ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد، ئىستراتېگىيە دىئالوگى بەزى ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلالمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.06.10
amerika-xitay-munasiwiti ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
Photo: RFA


8 - نۆۋەتلىك ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد، ئىستراتېگىيە دىئالوگى 7 - ئىيۇن ئاخىرلاشتى. بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 كۈنلۈك يىغىندا ئامېرىكا ۋەكىللىرىگە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىي بىلەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەك لېۋ رەھبەرلىك قىلدى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بولسا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ ياڭ بىلەن دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى رەھبەرلىك قىلدى. يىغىندا ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ پولات، تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشىنى كونترول قىلىش، خەلق پۇلىنى ئامېرىكا بازىرىدا سودا ئوبوروتىغا قاتناشتۇرۇش، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئىقتىساد ۋە سودىغا ئالاقىدار بىر قاتار مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىرگە كەلدى. ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق بەزى ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىرگە كېلەلمىدى.

يىغىننىڭ نەتىجىسى، كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد، ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا ئىككى تەرەپ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ، كىشىلىك ھوقۇق، خىتاينىڭ چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلالمىغان.

بۇ مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپى ئىككى تەرەپنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتلىرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەندى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي 7 - ماي كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار «بىزنىڭ دۆلەت بىلەن باشقا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا چۈشەنچىنى ئالغا سۈرىدىغان پائالىيەتلەرنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇشقا، تەشكىللەشكە، قاتنىشىشقا ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق» دېگەن.

خىتاينىڭ «چەتئەل ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» بۇ يىل 4 - ئايدا ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇ 2017 - يىلى 1 - يانۋار رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

بەزى ئەمەلدارلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ يىغىندا ناھايىتى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى بەزى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنى مەمنۇن قىلالمىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى - «پۇقرالار كۈچى» نىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى، دىئالوگدىن ناھايىتى ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ئىقتىساد، ئىستراتېگىيە دىئالوگىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. بىز ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگنىڭ ئاساسلىق بىر مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولسۇن، دېگەننى تەكىتلەپ كەلدۇق. بىراق 1 - نۆۋەتلىك دىئالوگ باشلانغاندىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلمىدى. بۇ بىزنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرۇپ كەلدى. بەزىدە كىشىلىك ھوقۇق پەقەت رەسمىيەت ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋاللار يۈز بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئويىنى بىلگەچكە، ئۇمۇ ئامېرىكا قانداق مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسا ئۇنىڭغا ياق، دەپ جاۋاب بېرىپ كەلدى. شۇڭا بىز ھەر قېتىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويساق، بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان بولدى. بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.»

ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد، ئىستراتېگىيە دىئالوگى ھارپىسىدا، جۇڭگو پۇقرالار كۈچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى قاتارلىق 20 تەشكىلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار خېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆكتىچى تەشكىلاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە، خىتايغا ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى، چەتئەل ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە، خىتاينىڭ سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنى مۇزاكىرە قىلىشقا، تۈرمىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن دىئالوگلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق سودا - ئىقتىساد، بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدە باشقا ساھەلەرگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى: «بىز كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باشقا مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىشىمىز كېرەك. ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق سودا - ئىقتىساد ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كىشىلىك ھوقۇق باشقا مەسىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېھتىمال قىسقا ۋاقىتتا بۇنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇنىڭ تەسىرى ئۇزۇن مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا قىلىمەن دېسە كېچىكىدۇ. شۇڭا، بىز كىشىلىك ھوقۇق بىلەن باشقا مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمىز. مانا بۇ بىز تەكىتلەۋاتقان نۇقتىدۇر.»

ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىساد، ئىستراتېگىيە دىئالوگىدا ھەل بولمىغان كۆرۈنەرلىك يەنە بىر ئىختىلاپ - جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى. بۇ مەسىلە ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى.

خىتاي دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى 7 - ئىيۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە چىقارغان ھەر قانداق قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىلىپپىن ئاچقان بۇ داۋاغا قاتناشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە خەلقئارا سوتنىڭ كېسىم چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ، گوللاندىيەدىكى مەزكۇر خەلقئارا مەھكىمىگە داۋا ئاچقان.

جون كەرىي 7 - ئىيۇن بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى شەرھلەپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئەنئەنىۋىي دېڭىز قاتناش، ھاۋا قاتناش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپنىڭ چوقۇم سۆھبەت، ئۆز - ئارا مەسلىھەت ۋە قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنى، ھېچقانداق دۆلەت ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قوللانماسلىقى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر ۋاشىنگتوندا جون كەرىينىڭ سۆزىگە چۈشەنچە بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئىزچىل ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارك تونېر: «مانا بۇ بىزنىڭ بۇ سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈشىمىزدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. يەنى بىزنىڭ مۇددىئايىمىز ئولتۇرۇپ دوستانە، راستچىل، سەمىمىيلىك بىلەن خىتايغا ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىدىن تۇيغان ئەندىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. بىزنىڭ مەيدانىمىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەتلەرنى بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قوللىنىپ، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتمەسلىككە، ئۇلارنىڭ دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى خەلقئارا دېڭىز ئوكيان قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىش - كەلمەسلىكىگە قاراشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. بىزنىڭ بۇ مەيدانىمىز ئىزچىل ۋە ئۆزگەرمىدى. بىز بۇ نۇقتىنى خىتايغا داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرىمىز» دەپ كۆرسەتتى.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق ئايرىم مەسىلىدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىخەتەرلىك، سودا، ئىقتىساد، قانۇن، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئەمەل قىلىش قاتارلىق ھالقىلىق ئامىللارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلىنى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قاراش «ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ» دېدى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۆزىمىزنىڭ خېتىنى يوللىغاندىمۇ بىلەتتۇق. ئېھتىمال بۇ دىئالوگدا كىشىلىك ھوقۇققا ئۇنچىلىك دىققەت قىلىنماسلىقى مۇمكىن ئىدى. دىئالوگ ئاخىرلاشقاندا بىز كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، دەپ قوياتتى. ئەلۋەتتە بۇ جەھەتتە چوڭ بىر نەتىجە بولمايدىغانلىقىنى ئويلىغان. ئەمما بىز يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەن بايام دېگەندەك، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا بارلىق مەسىلىلەرنى كىشىلىك ھوقۇق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق قىلىش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇخالىپ ئەمەس.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.