قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان مەتبۇئات سەھىپىلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تالانتلىق ئۇيغۇر شائىرى، «ھايات داۋانلىرى»، «دوستلارغا سوۋغا»، «ئۆمۈر شۇنداق ئۆتىدۇ»، «مېنىڭ بىلەن مۇڭداشقىن» قاتارلىق شېئىرىي توپلاملارنىڭ ئاپتورى ئىلىيا بەختىيانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.
ئىلىيا بەختىيا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرى قازاقىستاندا ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ پوئىزىيە ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشقان ھەمدە شېئىرلىرى ئاساسىدا ناخشىلار يېزىلىپ، خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرىدۇر. يېقىندا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تور ئارقىلىق «ئىلىيا بەختىيا-قۇتلۇق ماكان كۈيچىسى» ماۋزۇسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا جەمئىىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، ئالىملار، مۇئەللىملەر، يازغۇچىلار، ياشلار قاتناشتى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلقى ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموف ئىلىيا بەختىيانىڭ پەقەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل قازاقىستان ئەدەبىياتىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بىر شائىر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قايتا-قايتا نەشىر قىلىنىپ، تەۋەللۇتلىرىنىڭ خاتىرىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە مۇشۇ يىلنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا شائىرنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ئاچىنوقا يېزىسىدا ئەدىبنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ مۇراسىمنىڭ ئۆتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ داڭلىق شائىرنىڭ يۇرتدىشى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا «ئىلىيا بەختىيا-قۇتلۇق ماكان كۈيچىسى» ماۋزۇسىدا مەخسۇس دوكلات بەردى. ئۇ ئەدىبنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىجادىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.
يىغىندا سۆزگە چىققان يەنە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گۈلسۈم ئابدۇراخمانوۋا، مۇقاغالى ماقاتايېف قازاق خەلقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سۆيۈملۈك شائىرى ۋە پەرزەنتى بولسا، ئىلىيا بەختىيانىڭمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق، سۆيۈملۈك شائىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ شائىرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت لىرىكىسىنىڭ، پۇقرالىق لىرىكىسىنىڭ، ساتىرا ژانېرىنىڭ، بالىلار پوئىزىيەسىنىڭ ھەرتەپلىمە بېيىشىنى تەمىنلىگەن ئەدىپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ھەر ئىككى شائىرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە، تۇغۇلغان يۇرتىغا، ھاياتقا زور مۇھەببەت باغلىغانلىقىنى، ئىلىيا بەختىيانىڭ پەقەت شائىرلا ئەمەس، بەلكى ھەم تەرجىمان، ھەم ژۇرنالىست بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى، خەلقارا «قۇتادغۇ بىلىك» ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئەبلەت سەمەت بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى نورۇز بايرىمى بىلەن تەبرىكلىدى. ئۇ ئىلىيا بەختىياغا ئوخشاش ئەدىبلەر ئىجادىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەشئەل بولۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «84-85-يىلدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ قازاقىستاندتكى نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر، شائىرلىرىمىزنىڭ ئىدىيەلىرى بىزنىڭ يۇرتىمىزغا يېتىپ باردى. بۇ شېئىرلارنىڭ تەسىرى بىلەن بىزدە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ تۇغۇلدى. ئىلىيا بەختىيا شېئىرلىرىنىڭ ئانا يۇرتتا نەقەدەر مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. شۇ ۋاقىتتا ئانا يۇرتتا نەشىر قىلىنىدىغان گېزىت-ژورناللاردا ئىلىيا بەختىيانىڭ شېئىرلىرى تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى.»
قىرغىزىستاندىن «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەرجان باۋدۇنوف «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى نامىدىن جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئالىملار كېڭىشىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇھىم ۋە مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ ئىلىيا بەختىيانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقانلىقىنى، 1955-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيا سەمەدى، خېلىل ھەمرايېف، مەسۈمجان زۇلپىقاروف قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ كۆچۈپ چىقىپ، قازاقىستان سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىيا بەختىيا شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغانلىقىنى، خاتىرە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەدىبكە يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ھۈسەن ئىسكەندەروف، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تاشكەنت ۋىلايەتلىك بۆلۈمى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى نىجات نىيازوف، شۇنداقلا مۇخبىر گۈلباھار خانىم ئىلىيا بەختىيا تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇلار ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلار ئىلىيا بەختىياغا ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش ئارقىلىق، ياش ئەۋلادنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تونۇلغان يازغۇچى ۋە دراماتۇرگ ئەخمەتجان ھاشىرى ئەپەندى شائىر ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇڭ-زارىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيدىغان خەلق ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كۆڭلىمىز ناھايىتى يېقىن ئىدى. بىزنىڭ ئۆيلەرگە پات-پات كېلىدىغان. شېئىرلارنى ئوقۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆسۈۋاتقان ياشلار ھەققىدە، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ تۇرىدىغان. ئۇ قازاق خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى مۇقاغالى ماقاتايېف بىلەن بىللە كېلىپ، ئەدەبىيات، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، جەمئىيەتتىكى ئەھۋاللار توغرىلىق پاراڭ قىلاتتى، مۇڭدىشاتتى.»
ئەخمەتجان ھاشىرى يېقىندا قازاقىستاندا ئىككى ئايدا بىر نەشىر قىلىنىدىغان «مۇقاغالى» ناملىق ژۇرنالدا ئىلىيا بەختىيانىڭ 90 يىللىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان چوڭ ماقالە ئېلان قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىلىيا بەختىيا بىلەن مۇقاغالى ماقاتايېف ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئارقىلىق ئىككى قېرىنداش خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇقنى، سەمىمىيلىكنى، تەقدىرداشلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىرەم باراتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئىلىيا بەختىيا زامانداش ھەم قەلەمداشلىرىدىن كەسكىن پەرىقلەنگەن ھالدا ئۆزىگە خاس ئاۋازى بىلەن پوئىزىيە سەھنىسىدە كۆرۈنۈپ، خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك شائىرىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە ئەدىپ قەلىمىگە مەنسۈپ شېئىرلارنىڭ مۇخلىسلىرى ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرىدۇر: مۇئەللىم، دوختۇر، ئىشچى-دېخان، ناۋايلار. . . ئەڭ ياخشىسى، ئىلىيا بارلىق خەلقنىڭ قەلبىگە يول تېپىپ، مەنىۋىي جەھەتتىن يېقىن دوستى بولالىدى. ئىلىيا بەختىيا-ھايات تەتقىقاتچىسى. ئۇ ئۆمۈر يولىنى ھەرتەرەپلىمە ئۈگىنىپ، كۆرگەن، بايقىغان، شاھىتى بولغان تالاي كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىچە باھالىغان ھالدا، مەنىۋىي ماھىيىتىنى ئېچىپ، تەھلىل قىلىدۇ. ئىلىيا-ئۆمۈر كۈيچىسى. شائىر باشتىن كەچۈرگەن تالاي سىناقلارنى ئوي تارازىسىدا ئۆلچەپ، خۇلاسە-يەكۈن چىقارغان ھالدا كىتابخان نەزەرىگە تەغدىم قىلدى.»
يىغىندا مۇنبەرگە چىققان باشقىمۇ دوكلاتچىلار ۋە سۆزلىگۈچىلەر ئىلىيا بەختىيانىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئىلىيا بەختىيا 1932-يىلى ئالمۇتا ۋىلايتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاچىنوقا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1937-يىلى ئۆزبېكىستاندا خىزمەت قىلىدىغان دادىسىنىڭ ئىنىسى، دادىسىدىن كىچىك ئايرىلغان بەش ياشلىق ئىلىيا بىلەن بىللە ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسىنى تاشكەنت شەھىرىگە ئېلىپ كېتىدۇ. پېداگوگلار ئائىلىسىگە كېلىپ قالغان كەلگۈسى شائىر مەكتەپكە تەييارلىنىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ «ئالپامىش» داستانىنى يادلاپ بارىدۇ. 1941-يىلى ئۇ تۇغۇلغان يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. غالجات، كەتمەن يېزىلىرىدا دەسلەپكى بىلىم ئالغان ئۇ 1953-يىلى ئالمۇتادىكى ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قازاق تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ كەتمەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلىدۇ. 1958-يىلى «جازۇشى» نەشرىياتىغا مۇھەررىر بولۇپ كېلىدۇ. كېيىنىرەك رادىيو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىراتىدا باش مۇھەررىر ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ. 1973-يىلى ئىلىيا بەختىيا موسكۋا شەھىرىدىكى ئىككى يىللىق گوركىي نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ ھەم ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ. شائىر ئىلىيا بەختىيا 1988-يىلى 55 يېشىدا ۋاپات بولغان.