خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىسىم سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى گۇۋاھلىق ۋىدېيولىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىگە سۇنماقتا. پارچىلانغان ئائىلىلەرنىڭ چەتئەلدىكى ئەزالىرى ھەرخىل يوللار بىلەن ۋەتەندە تۈرمىگە ۋە لاگېرلارغا سولانغان قېرىنداشلىرىنىڭ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا.
تۈركىيە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان 22 ياشلىق ئىلشات ئابدۇلئەھەتنىڭ ئائىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى.
ئىلشات ئابدۇلئەھەت 2015-يىلى 11-ئايدا مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان بولۇپ، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى ئانىسى ۋە سىڭىللىرى مىسىرغا ئۇنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن كەلگەن. كىيىن ئىلشاتنىڭ دادىسى ئابدۇلئەھەت جۈمە ئەپەندىمنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايتىپ كېتىش خىيالىدىن ۋاز كەچكەن. ئىلشات ئابدۇلئەھەت بۇ جەرياندا مىسىردا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام تېئولوگىيەسىدىن دەرس ئالغان. كېيىن مىسىردىكى ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىغا ئەگىشىپ ئانىسى ۋە سىڭىللىرى بىلەن بىرگە ئىستانبۇلغا يېنىپ كەلگەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ۋەتەندىكى بىر تۇغقىنىدىن دادىسىنىڭ 18 يىللىق، ئاكىسىنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر كەلگەن.
ئىلشات ئابدۇلئەھەتنىڭ دادىسى ئابدۇلئەھەت جۈمە (ئابلەت ھاجىم مودۇڭ) ئەپەندىم 1963-يىلى تۇغۇلغان. خوتەن شەھىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ تىجارەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تىجارەتلىرى ئەرەب دۆلەتلىرىگىچە كېڭەيگەن ئىكەن. 2017-يىلى بىرىنچى ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن. نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، نېمە سەۋەبلىك تۈرمىگە سولانغانلىقى ھەققىدە ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
ئىلشات ئابدۇلئەھەت زىيارىتىمىز داۋامىدا دادىسىنىڭ ئۆزىنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى ياكى سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان بولۇشى مومكىن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە دادىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق، دادام سودا قىلىش ئۈچۈن قانۇنلۇق پاسپورت بىلەن تۈركىيەگە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. مەن مىسىردا ئوقۇيتتىم، مېنى زىيارەت قىلغىلى مىسىرغا كەلگەن، ھېچقانداق جىنايىتى يوق ئىدى. دادام خوتەندە تونۇلغان تىجارەتچى ئىدى. ئۈچ يىلدىن بىرى دادامنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. بىز ئۈچ يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ئانام ۋە سىڭىللىرىم بىلەن دادىسىز، ئۆينىڭ تۈۋرىكىسىز ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىي مەنبەيىمىزمۇ دادامنىڭ تۇتۇلۇشى بىلەن ئۈزۈلدى. بىز ئۆزىمىز ئىشلەپ، ئۈچ يىلدىن بىرى جىنىمىزنى جان ئېتىپ كېتىۋاتىمىز.»
ئىلشات ئابدۇلئەھەتنىڭ ئاكىسى ئابابەكرى ئابدۇلئەھەت 29 ياشتا بولۇپ ئۈچ بالىسى بار ئىكەن. سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭ قولى مېيىپ ئىكەن. ئۇ 2017-يىلى 4-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، 2017-يىلى 3-ئايدا بۆرەككە تاش چۈشكەنلىكى سەۋەبلىك قايتا ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئىكەن. تېخى تولۇق ساقايمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىپ داۋالىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئىلشات 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاكىسىنىڭ 10 يىل كېسىلگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغان. ئىلشات ئابدۇلئەھەت زىيارىتىمىز داۋامىدا ئاكىسى ئابابەكرى ئابدۇلئەھەت ھەققىدە ئەندىشىسىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلشات ئابدۇلئەھەت ئۈچ يىلنىڭ ياقى ئاكىسى ۋە دادىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايۋاتقان بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋەتەندىكى بىر تۇغقىنىدىن كەلگەن يەنە بىر ئۇچۇردا دادىسىنىڭ 18 يىل، ئاكىسىنىڭ 20 يىل كېسىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقى، تېلېفون ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
ئىلشات ئابدۇلئەھەت ھازىر ئىستانبۇلدا ئۈچ سىڭلىسى ۋە ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارغا ۋەتەندىن كېلىدىغان ئىقتىساد ئۈچ يىل بۇرۇنلا توختىغان بولۇپ، تۇغقانلىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئىكەن.
ئىلشات ئابدۇلئەھەت خەلقئارا جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خەلقئارا جەمئىيەتتىن ھەر قايسىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ماڭا ياردەم قىلىشىنى، ناھەق تۈرمىدە يىتىۋاتقان ئاكام ۋە دادامنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە شۇنىڭدەك ناھەق تۈرمىدە يېتىۋاتقان مىليونلىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى، بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە ئىكەن.