قازاقىستاندا ئۆتكەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى مەسىلىلىرى قارالدى

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ۋە ئانا تىللىق مائارىپى ساقلىنىۋاتقان بىردىن-بىر ئەل بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ 7-ئاۋغۇستتا ئالمۇتادا ئۆتكەن «مىللىي مائارىپ-مىللەت ئىستىقبالى» ماۋزۇسىدىكى يىغىندا يەنە تەكىتلەندى.

يىغىن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرى، ئالىملار، پۇبلىتسىست، ۋە جامائەت ئەربابلىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى كوممۇنار تالىپوفنىڭ 75 يىللىق ھەم ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئەنۋەر ھاجىيېفنىڭ 65 يىللىق تەۋەللۇتلىرىغا بېغىشلانغان. تور ئارقىلىق ئۆتكەن بۇ يىغىن قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى تەركىبىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئۇنىڭ كېڭەش ھەم شۆبىلىرى، شۇنىڭدەك ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

بۇ يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرى، ياشلار قاتناشتى. ئۇنىڭدا كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ كۆپچىلىكنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئانا تىلى، مىللىي مائارىپ مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. بۇنىڭدىن تاشقىرى كوممۇنار تالىپوف ۋە ئەنۋەر ھاجىيېفقا ئوخشاش ئالىم ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ قازاقىستاندا ئۇيغۇر مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىلىرى تەكىتلەندى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىل.

دەسلەپ سۆزنى ئالغان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف: «بۈگۈنكى خەلقئارا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار، دوكلات قىلغۇچىلار كوممۇنار تالىپوف ۋە ئەنۋەر ھاجىيېف ھەققىدە كەڭ توختىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇلارنىڭ ئالىم سۈپىتىدە قازاقىستاننىڭ كېلەچىكىگە، ئۇنىڭ راۋاجلىنىشىغا، مائارىپ ساھەسىگە قوشقان ئۈلۈشلىرى توغرىلىق كەڭ تەھلىل قىلىپ توختىلىدۇ، ئەلۋەتتە» دەپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلىگەن.

ئۇ بۇ ئىككى شەخسنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ۋەزىپىسىدىن تاشقىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان، بولۇپمۇ ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشقا مۇناسىپ ھەسسە قوشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ناتىق يەنە بولۇپمۇ كوممۇنار تالىپوف بىلەن بىر يۇرتلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى تالىپنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى، مەرھۇمنىڭ بولۇپمۇ ئىنسانىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كۆپچىلىك ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شاھىرمەردان نۇرۇموف مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش دۇنيانىڭ ئۇلۇغ نامايەندىلىرىنىڭ مىراسىنى بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، كوممۇنار تالىپوف ۋە ئەنۋەر ھاجىيېفتەك ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ ئەنە شۇلارنىڭ مىراسخورلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شاھىمەردان نۇرۇموف قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۈت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ۋەكىللىرىدىن «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكبەرجان باۋدۇنوف ئەپەندى ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ خېلى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا تەرەققىيات تاپقان بولسىمۇ، ئەمما ئوبيېكتىف سەۋەبلەرگە بولا كېيىن ئۇنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەكبەرجان باۋدۇنوف بۈگۈنكى كۈندە قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىللىق يا سىنىپ، يا مەكتەپلەرنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ھازىر دۇنيادا بىردىن-بىر قازاقىستاندا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى، ئەنە شۇلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى ھەرتەرەپلىمە قوللايدىغانلىقىنى، بۇ جەھەتتە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆزبېكىستان تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالىمجان زايېتوفمۇ مىللىي مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى مەدەنىي ئالاقىلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا بار كۈچنى سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقلىقىدىن كۆپ قىيىنچىلىقلار كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزگە چىققان تۈركىيەلىك مېھمانلاردىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مەغپىرەت كامال، تاشكەنتتىكى سېرگېلى ۋە يېڭى ھايات ناھىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پائال ئىشتىراكچىسى، «تىل-مىللەتنىڭ ئاچقۇچى» ئىجتىمائىي تورىنىڭ تەشەببۇسكارى ئىززەتبۈۋى نەسىردىنوۋا، شۇنىڭدەك ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر ۋە پانفىلوف ناھىيەلىرىدىكى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئۇستازلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا ئانا تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئانا تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىش، مىللىي مائارىپ ساھەسىدە كېلەچەكتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«مىللىي مائارىپ-مىللەت ئىستىقبالى» ماۋزۇسىدىكى بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قاتناشقۇچىلىرى ئۆز دوكلاتلىرىدا كوممۇنار تالىپوف ۋە ئەنۋەر ھاجىيېفلارنىڭ مىللىي مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىشلىرىغا يۇقىرى باھاسىنى بەردى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ چىقىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە ئىلمىي، جەمئىيەتلىك ھەم پېداگوگىكىلىق پائالىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى قازاقىستاندا ياشاۋاتقان يۈزدىن ئوشۇق مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى ئابرۇي قازىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى قازاقىستاندىكى ئىسمى دۇنياغا تونۇلغان، ناھايىتى مەزمۇنلۇق، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقان چوڭ مەركەز ئىكەنلىكى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئابرۇي-ئىناۋىتىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىنچىدىن، شاھىمەردان ھۆسەيىن ئوغلىنى قازاقىستان پرېزىدېنتى يېنىدىكى مىللىي قۇرۇلتاينىڭ ئەزاسى قىلىپ سايلىشىنىڭ ئۆزى خەلقىمىزگە، مەركەزگە بولغان نەقەدەر ھۆرمەت ئىكەنلىكىنى سېزىۋاتىمىز. مەركەزنىڭ بىۋاسىتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى زور.»

يىغىندا سۆزگە چىققان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق فىلولوگىيەسى ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا بولۇپمۇ ئانا تىلىغا، ئانا تىللىق مەكتەپلەرگە بولغان دىققەت، غەمخورلۇق بارغانسېرى ئۆسۈۋاتىدۇ. داۋاملىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ مۇشۇ كۈنگىچە بىزنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەر يوق ئەمەس. ئانا تىللىق مائارىپىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك قىممەت ئىكەنلىكىنى بىزنىڭ قىرغىزىستانلىق، ئۆزبېكىستانلىق ۋە تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. مەن ئويلايمەنكى، بىز بارلىقىمىز بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندىلا قازاقىستاندىكى ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.»

«مىللىي مائارىپ-مىللەت ئىستىقبالى» ماۋزۇسىدىكى بۇ يىغىندا قازاقىستانلىق زىيالىيلاردىن رۇسلان ئارزىيېف «مىللىي مائارىپ تەرەققىياتىدا ك. تالىپوفنىڭ رولى»، رەخمەتجان غوجامبەردىيېف «سۆزى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەزىمەتلەر»، شائىرەم باراتوۋا «مىللىي مائارىپ تەرەققىياتىدا ئە. ھاجىېفنىڭ رولى»، گۈلچەھرە سادىروۋا «ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ بۈگۈنكى نەپىسى» ماۋزۇلىرىدا دوكلاتلار قىلىندى.

ئۇنىڭدا شۇنىڭدەك مەرھۇملارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش بويىچە تەكلىپلەرمۇ چۈشتى.