تۇركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاۋاز قوشقان

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ئۈستىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئەرز قىلىش ۋە تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلات باشلىغان تور ئارقىلىق «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئىمزا قويۇڭ» ماۋزۇلۇق بىرلەشمە ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە تۈرك جامائەتچىلىكى ئاكتىپ ئاۋاز قوشماقتا. بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل كىشىلەردىن بىرى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مەزكۇر ئەرزنامىگە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى ئون مىڭغا يېتەي دەپ قالغان. بۇ بىرلەشمە ئەرزنامىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى، ئىسلام كونفېرېنسىيەسى تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى 21-ئەسىردە ئىنسانىيەتكە قارشى جىناسەت سادىر قىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى تاقىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىشى تەلەپ قىلىنغان. بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن باياناتچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقپى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە باشقىلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن تارقىتىلغان ئەرز ئىلتىماسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىگە، ياۋروپا پارلامېنتىگە، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتىغا، ئىسلام كونفېرېنسىيەسى تەشكىلاتىغا ۋە تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنۇش ئۈچۈن بىر پارچە بىرلەشمە ئەرزنامە تەييارلىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەدىچىلىكلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئىمزا قويسا بولىدۇ. مەزكۇر ئەزرنامىنىڭ ئاستىدا بىر جەدۋەل بار، ئۇ يەرگە ئىسىم، فامىلىسى، ئېلخەت ئادرېسى ۋە تېلېفون نۇمۇلىرىنى يازسا بولىدۇ».

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى مەزكۇر قول قويۇش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ 2 مەقسىتى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا ئىككى مەقسىتىمىز بار. بىرىنچىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ب د ت باشلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش. ئىككىنچى مەقسىتىمىز بولسا تۈركىيەدە جامائەت پىكرى توپلاش. بىز بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 4 چوڭ تەشكىلات ۋە ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندىلەر بىلەن بىرلىكتە ‹ئاممىۋى تەشكىلاتلار كىشىلىك ھوقۇقى گۇرۇپپىسى›نى قۇردۇق. مەزكۇر پائالىيىتىمىزگە كىشىلەر، تەشكىلاتلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ئەرزنامىگە ئىمزا قويۇۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرۇسا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بىر خىزمەت بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».

بۇ ئىمزا قويۇش پائالىيىتى 26-ئىيۇن كۈنى باشلانغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرلەشمە ئەرزنامىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى، ئىسلام كونفېرەنسىيەسى تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھوقۇقلىرى كومىتېتىغا تاپشۇرىدىكەن. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى پائالىيەتنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار، مەشھۇر شەخسلەر، قانۇنچىلار، تونۇلغان ژۇرنالىستلارنىڭمۇ قوللاۋاتقانلىقىنى، ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك راديو ئاڭلىغۇچىلار «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكادا ھەم خەلقئارا چوڭ ئاخباراتلاردا كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەدىمۇ كەڭ-كۆلەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىغانىدى. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىقىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيانىڭ شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىنمۇ چۈشۈپ قالدى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا ۋە تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ پائالىيەتنى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ئىمزا قويۇش پائالىيىتىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئارقىلىق تۈرك جامائەتچىلىكىگە مەلۇمات بېرىلگەن بولدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە كۈن تەرتىپكە كەلگەن بولدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەدە ياخشى بىلىنىدۇ، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ بۇنچىلىۋالا ئېغىر ئىكەنلىكى بىلىنمەيتتى».

بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ باشقىلارنى ئىمزا قويۇشقا رىغبەتلەندۇرىۋاتقان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى شەۋكەت قانات ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تۈركىيەدە بىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئىمزا پائالىيىتىگىمۇ كىشىلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئىمزا قويۇش پائالىيىتىگە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقپى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قوللاۋېتىپتۇ.

تېخى 2 ھەپتە بۇرۇن يانى 26-ئىيۇن كۈنى 100 تۈرك ئادۋوكات ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ب د ت غا بىرلەشمە ئەرزنامە سۇنغانىدى.