خوتەن بوستان مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇن 500 كىشىلىك بايراق چىقىرىش يىغىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خوتەن بوستان مەسچىتىنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇننىڭ ئالدىنقى يىلى سۇلتانەم مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر بايراق چىقىرىش يىغىنىدا 10 نەچچە سەپدىشى بىلەن بىرلىكتە جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى خادىملار 500 كىشىلىك جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن توختاخۇن قاتارلىق 10 نەچچە كىشىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى ساقچى ماشىنىسىغا بېسىپ ئېلىپ ماڭغان. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە شۇ كۈنىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە مەلۇمات بەرمىگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا 3 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاشتا ساقچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئىشخانىلىرىدا ئولتۇرۇپ ئاھالىلەرنى چاقىرتىپ ئەكېلىش يولىنى تاللىغان بولسا، بەزىدە يېرىم كېچىدە ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ مېڭىش يولىنى تاللىغان. ئەمما يەنە بەزى چاغلاردا بولسا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا تارتىپ ئاچىقىش ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ مېڭىش يولىنى تۇتقان. ساقچىلارنىڭ بۇنداق پەرقلىق يول تۇتۇشتا تۇتقۇنلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايىتى» نىڭ خاراكتېرىنى ئاساس قىلىۋاتقانلىقى ياكى ئۆز مەيلى ۋە كەيپى بويىچە ئىش تۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى بىر كەنت سېكرېتارى خوتەن چوڭ بازاردىكى بوستان مەسچىتنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇننىڭ ئاھالىلەر كومېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر بايراق چىقىرىش يىغىنىدا 500 كىشىلىك بىر جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 30 نەچچە ياشلاردىكى ئىمام تۇرسۇن توختاخۇن شۇ كۈنى 10 نەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە ئىسمى ئوقۇلۇپ، ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان ۋە ساقچى ماشىنىسىغا بېسىپ ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىر ئىلھام ۋەلى قاتارلىق 4 كىشىنى يىغىن زالىدا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا تۇتقۇن قىلغان ۋە قوللىرىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭغان ئىدى. يەنە يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شەرەپ ھېيتنىڭ بىر يىغىن زالىدا قولىغا كويزا سېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار يىغىن زالىدا ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، يىغىن ئەھلى بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ مېڭىلغان. ئەمما بوستان مەسچىتنىڭ ئىمامى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئىسمى ئوقۇلغاندا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلۇۋاتقانلىقى ۋە نەگە ئەكىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپچىلىككە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئىلگىرى خوتەندە بىر يىل قاماقخانا ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان ئۆتكەن ئايلاردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزگىلدە خىتاي تەرەپنىڭ گۇماندارلارنى تۇتۇش، باشقۇرۇش ۋە سوراق قىلىش جەريانىدا جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ساقچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئېتىبارلىق كىشىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ كۆزى ئالدىدا تۇتقۇن قىلغاندىن باشقا، يەنە بەزىدە قاماقخانىدىكى ئاز-تولا ئەمىلى بار تۇتقۇنلارنى كوچا ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ۋە پاكىت سۈپىتىدە كامىردىشى، سابىق ساقچىخانا باشلىقى تۇرسۇنتوختى مەتتوختىنىڭ سازايى قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بوستان مەسچىتنىڭ ئىمامى تۇرسۇن توختاخۇننىڭ نەدىلىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغىمۇ، يۇرت-جامائەتكىمۇ تا ھازىرغىچە ئۇچۇر بەرمىگەن.