ئامېرىكادا چىقىدىغان «MIT Technology Review» ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئايفون ئۇچۇر ئوغرىلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئېلىشى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ جىددىيلىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا خىتاينىڭ قانداق قىلىپ ئىنتايىن يۇقىرى باھاغا يارايدىغان ئايفونغا سۇقۇنۇپ كىرىش تېخنىكىسى بايقالغان ھامان ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللانغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خاككېرلار يىلدا بىر قېتىم بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ خاككېرلىق ماھارەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. ئادەتتە گۇگىل، مىكروسوفت، ئالما قاتارلىق شىركەتلەر بۇ مۇسابىقىلەرنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى بازارغا سالغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئايفون قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىكى يوشۇرۇن ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ چىققان ماھىرلارنى مۇكاپاتلايدىكەن ۋە بۇ تېپىلغان يوچۇقلارنى ئوڭشايدىكەن.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەرخىل خاككېرلارنى جەلپ قىلىدىغان بۇ «Pwn2Own» مۇسابىقىسىدە كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي خاككېرلىرى ئەڭ يېتەكچى كۈچ بولۇپ، مىليون دوللار مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ، سەرخىللار قاتارىدا ئۆز نامىنى تىكلىگەنىكەن. بىراق 2017-يىلىغا كەلگەندە، بۇلارنىڭ ھەممىسى توختاپ قالغان. چۈنكى ئويلىمىغان يەردىن خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «Qihoo 360» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چەتئەلگە چىقىپ خاككېرلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان خىتاي پۇقرالىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان.
مەزكۇر شركەتنىڭ خوجاينى، مىلياردېر جوۋ خۇڭيى خىتاي خەۋەر تور بېكىتى «سىنا» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بۇنداق پائالىيەتلەردە ياخشى نەتىجە قازىنىش پەقەت خىيالىي مۇۋەپپەقىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. خىتاي خاككېرلىرى چەتئەلدىكى مۇسابىقىلەردە يوچۇقنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇنىڭدىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ خاككېرلار ۋە ئۇلارنىڭ بىلىمى خىتاينىڭ ئۆزىدە قېلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئۇلار يۇمشاق دېتال يوچۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ» دېگەن.
نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي تور بىخەتەرلىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى خاككېرلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ ئۆزىدە بىر مۇسابىقە تەسىس قىلغان. تيەنفۇ لوڭقىسى دەپ ئاتالغان بۇ مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2018-يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ مۇسابىقىدە 200مىڭ دوللارلىق ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات «چىخو 360» تەتقىقاتچىسى چى شۈنجاۋغا بېرىلگەن، ئۇ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ يېڭى ئايفونلارنىمۇ ئاسان ۋە ئىشەنچلىك كونترول قىلالايدىغان بىر قاتار زەنجىرسىمان تېخنىكلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ تېخنىكا ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىلگەن.
شۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان كومپيۇتېر ئۇچۇر بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ قوللىنىدىغان تور بەتلەرگە زىيانلىق يۇمتاللارنى يوشۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ئاندىن بۇ تور بەتلەرنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفونلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چى شۈنجاۋ ئايفون مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يادروسى «Safari» توركۆرگۈسى ئىچىدىكى بىر ئاجىزلىقنى بايقىغان. بۇ ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغۇچى، چى شۈنجاۋنىڭ يامان غەرەزلىك كودى ئورنىتىلغان تور بەتنى زىيارەت قىلغان ھەر قانداق ئايفوننى ئىگەللىۋالىدىكەن. بۇ خاككېرلىق تاكتىكىسى يوشۇرۇن بازاردا مىليونلىغان دوللارغا سېتىلىپ، جىنايەتچىلەر ياكى ھۆكۈمەتلەرگە جاسۇسلۇق قىلىش ئىقتىدارى بېرىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، چى شۈنجاۋ بۇ تېخنىكىسىغا «قالايمىقانچىلىق» دەپ ئىسىم قويغان.
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار كۆپ زىيارەت قىلىدىغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» نىڭ تور بېتى دەل شۇ خىل زىيانلىق يۇمتال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قانچە بىخەتەر بولمىغان تور بەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا بۇ تور بەتنى قوللانغانلارنىڭ تېلېفونلىرىنىڭ خاككېرلانغان، يەنى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە دىققەت قوزغايدىغىنى، «قالايمىقانچىلىق» دەپ ئاتالغان بۇ زىيانلىق خاككېرلىق تېخنىكىسى چى شۈنجاۋ تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنىپ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللىنىلىشقا باشلىغان. ئالما شىركىتى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بلوگ يازمىسىنى ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ باشقا بىر مۇستەقىل تور بىخەتەرلىكى تەتقىقاتچىسى ئەھۋالنى بايقاپ ئالما شىركىتىگە خەۋەر قىلغۇچە ۋە ئالما شىركىتى يوچۇقنى ئەتكۈچە بولغان ئارىلىققىچە داۋام قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
2019-يىلى 8-ئايدا، گۇگىل شىركىتىمۇ ئايفونلارنىڭ خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراش مەسىلىسىدە پەۋقۇلئاددە تەھلىل ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تەتقىقاتچىلار بايقىغان «بەش خىل» زەنجىرسىمان ھۇجۇم مۇلاھىزە قىلىنغانىكەن. ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «گۇگىل تەتقىقاتچىلىرى يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ رېئال دۇنيادا ئىشلىتىلىشى بىلەن ‹قالايمىقانچىلىق› دەپ ئاتالغان تېخنىكا ئارىسىدىكى ئوخشاشلىقنى سېلىشتۇرغان. ئۇلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى بولدى. يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاككېرلىق ھۇجۇمى ئىنتايىن ئەشەددىي بولۇپ، ئۇ ئۈنۈملۈك ھالدا يەرشارىلاشقان. دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان. ئۇ ژۇرنالىستلارنى، ئۆكتىچىلەرنى ۋە بېيجىڭغا ساداقەتمەنلىكى يېتەرلىك ئەمەس دەپ گۇمان پەيدا قىلغان ھەممە كىشىنى نىشان قىلغان».
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تېلېفونلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، بۇ تېلېفونلار ئارقىلىق، بارلىق پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ تۇرالىشى مۇمكىن ئىكەن.
«MIT Technology Review» نىڭ ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارمىقىدىكى نازارەت ئورۇنلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان بۇ «قالايمىقانچىلىق» ناملىق تور ھۇجۇمىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا ئالما شىركىتىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغانىكەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:
«ئامېرىكانىڭ يەكۈنلىشىچە، خىتاي ھەقىقەتەن چىخو شىركىتىنىڭ باشلىقى جوۋ خۇڭيى ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئىستراتېگىيېلىك قىممەت› پىلانىغا ئەمەل قىلغان. تيەنفۇ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مۇھىم خاككېرلىق ھۇجۇمى بايقىشى دەرھال خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا قوللىنىلغان. ئامېرىكا جىمجىت ھالدا بۇ ھۇجۇمنى ئۆزى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ۋە ۋە گۇگىل تەتقىقاتچىلىرى ئېلان قىلغانغا ئوخشاش يەكۈنگە ئېرىشكەن، ئۇلار ئالما شىركىتىگە بۇنى خەۋەر قىلدى. نەتىجىدە ئالما شىركىتى بۇ قىيىن يوچۇقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى».
دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە تېلىفونلاردىكى يوچۇقلارنى ئېتىش ۋە مۇشۇنداق خاككېرلىق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراشنى ئەڭ ئاز سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن سىستېمىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇش، كېرەكسىز، گۇمانلىق ئەپلەرنى ئۆچۈرۈش، قالايمىقان ئۇلانمىلاردىن ھەزەر ئەيلەشنى بىلدۈردى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 3-يىلىغا قەدەم قويغان تيەنفۇ لوڭقىسى ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ئارمىيەسى بىلەن زىچ باغلىنىشى بارلىقى، شۇنداقلا خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئادەم قوبۇل قىلىدىغان سورۇنغا ئايلانغانلىقى گۇمان قوزغىماقتىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېت تور ساھەسىدىكى بۇ يوچۇقلارنىڭ قىممىتى پەقەت مالىيە جەھەتتىنلا يۇقىرى بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇ جاسۇسلۇق ۋە زۇلۇمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىن ھەل قىلغۇچ قىممەتكە ئىگە ئىكەن. گۇگىل شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىئان بىئېر «MIT Technology Review» گە قىلغان سۆزىدە «مەن تېخنىكىدىكى بۇ ئاجىز نوقتىلارنىڭ 1 مىليون دوللار، 2 مىليون دوللار ياكى 20 مىليون دوللارغا يارايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشنى خالىمايمەن. ئەكسىچە مەن يۇقىرىدىكى بۇ باھالارنىڭ ھېچقايسىسى پۈتكۈل بىر توپلۇقنى نىشانلاش ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۆزىتىپ تۇرۇشنىڭ قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارايمەن.» دېگەن.