ئامېرىكا فېدىراتسىيەسى ھۆكۈمىتى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مالىيە يىلىدىكى خام چوت ئىختىلاپىنى ھەل قىلالمىغانلىقتىن، ئۆكتەبىردىن باشلاپ فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق تارماقلىرىدىن سىرتقى تارماقلىرىنى تاقىدى.
مەزكۇر خەۋەر خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى سىستېمىسىنى چۈشەنمىگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردا «ھۆكۈمىتى تاقىلىپ قالدى دېگەن قانداق گەپ؟ ھۆكۈمەت تاقالسا ئامېرىكا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىرلىرى بولار؟» دېگەندەك ئەندىشىلىك غۇلغۇلىلارنىمۇ مەيدانغا چىقارغان.
بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مۈجمەل چۈشەنچىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، جورجې ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى بويىچە كاندىدات دوكتورى پەرھاد بىلگىن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ پەرھات ئەپەندى بىلەن بۇ تېمىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.