فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئىستراتېگىيىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013-10-02
Share
obama-kerry-305.png باراك ئوباما جون كېررىينى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلماقتا
AFP

ئامېرىكا فېدىراتسىيەسى ھۆكۈمىتى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مالىيە يىلىدىكى خام چوت ئىختىلاپىنى ھەل قىلالمىغانلىقتىن، ئۆكتەبىردىن باشلاپ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق تارماقلىرىدىن سىرتقى تارماقلىرىنى تاقىدى.

مەزكۇر خەۋەر خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى سىستېمىسىنى چۈشەنمىگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردا «ھۆكۈمىتى تاقىلىپ قالدى دېگەن قانداق گەپ؟ ھۆكۈمەت تاقالسا ئامېرىكا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىرلىرى بولار؟» دېگەندەك ئەندىشىلىك غۇلغۇلىلارنىمۇ مەيدانغا چىقارغان.

بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مۈجمەل چۈشەنچىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، جورجې ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە كاندىدات دوكتورى پەرھاد بىلگىن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ پەرھات ئەپەندى بىلەن بۇ تېمىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت