2 نەپەر ئۇيغۇر ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي ئالىملارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقى بولغان «خەلقئارا ئىماملار مەجلىسى» گە قوبۇل قىلىندى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەركىزى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىدە بولغان «خەلقئارا ئىماملار مەجلىسى» 17-سېنتەبىر د ئۇ ق بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىغان. 21-سېنتەبىر بۇ كېلىشىمنىڭ ئەسلەتمىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان. كېلىشىمگە «خەلقئارا ئىماملار مەجلىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىمام موھەممەد ئال-بۇدائىرى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىمزا قويغان. مەزكۇر كېلىشىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىكلىرى ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش ئىدىيەلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«خەلقئارا ئىماملار مەجلىسى» ئوخشاش بولمىغان ئىرق، مىللەت، مەزھەپ ۋە گورۇھلارغا تەۋە بولغان 49 دۆلەت ۋە رايوندىن 1000 دىن ئارتۇق ئىمام ئەزا بولۇپ كىرگەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 800 دىن ئارتۇق تارماق ئورگانلىرى بولغان ھۆكۈمەتسىز دىنىي تەشكىلات ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات «ئەقىل-پاراسەت ۋە نەسىھەت يوللىرى بىلەن ياخشىلىقنى تەشەببۇس قىلىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سۆز ۋە مەرتىۋىنىڭ يۈكسەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بارلىق ئاشقۇن ئىدىيەلەر، خاتا قاراشلارغا ئىلمىي يوسۇندا قارشى تۇرۇش، ئىسلامىي بىلىمنى توغرا تارقىتىش، باراۋەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش. . .» قاتارلىقلارنى خىزمەت پىرىنسىپى قىلغان ئىكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەتلىرىگە پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى قۇلاق يوپۇرۇۋالغان، ھېلىھەم سۈكۈت قىلىۋاتقان بىر زاماندا د ئۇ ق نى ئۆزلۈكىدىن ئىزدەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يار-يۆلەكتە بولۇشنى خالايدىغانلىقى بىلدۈرگەن ھەمدە د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلغان.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «خەلقئارا ئىماملار مەجلىسى» بىلەن د ئۇ ق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا بىرقانچە قېتىم تېلېفون ۋە تور سۆھبىتىدە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان، مۆتىدىل ئىسلامىي ئىدېئولوگىيەگە ئىگە خەلقئارالىق بىر ئورگان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا، جۈملىدىن ئەرەب دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
«خەلقئارا ئىماملار مەجلىسى» گە پەخرىي ئەزا بولۇپ كىرگەن ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشتىكى مەقسەت ۋە بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ، بۇندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىرغا قەدەر ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىغا قارىتا ئۆز ھۆكۈمىتى نامىدىن كەسكىن، ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىدى. ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى ھېسابلانغان «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» مۇ بۈگۈنگە قەدەر كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ كەلمەكتە. بەلكى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران قاتارلىق ئۆزلىرىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ پاسىبانى سانايدىغان دۆلەتلەر خىتاينىڭ مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارا قوللاپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىنمۇ خەلقئارادا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈتلىرىگە قارشى ئەيىبلەشلەر بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، «خەلقئارا ئىماملار مەجلىسى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا، جۈملىدىن ئەرەب دۇنياسىغا ئاڭلىتىش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زاتنى ئۆز تەشكىلاتلىرىنىڭ پەخرىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلغانلىقى ئالقىشقا سازاۋەر زور ھادىسە ھېسابلىنىكەن.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا يەنە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ھېچقانداق مەزھەپ، ئىرق، مىللەت ئايرىماي ئۆزلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، مىللىي ئىرادىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00