ئۇيغۇر قىزى ئىنتىزار ئاۋسترالىيە پارلامېنت سايلىمى رىقابىتىگە تەييار بولدى (2)

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، دېموكراتىك ئەللەردىكى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، كىشىلىك قىممەت قارشى بويىچە شۇ جايدىكى ئەۋزەل مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي شرائىتلاردىن بەھرىمان بولۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلات ئۇيغۇر ياشلىرى ھەر ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنمەكتە. 28 ياشلىق ئاۋسترالىيە پۇقراسى ئىنتىزار ئىلھام، ئاۋسترالىيەدە چوڭ بولغان، ئۆزىنىڭ يۈكسەك غايىلىرى بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ئەنە شۇ خىلدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى.

ئىنتىزار ئەزەلدىن «ئاۋسترالىيەنىڭ سىياسىي ساھەسىگە كىرىمەن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسىمۇ سىياسىي رىقابەتلەرگە كىرىمەن» دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.

سايلام ئىشلىرى، يىغىن-پائالىيەتلەر ۋە سىياسەت ساھەسىدىكى ئۇچرىشىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان ئىنتىزار ۋاقىت ئاجرىتىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەقسىتىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەي قالماسلىقى ئۈچۈن، سوئالىمىزغا ئېنگىلىزچە جاۋاب بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئاۋسترالىيە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ پارتىيىگە ۋاكالىتەن پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بىر ئاۋازى بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويماسلىقنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسىگە قاتنىشىپ كاندىدات بولۇش قارارىغا كېلىشتە، بۇ پارتىيەنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كىچىك ۋە تېخى يېڭى بىر پارتىيە بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە سىياسىي پرىنسپلىرىدا چىڭ تۇرىدىغان تەرەپلىرىدىن قايىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىنتىزار ئۆزىنىڭ پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىدا، يېقىندا ۋاپات بولغان ۋىكتورىيىلىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى سېناتور كىمبېرلېي كىتچىڭ خانىمنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇ بايانتاىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «كىمبېرلېي خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىشلىرىمىزنى ئەڭ ئاكتىپ شەكىلدە قوللاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى قۇرغان ۋە ئاۋسترالىيە ‹ماگنىتسكىي قانۇنى› نى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچىگەن ئاساسلىق سىياسەتچى ئىدى. كىمبېرلېي خانىمنىڭ روھى بىزنى دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن، ھەر ۋاقىت ئادالەت ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى كىمبېرلىي كىتچىڭ خانىمنى دائىم ئەسلەيمىز!»

بىز ئىنتىزاردىن «ئەگەر بۇ سايلامدا ئۇتۇپ، پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانسىڭىز، كىمبېرلىي كىتچىڭ خانىمنىڭ مەيدانى ۋە يولىنى داۋام قىلىش ئىرادىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدۇق.

ئۇ جاۋابىدا «شۇنداق، مەن ھەر زامان سۆز ۋە باياناتلىرىمدا كىمبېرلىي كىتچىڭ خانىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە تۆھپىلىرىنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. چۈنكى كىمبېرلىي خانىمنىڭ پارلامېنتتىكى سەمىمىيلىكى، ئۇنىڭ ئادالەتنى ياقلاشتىكى قەتئىيلىكى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىرادىسى بىزنى دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، ھەر ۋاقىت ئادالەت ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا ئۈندەپ كەلدى. ئەلۋەتتە، مەن پارلامېنتقا كىرسەم، ئۇنىڭدەك كۈچلۈك بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن!» دېدى.

بىز ئىنتىزاردىن بوش ۋاقىتلىرىدا نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ئۇ ياش قىزلارغا خاس شوخلۇق بىلەن ئىنتايىن سەمىمىي ھالدا: «مەن ئۆزۈمنىڭ ‹ئۇۋىلاش-ساغلاملىق مەركىزى› دىكى كەسپىي ئۇۋىلاقچى (chiropractor) كەسپىمنى ياخشى ئىشلەپ ۋە ئوبدان باشقۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. مەن ئادەتتە ۋاقتىمنى ئۇۋىلاقچىلىق كەسپىم بىلەن بىمارلارنى ئاغرىقتىنئازابىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئىشلەپ ئۆتكۈزىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن، سەھنىدە ناخشا ئېيتىمەن. ھازىر بىر دوستۇمنىڭ تويىدا ناخشا ئورۇنلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چېنىقىشنى ياخشى كۆرىمەن، دائىم چېنىقىش مەركىزىگە بارىمەن. مەن ئادەتتە ۋاقتىمنى مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن،» دېدى.

چەت ئەلدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىقى سايلىمىغا قاتناشقۇدەك ئىقتىدار ۋە جۈرئەت يېتىلدۈرگەنلىكىنىڭ ئۆزى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ سىياسىي ساھەدە بۇ جۈرئەتنى كۆرسىتىشىگە ئەسلى ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىنىڭ ئۇل سالغانلىقى مەلۇم. بۇنى ئۇنىڭ ئاپىسى ئېلدانە خانىمنىڭ قىزى توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئىنتىزارنىڭ پارلامېنت ئەزالىقى سايلىمى ئۈچۈن تەييارلىق ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىۋاتقان دىلزات ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ياش كاندىدات ئىنتىزارنىڭ بۇ نۆۋەت ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا كىرىش-كىرەلمەسلىكىدە ئۇ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئاممىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللاش ئاۋازى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىكەن.

ئىنتىزار ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيەسى نۆۋەتتە ئاۋازغا ئېرىشى ئۈچۈن رەسمي ھالدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىكەن.

ئىنتىزار سايلام تەشۋىقاتىدىكى شۇئارىغا مۇنداقدەپ يازغان: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلالمىغان تەقدىردە-بىزنىڭ نىشانىمىز ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولىدۇ. مېنىڭ مەقسىتىم، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتكە سىڭىپ كىرىشىنى ۋە دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى چەكلەش، بۇ مەسىلىگە دۇنيانىڭ نەزەرنى قارىتىش، شۇبنداقلا مۇنازە تېمىسىنى بىزگە يۆتكەشتۇر!»