IPAC ئەزالىرى: «سوتسىيالىزم تۈزۈمى زۇلۇم ماشىنىسىدۇر!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.16
60-parlament-ezasi-xitaygha-qarshi-yighin-1.jpg شىمالى ئامېرىكا، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا پارلامېنتلار ئارا ئىتتىپاقىغا ئەزا 60 تەك پارلامېنت ئەزاسى ۋە سىياسىيونى ۋاشىنگتونغا يىغىلدى. 2022-يىلى 13-سېنتەبىر.
Photo: RFA

«خىتاي ھەققىدىكى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) نىڭ 2022-يىللىق خەلقئارالىق يىغىنى 14-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاخىرلاشقان بولۇپ، شۇ كۈنى مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ باياناتى رەسمىي ئېلان قىلىندى. باياناتتا خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن دۇنياۋى بىرلىكسەپ ئورنىتىش ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھەققىدىكى بىر قاتار قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ قارارلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مىسالى بولغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى داۋام قىلىۋاتقان سۆز ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھەقلەرنى بوغۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇر رايونىدىكى غايەت زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىزنىڭ زور دىققىتىمىزنى قوزغاپ كەلمەكتە. ھازىر بۇ جايدىكى زۇلۇم ۋە جىنايەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپاتلىرى توپلىنىپ بولغان بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىىشنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە بولۇشتا مەغلۇپ بولدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قاباھەتلەردىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسىنى چەكلەشكە يول ئاچىدىغان قانۇن تۈزۈش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىدىن تازىلاش قاتارلىق نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ماگنىتىسكى قانۇنى» شەكلىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنى كۆپلەپ ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھەمدە ئۇنى خىتايغا تەدبىقلاش، ئۇيغۇر دىيارىدا ب د ت خادىملىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا يول ئېچىش، نازۇك پەن-تېخنىكىلارنىڭ زۇلۇمغا قورال قىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇلارنى خىتايغا ئېكىسپورت قىلغاندا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش قاتارلىقلارمۇ ئايرىم يەر ئالدى.

يىغىن ئارىلىقىدا، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىتاي خىرىسى ھەمدە ئۇنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىريام لېكسمان (Miriam Lexmann) ئەينى ۋاقىتتا سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىكى ئالدىنقى قورغانلاردىن بولغان سابىق چېخسېلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان سىياسىيون بولۇپ، بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا خىتاينىڭ دۇنيا ئۈچۈن زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «شۇنداق. ھازىر ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانى يوق. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەركىن ھالدا ئاخباراتتىكى خەۋەرلەرنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا ئۇلار بۈگۈنكى يىغىندا نېمە گەپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ ھەقتىكى ئىشلارنىڭ داۋام قىلىشى ھەمدە دېموكراتىك ئەللەردىكى قانۇن تارماقلىرىغا ئۇيغۇرلارنى ئەسلىتىپ تۇرۇش، ھەر ساھە كىشىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بەك مۇھىم. ھازىر نۇرغۇن پارلامېنتلار ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىشلارنىڭ قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە قارار ئالدى. يېقىندا ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ مەسىلىدە بىزمۇ ب د ت غا بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش ھەمدە دۇنياغا ئۇ جايدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ھەققىدە بېسىم قىلغان ئىدۇق. قانداقلا بولسۇن، ئاخىرى بۇنىڭ نەتىجىسى بولدى. خىتاي ھازىر زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كومۇنىستىك تۈزۈمنىڭ ئوچۇق سودا شېرىكى قىلغىلى بولىدىغان تۈزۈم ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقلەرگە قانداق زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقادتىكى جامائەتنى قانداق باستۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىدىئولوگىيەلىك قارشىلىقىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرىدىغانلىقىنى دۇنياغا بىلدۈرىشىمىز لازىم. يەنە بىر ياقتىن بىز ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇلارنى قوللىشىمىز، ئۇلارنىڭ چىقىرالمىغان ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىشىمىز تېخىمۇ مۇھىم.»

مىرىيام لېكسماننىڭ قارىشىچە، ھازىرقى دۇنيا بازىرى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن كېلىۋاتقان مەنپەئەتنى ئەلا بىلىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا بۇ ھال داۋام قىلىۋەرسە، ئاقىۋەت بۇ خىل مەنپەئەتكە بولغان ئىنتىلىش غەرب دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى تۈپكى ئاساسنى ۋەيران قىلىشقا ئاپىرىدىكەن.

«قارايدىغان بولساق، ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىزنىڭ بازارلىرىمىزغا كىرىۋاتىدۇ. چۈنكى بىز ئۇلارنى ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپلەپ سېتىۋالىمىز. ئەگەر بۇ يۈزلىنىش توختىمىسا، بۇ خىل ئاچكۆزلۈك ئاخىرى بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزنى ۋە ئەركىن جەمئىيىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ‹رۇسىيە بىر ئىدېئولوگىيە، ئەمما خىتاي بولسا پەقەتلا بىر سودا شېرىكى› دېگەنلىكىنى تەكىتلىدىم. خىتاي ئەمەلىيەتتە زۇلۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر تۈزۈم، ئەمما ئىدېئولوگىيە ئەمەس. مەن سابىق كومۇنىستىك دۆلەت بولغان سلوۋاكىيەدە تۇغۇلغان. شۇڭا ماركىسىزىملىق تۈزۈمنىڭ ئىدېئولوگىيە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئىنسانىيەتكە ۋە جەمئىيەتكە بەكمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىز خىتايدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ چەت ئەللەردە نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىز لازىم. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىزنىڭ ئەركىن جەمئىيىتىمىزنى ۋە دېموكراتىيەمىزنى ۋەيران قىلىش بولۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ماركىسىزم ۋە لېنىنىزمغا ئەگىشىمىز، دېگىنى پەقەتلا سۆز ئويۇنى خالاس. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا ئەمەس، بەلكى نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك. دېموكراتىك ئەللەر بىلەن ۋە ئەركىن جەمىيەت بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇش سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، شۇنداقلا ياۋروپادىكى كومۇنىزم جەمئىيىتىدە مۇمكىن بولمىغان ئىشلار ئىدى. غەرب دۆلەتلىرىمۇ كومۇنىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسىدا بولۇش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى. بۇنى خىتاي ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قۇدرەت تاپتى. ئەمما ئۇلار تاشقى سودا جەھەتتىكى ئەۋزەللىك، تېخنىكا ئوغرىلىقى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزنىڭ دېموكراتىك سىستېمىمىزغا ۋە ئىقتىسادىي غول ئاساسىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەمدە ئۇنى ۋەيران قىلىشنىڭ قەستىگە چۈشىۋاتىدۇ.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئولېكساندېر مېرېژكو (Oleksandr Merezhko) نۆۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزى يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۇكرائىنا ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيا ئۈچۈنمۇ زور خەتەرنىڭ بىشارىتى ئىكەن.

«ھازىر بۇ ھال بەك خەتەرلىك. چۈنكى بىز ئۇكرائىنادا كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنى رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋالماسلىققا دەۋەت قىلىۋاتقان ئىدۇق. چۈنكى بۇنداق قىلغانلىق ئەمىلىيەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىغا ماي قۇيغانلىققا باراۋەر بولاتتى. يەنە بىر ياقتىن ھازىر رۇسىيە ئۇكرائىنادا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، رۇسىيەدىن نېفىت ئالغانلار ئۇكرائىنلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىغانلار بولۇپ قالىدۇ. ھازىر بولسا خىتايلار دەل مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى سېتىۋالمىغان نېفىتنى زور مىقداردا سېتىۋالدى. بۇ بولسا ئۇكرائىنا خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشقا ئاپىرىدۇ. ئەمما بىز ھازىرغا قەدەر يېڭىلمىدۇق. چۈنكى بىز دۆلىتىمىزنى، ئائىلىمىزنى، شۇنداقلا بالا-چاقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئالغاندا، بىزنىڭ كۈرەشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق. رۇسىيە ئارمىيەسىنى، يەنە كېلىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى قۇدرەتلىك ئارمىيە بولغان رۇسىيە ئارمىيىسىنى بىز ئۇكرائىنا تېرىتورىيەسىدە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا مەغلۇپ قىلىۋاتىمىز. مۇشۇنىڭ ئۆزى كىچىك دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ۋاقتى كەلگەندە غايەت زور ھاكىممۇتلەق دۆلەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»

پارلامېنت ئەزاسى ئولېكساندىرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر خوشاللىنارلىق بىر ئىش دۇنيا بۇ خىل خەتەرنى ئازراق بولسىمۇ سەزگەن ھەمدە بۇنىڭغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇكرائىنانىڭ ئاجىز بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيەنى يېڭىشىگە ياردەملەر ۋە يوللار ئېچىلماقتا ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز قوش يۈزلۈك قىرغىنچىلىققا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بىر ياقتىن رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنادا قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بولسا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ. بىز شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، قىرغىنچىلىق مەلۇم بىر خەلققە قارىتىلغان جىنايەت ئەمەس. ئەكسىچە ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى ئوتتۇرىغا چىقىدىغان جىنايەتتۇر. شۇڭا بۇ خىل قىرغىنچىلىق كۆرۈلگەندە دۇنيادا ئۇنىڭغا قارشى بىرلىكسەپ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىلىشى لازىم. يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما بۇلار كۆز ئالدىمىزدا قايتا يۈز بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا ھەر بىر ئىنسان، ھەر بىر ھۆكۈمەت، ھەر بىر پارلامېنتنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىقنى توسۇش، جۈملىدىن ئۇكرائىن خەلقى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىش مەجبۇرىيىتى بار.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ھەمدە قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى خەلقئارادا زور دەرىجىدە بىلىنگەن بولۇپ، خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى ئەمەلىي ھەركەتلەرنىڭ تېزرەك ئوتتۇرىغا چىقىشى توغرىسىدىكى چۇقانلارمۇ بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىمۇ دىققەتتە بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.