گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتىدە دىنىي ساۋاتلار سۆزلىنىپلا قالماي، گوللاندىيىدىكى باج ۋە مالىيە سىستېمىسىنى ھەققىدىمۇ لېكسىيە سۆزلەندى. سۆھبەت ئەھلى بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
2013-يىلى 3-مارت گوللاندىيىنىڭ زەيست شەھىرىگە ئورۇنلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەت مەركىزىدە، «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئەرلەر، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈش 2 دىن، تاكى كەچ سائەت 8 گە قەدەر داۋام قىلدى. پائالىيەت يىللاردىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان تەرتىپ ئاساسىدا «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات كەچمىشلىرى مەركەز قىلىنغان ۋەقەلىكلەر بايان قىلىندى. كېيىن «تەۋھىيد ۋە ئىمان» ھەققىدە چۈشەنچىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلدى.
پائالىيەت ئارىلىقلىرىدا دەم ئېلىشلار، ئۆز-ئارا تونۇش خاراكتېرىدىكى ئەركىن سۆھبەتلەر، ناماز ۋە غىزالىنىشلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاخىرىدا گوللاندىيىدىكى باج ئىشلىرى، مالىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە ساۋات ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال-جاۋاب شەكلىدە پروگرامما بولۇندى. بۇ پروگراممىغا گوللاندىيىدە ئۇزۇن يىللاردىن مۇشۇ ساھەدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر تۈرك قېرىنداش ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، كۆپچىلىك قىسقا ۋاقىتتا كۆپ ئۇچۇرلاردىن بەھرىمەن بولدى.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى ئاڭلاتتى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» يېقىنقى يىللاردىن بىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ خىزمەتلىرىنى كېڭەيتىۋاتقان ۋە سەرخىللاشتۇرۇۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى.
«ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق خىزمەتلىرىدىن بولۇپ، ئايدا بىر قېتىم ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ پائالىيەت كېلىشنى ئىختىيار قىلغان بارلىق ۋەتەنداشلار ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق پائالىيەت بولۇپ، بۇندىن كېيىن خانىم-قىزلارمۇ قاتنىشالايدىكەن.
بۇ جەمئىيەتتە ھازىر بالىلار ئۈچۈن «ئىسلام ۋە ئانا تىل كۇرسى»، چوڭلار ئۈچۈن «قۇرئان-تەجۋىد كۇرسى» دەرسلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلار يەنە «تەلەپ-تەقدىم كۇرسى» ناملىق بىر تۈر تەستىقلاپ، تەلەپ قىلغۇچىلار بىلەن تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ساھەدە بىلىم ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق ئىشلارنى پىلانلىماقتا ئىكەن.