خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى باجدىن قۇتۇلۇش جەننىتى بولۇپ قالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.06.08
Xelqara-chegra-hemkarliq-merkizi.jpg قورغاستىكى خەلقئارا سودا مەركىزى.
Public Domain

2012-يىلى قورغاستا قۇرۇلغان «خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» تەشۋىقاتىدىكى مۇھىم جايلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. خىتاي رەسمىي ئاخباراتلىرى قورغاستىكى چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىمەكتە. رويتېرس ئۆز خەۋىرىدە، قورغاستىكى ئىقتىساد ئالاھىدە رايونىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ باجدىن قۇتۇلۇش ئورنى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قورغاس ئىقتىساد ئالاھىدە رايونى قارمىقىدىكى «خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارالىق چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇش» دەيدىغان شوئارى ئاستىدا 2012-يىلى قۇرۇلغان ئىدى. خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، خەلق گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» يولغا قويۇلغاندىن بېرى بۇ مەركەزدىكى تىجارەتنىڭ كېڭىيىشىگە يەنىمۇ كەڭ يول ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلق گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە يەنە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قورغاس چېگرا ئېغىزى ئۆزگىچە رايون ئۈستۈنلۈكى، ئېتىبارلىق باج سىياسىتى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، خەلقئارالىق ئاخباراتلار قورغاستىكى ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ يۇقىرىدا ئاڭلىتىلغانلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. مەسىلەن، ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقى 6-ئىيۇن كۈنى «يىپەك يولى ئۈستىدىكى قورغاس تىجارەتچىلەرنى جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە، بىر قانچە خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان. ما فامىلىلىك بىر خىتاي مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىنىڭ رايونغا مەبلەغ سېلىش ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ بېقىش ئۈچۈن بارغان بولسىمۇ، كۆرگەن مەنزىرىسىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ، دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن، يەنى ئۇ يەردە پەقەت خىتاينىڭ ئەزان پۇللۇق كىيىم-كېچەكلىرىنى، ماللىرىنى سۇلياۋ خالتىلارغا قاچىلاپ چۆرگىلەپ يۈرگەن قازاق چارۋىچىلاردىن باشقا نەرسە كۆرمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەركەز قۇرۇلۇشىنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىشىگە ئەپسىزلىكىنى، 5 يۇلتۇزلۇق بىرەر مېھمانخانىنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئېيتىپ، بۇ يەر يۇقىرى سوممىلىق مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويېتېرس مۇخبىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، «خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا تىجارەت-ھەمكارلىق مەركىزى» نىڭ خىتاي تەرىپىدە بولسا خىتاينىڭ ئەزان باھالىق ماللىرىنى ساتىدىغان 5 سودا بىناسى بار بولۇپ، ئۇ يەردىكى دۇكاندارلارمۇ خېرىدار يوقلۇقىدىن شىكايەت قىلماقتىكەن. شۇ يەردىكى بىر دۇكان ئىگىسى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ بەزى كۈنلەردە كۈن بويىچە بىرمۇ مال ساتالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ «بەزى قازاقلار باي بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىرى كەمبەغەل، 20 كويلۇق مايكىنىڭمۇ باھاسىنى تالىشىدۇ» دېگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، قورغاستىكى ۋەزىيەتنىڭ يۇقىرىدىكىدەك بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، قورغاس خەلقئارا چېگرا تىجارەت-ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئەسلىدىلا زور تەرەققىيات قىلىدىغان ئامىللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە بازاردىن ئىبارەت ئىككى ئامىل مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمدى بۇ بازارغا قارايدىغان بولساق، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ھەر ئىككىلىسى ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەر، شۇڭا بۇ دۆلەتلەرگە مال ساتقىلى بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىمۇ كۈچلۈك بىر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئەمەس. شۇڭا قورغاسنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرىمىز دېسىمۇ بەرىبىر بىر ئۈنۈمى بولمايدۇ.»

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ۋە قورغاس دائىرىلىرى رويتېرس مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خۇاڭ سەنپىڭ ئىسىملىك رەھبىرى بېيجىڭدىكى يىغىندا مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ يېقىندا قورغاسنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ گۈللىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاينىڭ خەلق گېزىتى قورغاستىكى چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى ھەققىدىكى خەۋىرىدە مۇنۇلارنى بايان قىلغان :

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت قورغاسنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقاردى، بولۇپمۇ ئورۇنلاشقان كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نۇقتىلىق ئىلھام بەردى، كارخانىلار بەش يىللىق ھەقسىز تاپاۋەت بېجىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ساياھەت، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىقلار جەھەتتە كونكرېت ئېتىبار بېرىش سىياسىتىمۇ بار. 2014-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر، قورغاستا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا رويخەتكە ئالدۇردى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن كېلىپ رويخەتكە ئالدۇرغان شىركەتلەر 500 دىن ئوشۇق.»

ئەمما رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، 5 كۋادرات كىلومېتىرلىق بۇ چېگرا تىجارەت-ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قازاقىستان تەرىپى ئاساسەن بوش بولۇپ، 63 ئىش پىلانىنىڭ ئاران 25 ئىگە مەبلەغ سالغۇچى چىققان. بۇندىن سىرت يەنە، ھازىرغىچە قورغاستا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا-شىركەت سانى 2411 بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپى پەقەتلا بۇ رايوندىكى باج كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈنلا تىزىملاتقان شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىش ئىمكانى يارىتىشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىكەن.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، قورغاستىكى تىجارەتتىن سۆز ئاچقاندا ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «قورغاستىكى چېگرا تىجارەت ھەمكارلىق مەركىزىدىن سۆز ئاچقاندا، بىز خىتاي ۋە قازاقىستان ھەر ئىككىلىسىنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى ئېغىر دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۇ دۆلەتلەردە تىجارەت مەركىزى بولغان ئىكەن، چىرىكلىكمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا بۇمۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما يەنە بىر تەرىپى، قورغاستىكى تىجارەت يولى تېخى ياۋروپاغا يېتىپ بېرىپ بولالمىدى. مەنچە، قاچان ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى› ئەمەلگە ئېشىپ، تىجارەت يوللىرى ياۋروپاغا تۇتاشقان چاغدا ئاندىن قورغاستىكى بۇ ئىقتىساد-ھەمكارلىق رايونى ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرالىشى مۇمكىن.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورغاستىكى بۇ ئالاھىدە رايوننى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ رايوندىكى خەلقلەرنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنى ياۋروپاغا تۇتۇشىدىغان يولدىكى بىر ۋوگزال قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» بىر خەۋەر تارقىتىپ، خىتايدىكى داڭلىق ئارتىس فەن بىڭبىڭنىڭ 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا «ئەيمېيشەن فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە مەدەنىيەت» شىركىتىنى قۇرۇپ، شىركەتنى قورغاس ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونىدا رويخەتكە ئالدۇرغانلىقىنى، قورغاس رايونىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كىشىلەر ئىچىدە يەنە ياڭ مىيغا ئوخشاش باي ئارتىسلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. رويتېرس خەۋىرىدە، رويخەتكە ئالدۇرۇلغان شىركەتلەرگە چوقۇم يەرلىكتە مەشغۇلات قىلىش شەرتى قوشۇلمىغانلىقتىن، بۇ ئاتاقتا قورغاستا قۇرۇلغان شىركەتلەر قورغاستا ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھېچقانداق باشقا يېرىدە مەۋجۇت ئەمەس، شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە ئىش ئىمكانى يارىتىشقىمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە» دەپ بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.