇللا ئىسمائىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەكتەپتە ئوقۇغان. دېيىلىشىچە، ئابدۇللا ئىسمائىل، بېيجىڭدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا پەلسەپە ئىلمىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەزكۇر خادىمى، ئابدۇللانىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرقانچە مەمۇرى ئورگىنىدا ئەمەل تۇتقانلىقىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ 2018 -يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇللا ئىسمائىل «ئىلى گېزىتى» قاتارلىق بىر تۈركۈم گېزىت- ژۇرناللاردا، ماركسىزم نەزەرىيەسىگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇللا ئىسمائىلنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.