خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى نۇتقىدا «بىر بەلۋاغ، بىر يول» نى تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا «ئالدى بىلەن ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئالتە چوڭ ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئېنېرگىيە ئالاقە تورى بەرپا قىلىپ، رايون ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تورى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز؛ سىياسەت، قائىدە، ئۆلچەمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەلۋەتتە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىمۇ ھەر ساھەدىكى ئورتاق، ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىقنىڭ ئالاقىلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنىڭ شەرتى. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ نېگىزلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە بولسا، بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇقىم، بىخەتەر ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دەل ئەكسىچە تەدبىر قوللىنىلىۋاتقان بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن قوللىنىش، ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىشتا ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان بوشلۇقى تېخىمۇ تارايتىلغانلىقى مەلۇم.
بۇ ھەقتە رادىيومىزغا كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرى بىلەن بىردىن بىر ئالاقە ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقان ئۈندىدارنى قوللىنىشىمۇ توسقۇنلۇققا چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە يېقىنقى كۈنلەردە ھەتتا چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار كەڭرى قوللىنىۋاتقان «فەيسېبوك» ۋە «ۋاتساپ» لاردىمۇ مۇنازىرە غۇلغۇلا قوزغالدى.يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسىگە سىن يوللاپ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى مۇنداق ئىپادە قىلغان ئىدى:
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتقىلا ئەمەس، ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە بولغان قاتمۇ-قات كونتروللۇقى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەتنى چۈشەنگەن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىسى ئەلى ئەپەندى، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇمشاق دېتال ۋە ئىنتېرنېت تەرەققىيات كەسپىي ساھەسىدە ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە، ئىمكانىيەت بار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بىھۇدە خەۋپ-خەتەر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن ئۈندىدار توپلۇقلىرىدىنمۇ چېكىنگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزىلەر تەرىپىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ھازىرقى نازۇك ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ بارلىق ساھەلەرگە كونترول سىستېمىسى بەرپا قىلىپ بولغانلىقى ۋە قانۇنىي ئاساسىنىمۇ تىكلەپ بولغانلىقىنى، خىتاي تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىقلاردا قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا يولى، تورنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان بولسىمۇ، ئىچكى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەت ۋە ئالاقە بوشلۇقىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ تارايتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بىر بەلۋاغ، بىر يول» نى ئېچىۋېتىش يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز دەۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونترول سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتقا پايدىسىز ئادالەتسىز بىر مۇھىتنى يارىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان خەلقئارا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەدېلىنى ئېرىپ خانىم، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ: «خىتاينىڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات بېرەلمىسەممۇ، ئەمما ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك سارىيى ھەر يىلى دۇنيادىكى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 65 دۆلەتنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ۋەزىيىتى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمىز، خىتاي بولسا ھەر يىلى ئىزچىل ھالدا، يېقىنقى 2015-، 2016-يىلىمۇ ئىنتېرنېت ئەركىنلىك ئەھۋالى ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونى بولسا ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېتقا بولغان كونتروللۇق ھەممىدىن ئېغىر جاي، بۇ ھەقتە كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز» دېدى.
مەدېلىنى خانىم ھالبۇكى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش كونتروللۇق كۈچلۈك ئورۇنلارغا تارتىشنىڭ رىقابەتلىك بىر مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز يىللىق دوكلاتلىرىمىزدا بۇ ساھەدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دوكلات تەييارلاپ سۇنۇۋاتىمىز، خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇ جايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇق ۋەزىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا چاقىرىمىز، بۇ ئۇ جايدىكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىك مەسىلىسىلا ئەمەس ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدۇر. بىز كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى قوغلىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز، شۇنداقلا باشقا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىمۇ سودا ۋە باشقا ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە خىتاينىڭ رايوندا ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، ئادىل، تەڭپۇڭ، ئاشكارا خەلقئارا ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش قائىدە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشى ۋە بۇنىڭدا ئاكتىپ رول ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى.
شى جىنپىڭنىڭ سۆزىچە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» نى 21-ئەسىر رەقەملىك يىپەك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئالاقە تورى دەۋرىدىكى مۇھىم نىشاندىن ئىبارەتتۇر.
15-ماي باشلانغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، خىتاي تەشەببۇس قىلىپ ئۆتكۈزگەن «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خەلقئارالىق يىغىن بولۇپ، ئۇنىڭ باش تېمىسى «خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› نى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەتتۇر. 29 دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 دۆلەت ۋە 70 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 1500 ۋەكىل بۇ قېتىملىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان.