ئۇيغۇر قىزى ئىنتىزار ئاۋسترالىيە پارلامېنت سايلىمى رىقابىتىگە تەييار بولدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ چوڭقۇرلاۋاتقانلىقى ۋە ھەر ساھەدە ھەتتا سىياسەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. بۇلتۇر مارتتا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان ئادېلايدتىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىگە يېقىن جايدا خىتاينىڭ يېڭىدىن كونسۇلخانا ئېچىشى بولسا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرلارغا قامالغان، ۋەتىنىگە قايتالمايۋاتقان، ۋەتىنىدە خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئاۋسترالىيەدە ئادالەت تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

20-مارت كۈنى، جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى ئادېلايد شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ شەھەرگە بۇلتۇر بىر خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىش پائالىيىتىدە، 28 ياشلىق ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىنتىزار ئىلھام ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە، ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن دۇنياغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە قارشى رىقابەتكە تەييار بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

شۇ كۈنى بۇ خەۋەر، ئاۋسترالىيە ئا ب س خەۋەرلىرى 7 قانىلىدىمۇ خەۋەر قىلىنغان. نامايىشتىن كېيىن ئۇيغۇر جامائىتى ئىنتىزار ئىلھامنىڭ، ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن لىبېرال ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى قوللاش يۈزىسىدىن مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزگەن.

جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى ئۆزىنى قوللاش ئۈچۈن يىغىلغان ئۇيغۇر جامائىتىگە ئىنتىزار ئىلھام ئۆزىنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ «بەزىلىرىڭىز بىلگەندەك، مەن ئىزچىل ناخشا ئېيتىشقا قىزىقىمەن. بۇندىن كېيىنمۇ ھەم بۇ قىزىقىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئۆزۈمنىڭ ئامراق كەسپىمنىمۇ داۋاملاشتۇرىمەن» دېگەن سەمىمىي سۆزلەردىن كېيىن، مۇبادا سايلامدا غەلىبە قىلالىسا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى خىتاينىڭ پۇلىغا سېتىلىدىغان چىرىكلىككە خاتىمە بېرىدىغانلىقىدەك ياش سىياسىيونلارغا خاس ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن ۋە پارلامېنت نامزاتلىقى ئۈچۈن تەييارلىغان باياناتىنى كۆپچىلىككە سۇنغان.

ئۇ تەمكىنلىك بىلەن سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «ئاۋسترالىيەلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئېيتقانلىرىدىن ئەمدى ئويغىنىۋاتىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت. بىز بۇنى ئۇلارنىڭ بوزەك قىلىشلىرىدىن، ئاۋسترالىيە دېموكراتىيەسى ۋە جەمئىيىتىگە بولغان تەھدىتلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىيونلىرىمىزنى سېتىۋېلىپ، كارخانىلىرىمىز ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئاۋسترالىيە سىياسىتىمىزنى بۇلغاپ، بۇزۇپ كەلدى ۋە بۇ قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، پارلامېنتىمىزدا بۇ ھەقتە چىقىرىلغان قارارلار ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىزنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىمىزدە ھەر بىرىمىز يىللاردىن بېرى ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلدۇق. بىز خىتاينىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك رەھىمسىزلىكى ۋە نېمىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەمدىن ياخشى بىلىمىز. خۇداغا شۈكرى، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا قارشى جىم ئولتۇرمايدىغان، ئۇيغۇر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەيدىغانلار بار. ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىزنىڭ سىياسەتچىلىرىگە موھتاج».

ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتى سايلىمىدەك بۇ بۈيۈك بىر سىياسىي رىقابەتكە قانىشىش ئىرادىسىنى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بايان قىلغان:

«لىبېراللار پارتىيەسى گەرچە خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنتايىن ئاستا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. سەمىمىي ئاۋازغا كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئىنتىزارلىقىنى بىلىمەن. پارلامېنتتا بىزگە ئوخشاش كىشىلەر بولغاندىلا، ئاندىن ھەممە ئادەمگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەقىقىي ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىز شۇنىڭغا لايىق. ۋاقتى كەلدى. ھەر بىر ئاۋسترالىيەلىك، خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە ۋە چىرىكلىكنى تۈگىتىشتە ھۆكۈمەتنى جاۋابكارلىققا تارتالايدىغان رەھبەرگە لايىق. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى ياكى ئاۋسترالىيە قىممەت قارىشىمىزنى قىسقا مۇددەتلىك پۇلغا ساتمايدىغان رەھبەرگە لايىق. ئەگەر مەن سايلانسام، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن، ھەممىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. مەن تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئاۋسترالىيە قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. مەن جەمئىيىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلىمەن، كۆيۈنىمەن. بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى بۇرچۇم دەپ بىلىمەن ۋە بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىمەن. ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك كېچىكىمىز».

ئىنتىزار ئىلھامنىڭ سايلامدىكى تەشۋىقات ئىشلىرىغا يېقىندىن مەسلىھەت بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئادېلايدتىكى دىلزات ئەپەندى، ئىنتىزاردەك ئۆزى ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە سىياسىي ئىستىقبالىغا باغلىيالىغان، ئۇيغۇرلۇقىنى ئۇنتىمىغان غايىلىك ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دىلزات ئەپەندى يەنە ئىنتىزارنىڭ پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەسكىن سايلام جەريانىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قەدەم باسقۇچلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۇنجى پارلامېنت نامزاتى ئىنتىزار ئىلھام ئۆزىنىڭ نامزاتلىق سايلىمى ئۈچۈن تارقاتقان تەشۋىقات ماتېرىياللىرىغا ئېنىق قىلىپ: «مەن بارلىق كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسەتلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن. مەن ئۆزۈمنى بۇ دۆلەت ۋە دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى ماكانغا ئايلاندۇرۇشقا بېغىشلايمەن. مەن پارلامېنتتا سىزنىڭ ئاۋازىڭىز بولىمەن»، دەپ يازغان. ئاۋسترالىيە پارلامېنتى 151 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ بۇ يىل مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان فېدېراتسىيە پارلامېنت سايلىمىدا ئىنتىزارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارلامېنت نامزاتلىرىغا بېلەت تاشلىنىدىكەن.