بۇ يىل ئۇيغۇر پاختىكار دېھقانلار كۆپ زىيان تارتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.10.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Uyghur-Paxta-305 ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺗﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

ئۇيغۇر دىيارى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار ئاساسەن كېۋەزچىلىكتىن نەپكە ئېرىشىدۇ. بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 60% دىن ئارتۇقىنى ئىگىلىگەن. گەرچە پاختىنىڭ ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلايدىغان خىتاي كارخانىلىرى ھاياتىي كۈچكە تولغان بولسىمۇ، لېكىن كېۋەز تېرىغان دېھقانلار بىلەن پاختا پىششىقلايدىغان كارخانىلار زىيان تارتقاچقا، بۇ يىل كېۋەز تېرىقچىلىق كۆلىمى 20% ئازايغان. بۇ يىل تۈرلۈك ئاپەت ۋە باشقا ئامىللار تۈپەيلى پاختا مەھسۇلاتىمۇ تۆۋەنلىگەن. بۇ ئەھۋالدا ئەسلى پاختا باھاسى يۇقىرىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما تۇرپان، قۇمۇل، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، كېۋەز بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن بىر-ئىككى ھەپتە كېچىكىپ يىغىۋېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى پاختا سېتىۋېلىشتا باھانى تۆۋەن قويغاچقا، پاختىكارلارنىڭ ئەندىشىسى يەنىمۇ كۈچەيگەن. تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇ يىل كېۋەزنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تۆۋەن بولغاندىن سىرت سېتىۋېلىش باھانىسىنىڭمۇ تۆۋەن بولۇشى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۇەن بۇ يىل يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، «پاختىنى ئازايتىپ ئاشلىقنى كۆپەيتىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ پاختا سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئازايتقان كېۋەز ئېتىزلىرى 1 مىليون 350 مىڭ مو بولۇپ، 12.9% ئازايغان. يېقىندا شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەر توننا پاختىنىڭ سېتىلىش باھاسىنى 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە تۆۋەنلەتتى. ئىمپورت پاختىنىڭ باھاسىمۇ ئازراق چۈشكەن. مەملىكەت بويىچە كېۋەز كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 20% ئەتراپىدا ئازايغان. خىتاينىڭ پاختا بازىرىغا دائىر خەۋەرلەردىن بۇ يىل خىتاينىڭ پاختا ئىمپورت مىقدارىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكى مەلۇم. دائىرىلەر بۇ، «بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختا باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى بازار ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادقا دائىر ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تېرىقچىلىق كۆلىمى ئازايغان، تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كېۋەز تېرىغان دېھقانلار بىلەن پاختا پىششىقلايدىغان كارخانىلار زىيان تارتقاچقا، بۇ يىل پاختا باھاسى بۇلتۇرقىدىن 20% كېچە تۆۋەن بولماقتا ئىكەن.

تۇرپاننىڭ پىچان تەۋەلىكىدىكى بىر پاختىكار دېھقان ئايالدىن ئۇقۇشىمىزچە، قۇم بوران، قۇرغاقچىلىق قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبلىك پاختا يىغىش ۋاقتى ئىككى ھەپتە كېچىككەن، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مىقدارى ئازايغاننىڭ ئۈستىگە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى بۇ يىل سېتىۋالىدىغان پاختىنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە قاتتىق تەلەپ قويغان،بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئەندىشە قىلغۇدەك ھالەتتە تۆۋەنلىگەن.

2014-يىلى خىتاي پاختىنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىپ ساقلاش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى بۇ نۇقتىدا سىناق قىلماقتا ئىدى، دائىرىلەر «پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدا كارخانىلار بۇرۇنقىدەك قارىغۇلارچە پاختا سېتىۋالماستىن، سۈپەتنى، بازارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، ھۆكۈمەت پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى بىلەن بازا باھاسى ئارىلىقىدىكى باھا پەرقىگە تولۇقلىما بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى 2015-يىللىق پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلاش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچقان ئىدى. ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا: پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى ئىسلاھاتىنى پائال پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەررەر يولى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا ماكانلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتىش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ سۆزلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىۋاتقان خەۋەرلەردە «مەركەزنىڭ شىنجاڭدا پاختا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزمۇ كارخانىلار ئىشلىتىدىغان توكنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، پاختا توشۇشقا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئون تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتنى يولغا قويدى» دەپ كۆرسىتىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئىچكىرىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ رايونغا كېلىپ مەبلەغ سالغان تۈرى 118 كە يەتكەن، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي كىيىم ئىشلەش ۋە پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ھەممە جايدا ئاۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئاساسەن بىڭتۇەن پاختىلىرىنى مۇقىم باھادا سېتىۋېلىپ يەرلىكنىڭ پاختىلىرىنى بولسا تۆۋەن باھا قويۇپ سېتىۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر پاختىكار دېھقانلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەك تۈگۈل، زىيان بولماقتا ئىكەن.

ئىقتىساد گېزىتى خەۋىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاختا باھاسىنىڭ ئومۇمىي چۈشۈش ئەھۋالى خىلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن:
«جۇڭگونىڭ پاختا ئىمپورتى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن تەڭ يېقىنقى ئايلاردا پاختا قەرەللىك مېلىمۇ چۈشتى، بۇنىڭغا پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى، تىجارەت سودىگەرلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئامبارلاردىن بىۋاسىتە شىنجاڭ پاختىسىنى سېتىۋېلىش نىسبىتىنىڭ چۈشۈشىنى قوشقاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەن ئامبارلاردىكى پاختا باھاسىمۇ ئۆسمەيدۇ. ھەر توننا 2128-دەرىجىلىك پاختىنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى 14200-14300 يۈەندىن 14000-14100 يۈەنگە چۈشكەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىكى ھەر توننا 2128-دەرىجىلىك قولدا تېرىلغان پاختا باھاسى 14000 يۈەندىنمۇ چۈشۈپ كەتكەن.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل سېنتەبىر ئېلان قىلغان 2015-يىللىق پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىناق رايونى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھىسى بويىچە بولغاندا، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ، مەركەزنىڭ تولۇقلىما ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %90 نى سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسەن كېۋەز تېرىغان دېھقانلارغا تولۇقلىما قىلىپ بېرىدىكەن، قالغان 10% نى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاساسى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تېرىش كۆلىمىگە ئاساسەن تولۇقلىما قىلىپ بېرىدىكەن.

بۇ يىل كېۋەزدىن زور زىيان چىققانلىقى ئۈچۈن قىشلىق ئوزۇق تۈلۈك ۋە ئىسسىنىش چىقىملىرىنى قانداق ھەل قىلىش غېمىدە قالغان ئاقسۇ ئاۋاتتىكى بىر پاختىكار ئايال يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاختا بازىرىدا داۋالغۇش بىر قەدەر چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئۇيغۇر دېھقانلار مەھسۇلات تۆۋەن، كېۋەز سېتىش تەس بولۇشنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ كېۋەز تېرىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئەمەلىي تەدبىر ئالمايۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قەرز تۆلەشكە قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.