13-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ماركو رۇبيو (Marco Rubio) نىڭ تەشەببۇسى ۋە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ 2022-يىللىق خەلقئارالىق يىغىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەركىزىي تېمىسى خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتە دۇنياغا ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلىۋاتقاندا دۇنيا قانداق قىلىپ بۇنىڭغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسى بولدى.
يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدىكى باسقۇچى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇپ، ئالدى بىلەن ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ياسۇئې فۇناياما خانىم (Yasue Funayama) سۆز ئالدى. ئۇ سۆزىدە نۆۋەتتە دۇنيانىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدە بىر ئورتاق تونۇشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ھەرقايسى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى سىياسىيونلارنىڭمۇ بىر ئورتاق مەقسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ شۇ قاتاردا نۆۋەتتە ئۆزلىرىگە قوشنا بولغان خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا زىت ھالدا ئاشكارا سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتتىكى زۇلۇملارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ نۆۋەتتە بۇ دۇنياۋى خىرىسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئىنتىلىش بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ «ھازىر مەيلى غەرب دۇنياسى بولسۇن ياكى شەرق دۇنياسى بولسۇن بىر ئورتاق تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز ھەرقايسى پارلامېنتلار بىلەن بىرلىكتە بۇ يېڭى دەخلى تەرز قىلمىشىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشىمىز لازىم» دەپ كۆرسەتتى.

شۇ قاتاردا بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىننىڭ ساھىبخانى بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندى خىتاي مەسىلىسى ھەمدە ئۇنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئۈچۈن بىر ئورتاق مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ماركو رۇبىيونىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر دۇنيا مىقياسىدا يېڭىدىن بىر تەرتىپنى ئورنىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن بىر تۈرلۈك تەھدىت بولۇپ قالماقتىكەن. خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن قۇدرەت تاپقانلىقىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت بولۇۋاتقان، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغان قاباھەتنى دۇنياغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. بۇ يېڭى تەرتىپتە دېموكراتىيەنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ خارابلىشىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنىڭ يوقىتىلىشى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، بۇ مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىلسا پۈتۈن دۇنيا زۇلۇمغا ۋە ئېغىر خەتەرگە دۇچ كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نەچچە ئون يىللار ئىلگىرى دۇنيادىكى نۇرغۇن سىياسىيونلار خىتاي قۇدرەت تاپسا ۋە باي بولسا غەرب دۇنياسىدىن دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ، دەپ ئىشەنگەن. ئەمما ئۇلار باي بولغاندىن كېيىن دۇنيانى ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشقا قىستاپ، بۇ خىل قاباھەتكە قارشى يوللانغان بارلىق تەكلىپلەرنى رەت قىلغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇ ۋە باشقا سىياسىي ئەربابلار ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىش ۋە رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ قارا نىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە چەكلەشكە ئاتلانغان. نۆۋەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلاش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم قەدەم بولۇپ، خىتاي ھازىر بۇنىڭغىمۇ پەرۋا قىلمىغان ھالدا تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى يۇقىرى پەللىگە چىقارماقتىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم شېرىكى بولغان رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۇنيا قانچىلىك ئۆزگەرسۇن ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تەسلىم قىلدۇرۇش ياكى چەكلەش ئەڭ مۇھىم يول. ئۇكرائىنانىڭ ئەمەلىيىتى بۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ» دېدى.
«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئەڭ يېڭى ئەزالىرىدىن ئۇكرائىنا يۇقىرى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئولېكساندېر مېرېژكو (Oleksandr Merezhko) مۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ماھىيەتتە دېموكراتىيە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇكرائىنا ھازىر يالغۇز ئۆزلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپانىڭ ئەسىرلەر بويى داۋام قىلىۋاتقان قىممەت قارىشى، شۇنداقلا ئىنسانىي ھەق ۋە ھوقۇقلارنىڭ دەخلىسىزلىكى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلماقتا ئىكەن. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىش-قىلالماسلىقى دۇنياغا دېموكراتىيەنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئۈستىدىن غالىپ كېلىش-كېلەلمەسلىكىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلغۇچى دۆلەتلەر جەزمەن بۇ خىل ھاكىممۇتلەقلىق ئالدىدا بىرلىكسەپ ۋە ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشى زۆرۈر ئىكەن. چۈنكى ھاكىممۇتلەق كۈچلەرمۇ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىق ئورنىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كۈرەش كىملەرنىڭ دوست، كىملەرنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. خىتاي سادىر قىلىۋاتقان يەنە بىر قاباھەت رۇسىيەنىڭ نېفىتىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى قوراللاندۇرۇش بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئوخشاشلا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىلاردىن بولۇشى كېرەك ئىكەن. .
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ماقۇللىنىشىغا زور كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان بوب مەنېندېز (Bob Menendez) مۇ يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلدى. . ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ھازىر تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە غەرب دۇنياسىنىڭ دېموكراتىيە قارىشىغا، جۈملىدىن دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىغا مۇخالىپ يوسۇندا يېڭىدىن تەھدىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاددىي بىر مىسالى ئۇلارنىڭ مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى دۇنيا تەرتىپىنى بەرپا قىلىشقا قاتناشسۇن ۋە ئۆزىگە يارىشا تۆھپە قوشسۇن، دەپ ئۇلارنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرگەن. خىتاي بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان ھەمدە تېزدىن بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەن. ئەمما ئۇلار غەربنىڭ ياردىمىنى قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن تېزدىن ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ ئاللىقاچان مۇقىملىشىپ بولغان دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ماس ھالدا يېڭىدىن قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ قۇرۇپ چىقماقچى بولغان بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئىپادىلىرى ئاللىقاچان ئۇيغۇر دىيارى، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا، شۇنىڭدەك ئافرىقا قىتئەسىدە قايتا-قايتا نامايان بولغان. بۇ ھالدا دۇنيا ھازىر ئەركىنلىك ۋە ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ قايسىسىنى تاللاشتەك بىر كەسكىن سىناققا دۇچ كەلگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى پىتېر خالىل (Peter Khalil)، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىريام لېكسمەن (Miriam Lexmann)، تەيۋەن قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فەن يۈن (Fan Yun) قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن ھاسىل قىلغان ئىقتىسادىي جۇغلانمىنى غەربنىڭ دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلىشقا سەرپ قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئامىلنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا تىنچ ئوكيان ئاراللىرىغىچە بولغان ھەرقايسى جايلاردا ھاكىممۇتلەقلىقنى كېڭەيتىشى ھەمدە دېموكراتىيەنى ھالاك قىلىشى دېگەندەك تېمىلار ھەققىدە توختالدى.
يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدىن كېيىن ئېچىلغان ئىككىنچى بۆلىكىدە دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىش ھەمدە ئۇنى كېڭەيتىشنى نىشان قىلغان بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى نۆۋەتتىكى خىتاي تەھدىتى ھەمدە دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈش فوندى» (NED) نىڭ رەئىسى دېيمون ۋىلسون (Damon Wilson) شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ خىتاينىڭ نۆۋەتتە «ئۆتكۈر كۈچ» سۈپىتىدە زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى دۇنياغا ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ شۇ ئارقىلىق غەربنىڭ دېموكراتىيەسىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ ھۆكۈمەتلەرگە قەدەر يېتىپ بېرىپ دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلغان دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن لىتۋاغا ئوخشاش ھۆكۈمەتلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىشكە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنىڭ ۋەيران بولماسلىقى ئۈچۈن دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ بىر ئورتاق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشى لازىملىقىنى بايان قىلدى. .
ئارقىدىنلا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دۆلەتلىك دېموكراتىيە ئىنستىتۇتى» (NDI) نىڭ رەئىسى دېرېك مىچېل (Derek Mitchell) مۇ سۆز ئېلىپ خىتاي ھەققىدە ئاددىيلا تەسەۋۋۇر بويىچە ئىش كۆرۈشنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى قەيسەرلىكنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بېرىش بىلەن بىرگە دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلغۇچىلارغا زور ئىلھام بولغان. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ئۇنداق قىلمايدۇ، دەپ ئويلىغان. ھازىر بولسا «خىتاي ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەس» دەپ ئويلاشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئىسپاتلانغان ئەھۋالدا دۇنيانىڭ بۇ خىل قاباھەتكە قارشى دەس تۇرۇپ قولمۇ-قول ئىتتىپاقلىشىشى بەكمۇ زۆرۈر ئىكەن. چۈنكى بۇ ھال ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىر رايوننى ياكى خەلقنى ھىمايە قىلغانلىق بولماستىن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ۋە بايلىقىنى ھىمايە قىلغانلىققا باراۋەر ئىكەن.
يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلىكىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئايرىم بىر مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلار نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. ئەپسۇسكى بۇ بۆلەكتىكى مۇھاكىمە ئاخبارات ساھەسىگە يېپىق شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋەر بېرىشكە ئىلاجسىز قالدۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى قانۇن شەكلىدە ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن 2020-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەككىز نەپەر پارلامېنت ئەزاسىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ھازىر ئۇنىڭغا ئەزا بولغان پارلامېنت ئەزالىرى 29 غا يەتكەن. بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق يىغىنغا «خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتى» ۋە «دۆلەتلىك دېموكراتچىلار ئىنستىتۇتى» مۇ قوشۇمچە ساھىبخانىلىق قىلغان بولۇپ، ئۈچ كۈنلۈك يىغىندىن كېيىن مەزكۇر بىرلەشمە ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەمدە بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەردىن دېرەك بېرىشى خوڭكوڭ مەسىلىسى، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق دۇنياۋى تېمىلار بىلەن باراۋەر يوسۇندا تىلغا ئېلىندى.