خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى بۈگۈن ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالغان دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى دۆلەت مەبلەغ كومىتېتى تارمىقىدىكى خىتاي كارخانىلىرى ۋە 19 ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كارخانا، شىركەتلىرى مەسئۇللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى، تەرەققىياتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى يوليورۇقلىرىغا شەرتسىز ماسلىشىپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشتا بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزدا مەخسۇس بايانات بەرگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، «شەرقىي تۈركىستاندا ئارقىمۇ-ئارقا يۈزبەرگەن نارازىلىق ھۇجۇملىرى ۋە قان تۆكۈلۈشلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان خىتاي كارخانا، شىركەتلىرىنىڭمۇ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بار، ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن دۆلەت كارخانىلىرى ئەمەلىيەتتە ئەسكىرى كارخانىلار، ئۇلار چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى باش خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ دۆلەت مەبلەغ كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشقان دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ مۇقىملىق خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان. يىغىنغا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى مەبلەغ كومىتېتى مۇدىرى دۇ، مەركەزنىڭ يوليورۇقىنى يەتكۈزۈپ «شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان دۆلەت كارخانا، شىركەتلىرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ ئاساسلىق كۈچ، ھەر قايسى شىركەت، كارخانىلار ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ۋاقتىدا مەسئۇلىيىتىمىزنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا جىددىي ماسلىشىپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى، مۇقىملىقنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىغا قويۇپ، مۇقىملىق خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر ساھەلەر بويىچە مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەنبە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا يەنىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى مۇقىملىق سېپىلىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز زۆرۈر...» دەپ سۆزلىگەن.
خىتاينىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىكى ستاتىستىكىلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن «نىشانلىق ياردەم بېرىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىپ ئورۇنلاشقان، خىتاي نېفىت باش شىركىتى، جۇڭخې رەڭلىك مېتال گۇرۇھى، خىتاي ئېلېكتر تورى شىركىتى، خىتاي تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھى قاتارلىق خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سانى ھازىر 53 كە يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە يۆتكەش ۋە باشقا ھەر قايسى ساھەلەر بولۇپ مەبلەغ سېلىش تۈرى 548 گە يەتكەن. بۇ ئەسلىدىكى پىلاندىن 64 تۈر ئارتۇق ئىكەن. بۇلاردىن باشقا دۆلەت كارخانىلىرى باشلامچى بولۇپ خىتاينىڭ 19 ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە باشلاپ كىرگەن كارخانىلارنىڭ مەبلەغ تۈرلىرىمۇ 507 گە يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن «نىشانلىق ياردەم» باھانىسىدە خىتاي شېركەتلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بايلىق ئېچىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر زېمىن بايلىقلىرىنى ئىگىلەش، خام ئەشيالىرىنى يۆتكەش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ نىشانلىق ياردەم ئىستراتېگىيىسىنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى ۋە بايلىقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تالان-تاراج قىلىش سىياسىتى» دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى، رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى مۇقىملىق خىزمىتىدىكى ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىشىغا قارشى رادىئومىزدا بايانات بېرىپ، «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بايلىق بۇلاڭچىلىقى، يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردە ئۇلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بار، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بېسىلمايدۇ، مۇقىملىقمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ....» دېدى.