پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ كاتىپى ئەكبەرجان بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتى داۋامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىكى تىجارەت ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا سودىسى 1980-يىللاردا باشلانغان ۋە بارغانسېرى راۋاجلانماقتا. ئەمما مەزكۇر سودىدا دەسلەپكى يىللاردا باشلامچى رول ئوينىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر نۆۋەتتە بۇ سودىدىن ئاساسەن دېگۈدەك سىقىپ چىقىرىلغان. ئۇيغۇر رايونى بىلەن پاكىستان ئارىسىدا قاتنايدىغان ھەپتىدە ئىككى ئايروپىلان 2000-يىللاردىن 2006-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بىلەن لىق تولغان بولسا، ئەمدىلىكتە بۇلارنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي خىتاي ۋە پاكىستانلىق تىجارەتچىلەر ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە ھەر قېتىملىق ھاۋا يولىدىن كېلىدىغان تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 10 غا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەكبەرجان، بۇ ئاقىۋەتنىڭ غوللۇق سەۋەبلىرىدىن بىرىنى خىتاينىڭ پاسپورت چەكلىمىسى دەپ كۆرسەتتى. راۋالپىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
بىز ئىلگىرى خەۋەر قىلغان پاكىستاندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان قەشقەر رابات يەنى قەشقەر مېھمانخانىسىنىڭ تاقالغانلىقى ۋە پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازىيىپ يوق دېيەرلىك دەرىجىگە كەلگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ، ئەكبەرجان بايان قىلغان يۇقىرىقى ۋەزىيەتنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر نۇقتىدىن دەلىللىمەكتە.
بۇ يىل سېنتەبىردە خىتاينى زىيارەت قىلغان پاكىستان پرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن، پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى مەشغۇلاتلىرى داۋامىدا پاكىستاندىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىلارنى ئاساسەن يوقىتىپ بولغانلىقىنى، ئەگەر بار دېيىلسە بۇنىڭمۇ ناھايىتى ئاز ساندا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى، خىتاي تەرەپمۇ باياناتلىرىدا خىتاي-پاكىستان دوستلۇقىنىڭ ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئەمما خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق بىر خەۋەر ياكى بايانات بېرىلمىگەن ئىدى.
ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00