1-دېكابىردا ئالماتادا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا 3 ياشلىق مەجرۇھ بالا رادمىر زۇنۇنبەكوفقا بېغىشلانغان خەيرخاھلىق كونسېرتى بولۇپ ئۆتتى.
2012-يىلى 19-سېنتەبىردە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قاراتۇرۇق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئۇيغۇر بالىسى رادمىر ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ، ھازىر يۈرەلمەيدۇ ھەم كۆزى كۆرمەيدۇ. ئۇ داۋالىنىش ئۈچۈن ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا 25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىكەن. رادمىرغا ماددىي ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ چېلەك ۋە قاراتۇرۇق يېزىلىرىدا ئىككى نۆۋەت خەيرخاھلىق كونسېرتلىرى ئۆتكەن ئىدى. بۇ قېتىم بولسا، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاينىسەم ۋايدىنوۋانىڭ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى بىلەن كەڭ دائىرىدە كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسى تۇردىبۈۋى ئابلىزوۋا مەزكۇر مۇراسىمنىڭ «قازاقىستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى بايرىمى» كۈنىدە ئۆتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «130 دىن ئوشۇق مىللەتلەر ياشاۋاتقان ۋە ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ سەنئىتى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئەدەبىياتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىۋاتقان، پاراۋانلىقتا ياشاۋاتقان قازاقىستانىمىزدا مۇشۇ شەرەپلىك كۈنلەردە ئۇيغۇر تىياتىرىمىزدىمۇ خەيرخاھلىق كونسېرتى بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۇ بولسىمۇ قاراتۇرقلۇق بىر بالا ئىكەن. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئاتا، ئانا بالىسىنىڭ بېجىرىم تۇغۇلۇشىنى ئارمان قىلىدۇ. لېكىن ھازىر ئارىمىزدا نىمجان تۇغۇلىدىغان پەرزەنتلەر ناھايىتى كۆپ. بۇ بولسىمۇ ئېكولوگىيىگە باغلىقمۇ، يا ئادەملەرنىڭ ھېسسىيات ئۈستىدىكى، پسىخىك ئەھۋاللىرىغا باغلىقمۇ، ئۇنى ئۇقمايمەن. مەن دېمەكچىمەنكى، ئاللا تائالا ئەپۇچان ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر. بەندىسىدىن مۇشۇنى تەلەپ قىلىدۇ. بەندىلەر شۇ مېھىر-شەپقەتنى ھېچقاچان تاشلىمىسا. ھازىر ئىنسانلاردا قانداقتۇر بىر تەشۋىش بار. مەسىلەن، كرىزىس ئوخشاش تەشۋىش بار، دەپ ئويلايدىيۇ، لېكىن، مېنىڭ ئويۇمچە، ‹ كۆپ بىلەن بولغان ئۆلۈم بەجايىكى توي› دېگەندەك، قانچىلىك كرىزىس كەلسىمۇ، ئىنسان بالىسىنىڭ دىلىدا كرىزىس بولمىسا ئىكەن، دەيمەن. بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببەت، ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى سوزۇش، پۇل بېرىش بىلەنلا ئەمەس، ئىللىق سۆز بىلەنمۇ كۆڭۈلنى ئالسا، دېمەكچىمەن.»
رادمىر زۇنۇنبەكوفقا بېغىشلانغان مەزكۇر خەيرخاھلىق كونسېرتىغا ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ «رۇخسارە» ئانسامبلى ۋە ئۇنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىلىرى نۇرئالىم ۋارىسوف، مارات نورۇزوف ۋە باشقىلار، ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستاندا ئاتىقى چىققان «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ ئەزاسى ئابلەت ئىسلاموف ۋە ئۇنىڭ قىزى مۇشتەرى قاتناشتى. كونسېرتتا شۇنداقلا چېلەك تەۋەسىگە ئورۇنلاشقان مالىۋاي يېزىسىدىن «راۋان» ۋە «تەڭرىتاغ» سەنئەت گۇرۇپپىلىرى، بىجانوف نامىدىكى يېزىدىن نارگىز ئامېتوۋا، ئالماتا شەھىرىدىن «ئارت-رەپ» توپى، «فىيېستا» شوۋ بالېت كۇلۇبى، «ئالامەت» سەنئەت مەركىزى ۋە چايكوۋسكىي نامىدىكى مۇزىكا مەكتىپىدىن بەھرىم بېكزات، چېلەك يېزىسىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدىن خالبۈۋى ئىسقاقوۋا، باخىتنۇر باختىيار ۋە باشقىلارمۇ ئۆز ھۆنەرلىرىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر تىياتىرى ئارتىسى تۇردىبۈۋى ئابلىزوۋا مۇنداق خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر قانداق بىر ئىنسان ھاياتىغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «سەھنىدىكى سەنئەتكارلار بولسۇن، زالدا ئولتۇرغانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىر ئىلھام، مېھىر-شەپقەت، دىللىرىدىكى بىر ياخشىلىقلارنى كۆرگەندەك قىلدىم. مانا مۇشۇنداق ياخشىلىقلار كۆپ بولسا، ئادەملەر بىر-بىرىمىزدىن كۆڭۈل سوراپ تۇرساق، شۇ ۋاقىتتا دۇنيادا ياخشىلىقلار كۆپرەك بولغان بولار ئىدى دەيمەن.»
مەجرۇھ بالىلارغا بېغىشلانغان مۇنداق پائالىيەتلەر قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر خىل ناھىيە ۋە يېزىلىرىدا پات-پاتلا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرماقتا. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىمۇ تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا زىيالىيلار، ياشلار، تىجارەتچىلەر ۋە باشقىلارمۇ يېقىندىن ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى ھەدىيەم ئەخمەتوۋا خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بېرىۋاتقان كۆڭلى كەڭ ۋە مەرد ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. شۇلار قاتارىدا قازاقىستاندىمۇ 300 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ ياشاۋاتقان يەرلەردە تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتلار ھەر خىل جەمئىيەتلىك ئىشلارنىڭ ئاتقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ: مەدەنىي مىراسلىرىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز، مائارىپ ۋە باشقىلار بويىچە. بىز ئاخىرقى يىللاردا ھەرىكىتى چەكلەنگەن بالىلارغا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قولغا ئالدۇق. بولۇپمۇ بىزنىڭ ‹ئىنايەت› بىرلەشمىسى ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەر بالىلارنىڭ جەمئىيەتتە ئۆز ئورنىنى تېپىشىغا، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ‹ئارمان› دەپ ئاتالغان فېستىۋالىنى يىلدا ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. ئۇنىڭ دائىرىسىدە كونسېرتلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆنەرلىرىنى سەھنىلەردە كۆرسىتىپ كېلىۋاتماقتا. ھەرىكەتلىرى چەكلەنگەن بولسىمۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئادەتتىكى بالىلاردىن ھېچ كامچىلىقى يوق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ناخشىچىلىرى، ئۇسسۇلچىلىرى، رەسىم سالىدىغانلىرى، قول ھۆنەرلىرىگە قىزىقىدىغانلىرىمۇ بار. ئۇلار ئارىسىدا ئىنشا يېزىش كۆۋرۈكلىرىنىمۇ ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىلى نۆۋەتتىكى يېڭى يىللىق ئارچا بايرىمىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىزنىڭ كۆڭلى كەڭ، مەرت-مەردانە ئىنسانلىرىمىز يېقىندىن ياردەم قىلىۋاتىدۇ».