ئاتۇش يېزىلىرىدا ئۆستۈرىلىدىغان ئېسىل سورتلۇق يەرلىك ئۈزۈملەرنىڭ بۇ يىل خېرىدارسىز قالغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زىيان تارتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنكاس قوزغىماقتا.
رادىيومىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى دەلىللەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، يەرلىكتىن ئېنىق مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتى.
ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر دېھقان بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«شۇنداق، بۇ يىل ئاتۇشنىڭ ئۈزۈملىرى خېرىدارسىز قالدى، سېتىلمىدى، دېھقانلار زىيان تارتتى. مېنىڭ ئۈزۈملۈك بېغىم يوق، ئەمما ئەتراپتىكى دېھقانلار ھەم يۇرت - جامائەتنىڭ ئۈزۇملىرىنى ساتالمايۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىم بار. ئىچكىرىدىن مەخسۇس ئۈزۈم سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىدىغان سودىگەرلەرمۇ كەلمىدى.»
ئۇ بىزنىڭ بۇ يىللىق ئۈزۈمنىڭ باھاسى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بۇ يىل باھا بەكلا چۈشۈپ كەتتى، يېرىم باھا چۈشۈپ كەتتى، بۇنىڭ سەۋەبىنى شەخسەن مەن ئۇقالمىدىم. ئۈزۈم سودىگەرلىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ يىل ئاتۇشقا ئۈزۈم سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىنىمۇ بىلمىدىم. ئامالسىز قالغان دېھقانلار ئۈزۈملىرىنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرىدا ساقلاشقا مەجبۇر بولماقتا. ئىلگىرى ئىچكىي ئۆكىلىلەرگە ۋە ھەتتا پاكىستان قاتارلىق چەت مەملىكەتلەرگە سېتىلىدىغان ئۈزۈم بۇ يىل سېتىلمىدى. ئەتراپتىكى ۋىلايەت، ناھىيەلەردە، يەنى قەشقەر، ئاقسۇ تەرەپلەردىمۇ ئۈزۈمنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇنىڭغا ھۆكۈمەتمۇ ئۈنۈملۈك چارە قىلالمىدى بولغاي…»
قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتتىن ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا قۇمسېغىر كەنتىگە «خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەركىبىدە چۈشكەن مەۋلان ئىسىملىك بىر كادىرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتتىن بۇ يىل 3 - ئايدا ئازاق يېزىسىنىڭ قۇمسېغىر كەنتىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى بولۇپ چۈشتۇق. ھازىر يېرىم يىلدىن ئاشتى. سىزگىمۇ مەلۇم، ھەر يىلى تالاشتا قالىدىغان ئاتۇش ئۈزۈمى بۇ يىل سېتىلمىدى، خېرىدارسىز قالدى. بۇ ئەھۋالدا ئاتۇش دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىشى ئېنىق. شۇڭا بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر دېھقانلار بىلەن سودىگەرلەر ئارىسىدا قاتراپ يۈرۈپ ئۇلارنى باھادا كېلىشتۈرۈشكە ۋە ئۈزۈملەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا كۆپ تىرىشتۇق. ھالبۇكى، ئىچكىرىدىن كېلىدىغان چوڭ ئۈزۈم سودىگەرلىرى كەلمىگەچكە، ئۈزۈملەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمىدى.»
خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى مەۋلان يەنە مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «ئاڭلىشىمىزچە، ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى قىزىل ھاراق ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلار زىيان تارتقانمىش. شۇڭا زاۋۇت خوجايىنلىرى بۇ يەردىن زور مىقداردا ئۈزۈم سېتىۋېلىشتىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. ئۇندىن باشقا يەنە نېمە سەۋەب بار، بۇنىڭغا مەن ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. چۈنكى مەن مۇقىملىق خىزمىتى قىلىۋاتقان كادىر بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئېنىق بىرنېمە دېسەم سۆزۈمگە ئىگە بولسام بولىدۇ!»
ئۇ بىزنىڭ «ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى ئۈزۈم سودىگەرلىرىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەلمەسلىكى بۇ يەردىكى سىياسىي ۋەزىيەت، يەنى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ - يوق؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۆز ئالدىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە يۇمشاق باھانە - سەۋەب كۆرسىتىپ داۋاملىق سۆزلىشىشنى رەت قىلدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00