بۇ يىل 2014-يىلى يەكەننىڭ ئىلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرىدا روزا ھېيت ھارپىسىدا يۈز بەرگەن «28-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» غا 7 يىل بولدى. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنى «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ» يېزىلىق ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى «توپىلاڭ» دەپ ئاتاپ، توقۇنۇشتا 96 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگۈچىلەرنىڭ 59 نەپىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى، 37 نەپىرىنىڭ پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 96 كىشى ئىكەنلىكى، 250 دىن كۆپ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ يالغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 28-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنى «28-ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىغان.
باياناتتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئەمەلىيەتتە ئىلىشقۇ، خاڭدى قاتارلىق ئىككى يېزىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپلۈكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنىڭ يەكەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن تۈركىيەدە 2019-يىلى رەسمىي تىزىملىتىپ ئەنگە ئېلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى نۇرىدىن ئىزباسار ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «28-ئىيۇل يەكەن ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مىللىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلىدى.
نۇرىدىن ئىزباسار ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ، 2014-يىلى يەكەندە مەزكۇر قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن مەزگىللەردىكى ئەھۋاللارنى يېقىندىن بىلىدىغان بىر قىسىم گۇۋاھچىلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارنى بايان قىلىپ، ئەينى چاغدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقى نى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش بىلەن تونۇلغان يەكەنلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2014-يىلى روزا ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى روزا ھېيتنى يەكەندىكى ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پويىز بىلەن يۇرتى يەكەنگە قايتقانىكەن. ئۇ ۋەقەدىن كېيىنكى 2 ھەپتىنى يەكەندە ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇشى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەنىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 28-ئىيۇل كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچىدىن يەكەنگە كەلگەن پويىزدىن چۈشۈشى بىلەنلا يەكەن پويىز ئىستانسىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كۆرگەن. ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن دادىسىدىن شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لاردا ئىلىشقۇ يېزىسىدا قوراللىق باستۇرۇش باشلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندى يەنە ئەينى چاغدا، ئىلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلاتتى.
ئابدۇللا ئارىش ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى، يەنى رامزاننىڭ 1-ھەپتىسى يەكەن بازىرى تاشيولىدا يۈز بەرگەن «جامال ھاجىم ئائىلىسىنىڭ ئۆلۈم پاجىئەسى» نىڭ يەكەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى شۇنداقلا 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان ئىلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بۇ يېزىلاردىكى تۈگمەن بېشى، تېرەكلەڭگەر قاتارلىق كەنتلىرىدىكى روپاش ئاياللارنى تەكشۈرۈپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋە رامزان ھارپىسىدا نوچى يېزىسىدىكى مەسچىتتە تەراۋىھ نامىزىدىن ئەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتقان ئاياللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر ئېلىشقۇ، خاڭدى يېزىلىرىدا روزا ھېيت ھارپىسىدا بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئوت پىلتىسى بولغانىكەن.
«شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى نۇرىدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى باستۇرۇشتا قوراللىق ساقچىلارنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئىشقا سالغانلىقىنى، بۇ ئىككى يېزىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق ۋە تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەتتە يىلدىن بۇيان 2014-يىلى يۈز بەرگەن «28-ئىيۇل ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى خەۋەر-ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق جازالىغان. دائىرىلەر 2014-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى يەكەنلىك 21 ياشلىق ئابابەكرى مۇھەممەتنى «ۋەقە ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان» «چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان. دائىرىلەر يەنە ئۇنى تېلېۋىزوردا سۆزلىتىپ، ئۆز «جىنايىتى» گە توۋا قىلدۇرغان. كېيىن دائىرىلەر ئۇنى 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
يەتتە يىلدىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 2014-يىلدىكى «28-ئىيۇل ئىلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» دا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلان قىلىشىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە «ۋەقە ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ 9 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئابابەكرى مۇھەممەتنىڭ تەقدىرىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە.