مەلۇمكى، خىتاينىڭ يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش مەقسىتىدە ئېلان قىلغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك پروگراممىسى يەر ئاستى مەنبەلىرىنىڭ باي زاپاسلىرىغا ئىگە ياۋروئاسىيانىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقچى.
خىتاينىڭ بۇ پىلانى ئېنېرگىيە، ترانسپورت، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرىنچى نۆۋەتتە، قوشنا مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلماقتا.
بۇنىڭدىن خىتاي ۋە قازاقىستان قانداق پايدا كۆرىدۇ؟ خىتاي كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە بۇ ئىقتىسادىي سىياسەت نېمە بېرىدۇ؟ خىتاينىڭ مەزكۇر ئىستراتېگىيىسى رۇسىيەنىڭ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟
ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، ئىقتىسادچى دوكتور گۈلجاھان ھاجىيېۋانىڭ پىكرىچە، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي پروگراممىسى، بىرىنچىدىن، كۆپلىگەن ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق خىتايغا يۇقىرى دەرىجىدە ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ خىتاي پۇقرالىرىنى يېڭى ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلەشكە مۇمكىنچىلىك يارىتىدۇ. خىتاينىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش ۋە تۆمۈر يول كومپانىيىلىرى مەركىزىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ھېسابىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. ئۈچىنچىدىن بولسا، يىپەك يولىنىڭ قۇرۇقلۇق يوللىرىنى كونترول قىلىش خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەيدۇ.
گ. ھاجىيېۋا قازاقىستان توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يىپەك يولى ئىقتىسادىي سىياسىتى قازاقىستاننىڭ ترانسپورت ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇدرىتىگە يېڭى مەبلەغلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشىگە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ چوڭ لايىھە قوشۇمچە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەمىنلەيدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەلنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىتىدۇ، ئىجتىمائىي كەسكىنلىكىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەم سىياسىي مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، قازاقىستان مەزكۇر لايىھىنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش پروگراممىسىغا كىرگۈزمەكچى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن 2014-يىلى نويابىردا ئېلان قىلىنغان ‹نۇرلۇق يول› يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەت ئاساسىي جەھەتتىن ئەنە شۇ يىپەك يولى ئىقتىسادىي سىياسىتىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانلىرىغا ئاساسلانغان. شۇنداقلا قازاقىستان ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى بارلىق ئىگىلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا 4 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»
ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروفنىڭ قارىشىچە، يىپەك يولى ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ھەم خىتاي، ھەم قازاقىستان ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرى، ئۇنىڭ ھەم پايدىسى، ھەم زىيىنى بولۇشى مۇمكىن. ھەر بىر مەملىكەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ. مۇبادا بۇ سىياسەت قازاقىستاننى كۆپىنچە ترانسپورت يولى سۈپىتىدىلا پايدىلانغان تەقدىردە قازاقىستان ئۈچۈن ئۇنىڭ پايدىسىدىن كۆرە زىيىنى كۆپرەك بولىدۇ.
ئۇ يىپەك يولى ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردىكى چوڭ شەھەرلەر دۇنياۋى ترانسپورتلۇق سىستېما مەركەزلىرىگە ئايلانسا، ئۇ يەردە يېڭى ئىش ئورۇنلىرى، يېڭى ساھەلەر پەيدا بولسا، يېڭى زاۋۇتلار سېلىنسا، خەلقنى ئىش بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ش ئۇ ئا ر زېمىنى ئىنتايىن قۇرغاق، ئېكولوگىيىلىك ئەھۋالى نازۇك رايون. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېكولوگىيىلىك مەنپەئەتنى ياخشى ئويلاش كېرەك.»
گ. ھاجىيېۋا بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئارقىدا قېلىۋاتقان، لېكىن كېلەچىكى زور ئۈچ رايوننىڭ، يەنى ئۇيغۇر ئېلى، گەنسۇ ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەلۇمكى، ش ئۇ ئا ر ‹ئاسىيانىڭ مەركىزى› ۋە ‹خىتاي ئۈچۈن غەربكە دېرىزە› بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رايوندىن شەرققە قاراپ مىلياردتىن ئوشۇق ئادىمى بار ئىچكى بازار ئورۇنلاشسا، غەربكە قاراپ تەخمىنەن شۇنچىلىك ئىستېمالچىلار ياشايدۇ. شۇڭلاشقا خ خ ج شىنجاڭنى يىپەك يولىنىڭ ئىقتىسادىي بەلۋېغىنى قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تۈگۈن دەپ قارايدۇ.»
گ. ھاجىيېۋانىڭ ئېيتىشىچە، يىپەك يولى ئىقتىسادىي سىياسىتى باشقا رايونلاردىن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى، خىزمەت كۆرسىتىش ساھەلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ تېز تەرەققىي ئېتىشىنى تەمىنلەش مۇمكىن بولىدۇ. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باھالىشىچە، 2030-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچكى كىرىمى 43 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلماقچى.
گ. ھاجىيېۋانىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى مەملىكەتلىرىنىڭ ترانسپورت ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇدرىتىگە يېڭى مەبلەغلەرنىڭ كىرىپ كېلىشىگە، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئۆز - ئارا سودا ئىشلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە، ئىقتىسادنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە يول ئاچىدىكەن. لېكىن ئىتتىپاق ئەزالىرى بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىشىشنى ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاققا ئەزا مەملىكەتلەر بىلەن ئۆز- ئارا ھەمكارلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى لازىمدۇر. ئۇ رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىر نەچچە يىل مابەينىدە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي رىقابەتچىلىكتە خىتايغا يېڭىلىپ كېلىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تاۋار ئوبوروتى 2014-يىلى 27.8 مىليارد دوللارنى، خىتاي 46 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلدى. رۇسىيەنىڭ مەزكۇر رايونغا سالغان مەبلەغلىرى 2013-ۋە 2014-يىللىرى 15 مىليارد بولسا، خىتاينىڭ پەقەت قازاقىستانغا سالغان مەبلىغى 2014-يىلى 30 مىليارد دوللاردىن ئېلىش كەتتى. ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، خىتاي ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىنىڭ، مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ۋە مالىيەۋىي ھامىيلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى يەنىمۇ كېڭىيىدۇ دەپ كۈتۈلمەكتە.»
ش. نادىروف خىتاينىڭ يېڭى ئىقتىساد يولىنىڭ پەقەت رۇسىيەگىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھازىر دۇنيادا ئىككىنچى ئىقتىساد. تەسىر قىلغاندا ئۇنىڭ ھەم رۇسىيە، ھەم ياۋروئاسىيا ئۈچۈن پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ بار. رۇسىيە بۇ سىياسەتكە ھازىرچە قارشى ئەمەس. مۇمكىن كېلەچەكتە رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ھەر قانداق زىددىيەتلەر، ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر چىقىشى ئېھتىمال.»