«ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە يارىلانغان كەنت سېكرېتارى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.07.30
ghulam-toxti-abdugheni-turdi.jpg 2014-يىلىدىكى يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئاھالىلەرگە قېتىپ ئېتىۋېتىلگەن دۆڭباغ يېزا باشلىقى غۇلام توختى ۋە يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردى.
oqurmen teminligen

مەلۇم بولۇشىچە، 5 يىل ئاۋۋال يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە يېزا باشلىقى غۇلام توختى بىلەن بىرلىكتە ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ ھۆكۈمەت تەرەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان كەنت سېكرېتارى ئابلىمىت ئۆمەر خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىگە قارىتىپ پەرقلەندۈرمەي ئوق چىقارغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قاچقان ۋە قېچىش جەريانىدا ئېتىزلىقتىكى بىر ياردىن يىقىلىپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەن. ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندە، يەنى 2017-يىلى ئۇنىڭ ئەنە شۇ قېتىم خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەن.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئەمما بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مۇھاجىرلاردىن بىرى 2014-يىلىدىكى يەكەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە يارىلانغان 26‏-كەنت سېكرېتارى ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ شۇ چاغدا سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ۋە ئەينى چاغدا بۇ ئىستېپانى توغرا چۈشەنگەن دائىرىلەرنىڭ ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندە، ئەھۋالغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ۋە ھۆكۈمەتكە قارشىلىقنىڭ ئالامىتى» دەپ بېكىتكەنلىكى ۋە ئۇنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن يەركەندىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. يەركەندىكى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ خادىملاردىن بىرى ئابلىمىت ئۆمەر دەپ بىرىنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر ساقچىخانىدىكى بىر خادىم «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» گە ئالاقىدار ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەكەندىكى يەنە بىر ساقچى خادىمى 17 يىللىق كەنت سېكرېتارى ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. دېيىلىشىچە، ئابلىمىت ئۆمەر ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى يېزا باشلىقى غۇلام توختىنىڭ تېلېفونىدىكى بۇيرۇقىغا بىنائەن ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ۋە يېزا باشلىقى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش ۋەقە چىقارغۇچىلارنى ساقچىلارغا تەسلىم بولۇشقا دەۋەت قىلغان. ئەمما دەل مۇشۇ مەزگىلدە خىتاي ئەسكەرلىرى ئاتالمىش ۋەقە چىقارغۇچىلارغا قارىتا قارا-قويۇق ئوق چىقارغان. يېزا باشلىقى غۇلام توختىغا ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆرگەن ئابلىمىت ئۆمەر نەق مەيداندىن قېچىپ مىڭ تەسلىكتە جېنىنى قۇتقۇزغان. بۇ جەرياندا ئېتىزلىقتىكى بىر ياردىن يىقىلىپ بىر پۇتى سۇنۇپ كەتكەن. يەكەندىكى ساقچى خادىملىرىدىن بىرى ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ «28-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەن كۈنى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن نەق مەيداندا بارلىقى ۋە يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

تۈركىيەدىكى يەنە بىر يەكەنلىك مۇھاجىر (شەخسىي بىخەتەرلىك تۈپەيلى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان) نىڭ يەنە دېيىشىچە، شۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن يارىلانغان ۋە يارىدارلارنىڭ يارىسىنى تاڭغان بارلىق كىشىلەر، ۋەقەگە ئارىلاشقان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىلگەن ياكى ئاز دېگەندە 6 ئاي قاماقتا ياتقان. ئەمما ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ نەق مەيدانغا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بارغانلىقى ۋەقەدە ئۆلگەن يېزا باشلىقى غۇلام توختىنىڭ تېلېفون خاتىرىسىدىن مەلۇم بولغاچقا بىر ئايلا قاماقتا ياتقاندىن كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇۋېتىلگەن. يەكەندىكى مەلۇم ساقچىخانىنىڭ بىر ساقچىسى ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرەلمىدى.

تۈركىيەدىكى يۇقىرىقى يەكەنلىك كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئىلگىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى رەت قىلغان ۋە ياكى خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەنلەرمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن يۇقۇملىنىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن ۋە سوراققا تارتىلغان. يەكەنلىك مۇھاجىرمۇ ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبلىك خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىشىنى دائىرىلەرنىڭ ئۇنى ئەينى چاغدىكى تۇتقۇن ھەرىكەتلىرىدە ۋەزىپىدىن قېچىش دەپ قارالغانلىقى ۋە بۇنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرى» دەپ بېكىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مەزكۇر ساقچى خادىمى ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ پۇتى سۇنغانلىقى ئۈچۈن سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقى ۋە خىزمەتتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ سېكرېتار ئابلىمىت ئۆمەرنىڭ «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» دە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدىن قېچىش جەريانىدا پۇتى سۇنغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

بىز مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن يىلى ۋەقەدە ئۆلگەن ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربان» يېزا باشلىقى غۇلام توختىنىڭ ئايالىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. بۇ ئايال يولدىشىنىڭ خىتاي تەرەپ دېگەندەك ئاتالمىش «تېررورچىلار» تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى. ۋەقەدە ئۆلگەن يەنە بىر ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربان» يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ئابدۇغېنى تۇردىنىڭ ئايالىمۇ يولدىشىنىڭ پىچاقتا ئەمەس، بەلكى ئوقتا ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قارا-قويۇق ئوققا تۇتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.