«ئۈرۈمچى سۈبھى ئۆي مۈلۈك شىركىتى» نىڭ خوجايىنى ئىلياس مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.04.05
Subhi-Soda-Sariyi-Ghulja.jpg غۇلىجىدىكى سۇنھى سودا سارىيى.
Social Media

2001‏-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان، كېيىنچە غۇلجا، كورلا ۋە يەكەنلەردە تارماق شىركىتىنى ئېچىپ ئۆي-مۈلۈك سودىسىدا قەد كۆتۈرگەن «ئۈرۈمچى سۈبھى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ خوجايىنى ئىلياس مەمەت 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدىلا تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ ھەقتە بىر يىلنىڭ ئالدىدا رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇردا ئۇنىڭ غۇلجىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا غۇلجىدىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ئىلياس مەمەتنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن يىلى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، «ئۈرۈمچى سۈبھى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» نىڭ دىرېكتورى ئىلياس مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. غۇلجىدىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ئىلياس مەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. غۇلجا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشى ئىلياس مەمەتنىڭ 2017‏-يىلى بىر قېتىم تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، 2018‏-يىلى قايتىدىن تۇتۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. ئىلياس مەمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئىلياسنىڭ تۇنجى قېتىم 2017‏-يىلى 5‏-ئايدا تۇتۇلغانلىقى ۋە گۇچۇڭ قاماقخانىسىدا 100 كۈن ياتقانلىقى، ئۇنىڭدىن كېيىن 2018‏-يىلى 3‏-ئايدا غۇلجىدىكى خىزمەت بىناسىدىن قايتا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلياس مەمەت ئۇيغۇر رايونىدا ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالدىنقى قاتاردىكى سودىگەرلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچىدە «ۋىسال مېھمانخانىسى»، «سۈبھى سودا سارىيى» قاتارلىق بىنالارنى سالغاندىن كېيىن كورلا ۋە غۇلجىدىمۇ ئۆز شىركىتى نامىدا سودا ساراي ۋە ئاھالىلەر بىنالىرىنى سالدۇرغان ئىكەن. خىتايچە تور ئارخىپلىرىدىكى خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، «ئۈرۈمچى سۈبھى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى» 2001 ‏-يىلى قۇرۇلغان. كېيىنچە بۇ شىركەتنىڭ كورلا، يەكەن ۋە غۇلجا تارماقلىرىمۇ قۇرۇلغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمى «سۈبھى سودا سارىيى» نىڭ ساھىبى ئىلياس مەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى. ئۇ بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن ئىلياس مەمەت ئەسلىدە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىياريۈزى يېزا گەمە كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە تىجارەت ھاياتىنى دادىسى نىياز مەمەت بىلەن بىرلىكتە قاق سودىسىدىن باشلىغان. كېيىن ئىنىلىرى غىياس نىياز ۋە ۋاققاس نىيازلار بىلەن بىرلىكتە ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا كېڭەيتكەن. بەش پەرزەنتنىڭ دادىسى بولغان ئىلياس مەمەت بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا ئۇنىڭ چەتئەل ساياھىتىدىن ياكى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىدىن چاتاق تېپىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.