خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر دېھقانلارغا بولۇپمۇ جەنۇبتىكى دېھقانلارغا كېۋەز تېرىش ۋەزىپىسى ئارتىلدى. بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدا پاختا باھاسى ۋە مەھسۇلاتىمۇ تەڭ چۈشكەنلىكتىن پاختىكار دېھقانلار تەس كۈندە قالغان. ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ پەقەت ۋە پەقەت دېھقانچىلىقنىڭ كىرىمىگە تايىنىپ جان بېقىپ كېلىۋاتقان دېھقانلار قەرزىنى قانداق قايتۇرۇشنىڭ، قىش كۈنلىرى يېقىنلاشقانسېرى ئاش-تۇزىنىڭ غېمىگە پاتقان. پاختا باھاسىنىغۇ بازارنىڭ ئىشى دېسەك، ئەزەلدىن پاختا ئوخشايدىغان جەنۇبتا بۇ يىل مەھسۇلاتنىڭمۇ چۈشۈشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟ تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ؟ قۇرغاقچىلىقمۇ؟ زادى نېمە؟ ئاقسۇ ۋە قەشقەردىكى پاختىكارلار بۇنىڭغا «ئېتىزغا چىقالمىدۇق، كېۋەزلىرىمىزگە قارىيالمىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى، ئۇلار كۈنىنى ئېتىزدا ئەمەس، بەلكى مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن كەنتنىڭ تەشكىللىك سىياسىي ئۆگىنىشلىرىدە ياكى ھاشار ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
كىم دەيدۇ كۈزنى ئۇيغۇرلارغا مول ھوسۇل پەسلى دەپ؟ يەرلىك دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن قارىغاندا، پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى، تۇرمۇشنىڭ غېمى كۈزدىكى يىغقان پاختىسىغا باغلانغان پاختىكار دېھقانلار پاختا باھاسى ۋە مەھسۇلاتىمۇ تەڭ چۈشكەنلىكتىن بۇ ئالتۇن كۈزدە بىر يىللىق ھالال ئەمگىكىدىن مول ھوسۇل ئورنىغا، ئېتىزلىرىدىن تۈگىمەس غەم-غۇسسە يىغىۋالماقتا، يەرلىك دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن قارىغاندا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلار بۇ يىل قۇم بوران، قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېۋەز يىللاردىكىدەك مەھسۇلات بەرمىگەن بولسا، تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كېۋەزلىكلەر سىياسىي ئاپەتكە ئۇچرىغان. يەكەننىڭ بۇلتۇر ۋەقە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ يېزىسىغا قوشنا يېزىلاردىن بىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقاننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇلتۇر بۇ يۇرتتا ۋەقە يۈز بەرگەندىن بۇيان، دائىرىلەرنىڭ «مۇقىملىق بىرىنچى ئامىل» سىياسىتى بويىچە ئېلىنغان، دېھقانلارنى بىكار قويماسلىق تەدبىرلىرى سەۋەبلىك، دېھقانلار گەرچە ئەتىيازدا قەرزگە ئۇرۇق ۋە ئوغۇتلارنى ئېلىپ كېۋەز تېرىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، مەيلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەيتى بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقى كۈزگى يىغىن ۋاقتى بولسۇن، كۈن بويى كەنتكە يىغىلىپ سىياسىي ئۆگىنىشلەردىن قۇتۇلالمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر پاختىكارلار ئاساسەن ئېتىزلىرىدا ئىشلەشكە پۇرسەت تاپالمىغان. شۇنىڭ بىلەن كېۋەزلىرى ئوخشىمىغان، پاختىلىرى بولمىغان ۋە بولغانلىرىنىمۇ ۋاقتىدا يىغالمىغان:
-بۇ يىل پاختا باھاسى چۈشۈپ كېتىپتۇ؟دېھقانلارغا بەك زىيان بولدىمۇ؟
-ھە، بەك زىيان بولدى.
-پاختىنى يىغىپ بولدىڭلارمۇ؟
-ياق تېخى، ما تەرەپتە بىخەتەر بولمىغاندىكىن، دېھقانلار تېرىقچىلىققا ئىشلىيەلمىگەندىن كېيىن.
-مۇقىملىق ياخشى بولماي ئىشلىيەلمىدىمۇ؟ ۋەزىيەت بىلەن ئېتىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟
-ھە مۇقىملىق شۇ، سىياسىي ئۆگىنىش دەيمىز، دادۈيلەردە يىغىۋېلىپ، ھازىرمۇ بار...
-مۇقىملىق بىرىنچى، دېھقانلار زىيان تارتسىمۇ جان باقالمىسىمۇ مەيلىمۇ؟
-ھازىر ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، ھە شۇ، ئىش چىقمىسا، ئەتىگەن باسا كەچتە قايتىپ كۈن كەچۈرسە بولدى. يېزىغا يىغىۋېلىپ ئەمگەككە سالىدۇ.
مەھسۇلاتنىڭ چۈشۈپ كېتىشى تەبىئىي ئاپەتتىن ئەمەس، مۇقىملىق خىزمىتى سەۋەبىدىن ئىكەندە؟
-ھە شۇ، بۇلتۇر يەكەندە ئىش چىققان ياقى، پۈتۈن كەنتتە كۈندە سىياسىي ئۆگىنىشلا بار، ئەتىگەن يەتتە-سەككىزدە كەلسە چۈشتە 6 دە تاماقنى دادۈيدە يەيدۇ. كەچتە كېتىدۇ. كېۋەزگە ئىشلىيەلمىگەندىن كېيىن دورا چاچىدىغان، ئوتاقچىلىق ئىشلىرىنى قىلالمىغاندىن كېيىن كېۋەز ئوخشىمايدىغان گەپ...
-دېھقانلار بۇنىڭغا نارازى ئەمەسمۇ؟
-نارازى بولسا، سىياسىي مەكتەپ دەپلا ئېلىپ كېتىدىغان تۇرسا، بىر ئايغىچە قارا دەرۋازىنىڭ ئىچىدە ئىشلەپ كېتىدىغان گەپ، بىزمۇ ھازىر بۇ قەرز پۇلىنى قانداق قىلىدىغان ئىشكىن دەپ ئويلىشىۋاتىمىز....
بۇلتۇر 28-ئىيۇل يەكەن «ئىلىشقۇ ۋەقەسى»نى خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قوللىنىپ باستۇرغان ۋە ۋەقەدە 98 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، ۋەقە دىنىي ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ «زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
د ئۇ ق بولسا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 2000 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
دائىرىلەر شۇندىن بۇيان يەكەن ھەتتا پۈتۈن قەشقەر دىيارىدا مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، ھەتتا دېھقانلار ئىنكاس قىلغاندەك مەجبۇرىي شەكىلدىكى ئاشقۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش كەنتىدىكى بىر پاختىكار ئايالنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، دېھقانلارنى كۈن بويى سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش، ھاشارغا تۇتۇش دېگەندەك بۇ خىل قاتتىق يوسۇندا داۋام قىلىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ يەكەن ۋەقەسىدەك نارازىلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن جايلاردىن باشقا جايلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئوخشاشلا دېھقانچىلىققا ئېغىر زىيان سېلىپ، دېھقانلارنىڭ ھاياتىغا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى :
-بۇ يىل سىلەردىمۇ پاختا ئانچە بولمىدىمۇ؟
-شۇنداق، پاختىنى ساتتۇق، قەرزنى بېرىپ بولالمىدۇق. قىشنى قانداق چىقىرىمىز دەپ غەمدە ئولتۇردۇق ئەمدى....
-پاختا نېمىشقا بولمىدى؟
-ماۋۇ ھازىر ئەر كىشىلەر ھاشارغا بېرىۋاتقاندىكىن، مۇقىملىق، دىنىي ئەسەبىيلىك دەپ ئىش چىقىپ قالامدىكىن دەپ بىرمۇ-بىر سان ئېلىپ يىغىۋېلىپ، ما ھاشار بەك ئاۋۇپ كېتىپ بارىدۇ، ئېتىزغا پەقەت قارىيالمىدۇق، ھازىرمۇ ھاشارغا بېرىۋاتىمىز، ئاياللار ئېتىزغا ئىشلىيەلمىگەندىن كېيىن. دېھقانچىلىقتىن بەك چېكىنىپ كەتتى، شۇ پېشانىمىزدىكى شۇ ئوخشايدۇ دەپ بىلدۇق.
-پىكىر قىلمىدىڭلارمۇ؟
-پىكىر قىلساق ئىدىيەڭدە مەسىلە بار دەپ سىياسىي مەكتەپكە ھەيدەيدۇ. يۇقىرىسى بەش-ئالتە ئاي، بولمىسا بىر ئاي يوللايمىز دەيدۇ... بۇ يەردە ۋەزىيەت چىڭ بولغاندىن كېيىن، ھەممە يەردە كەسكىنچىلىك، دېھقانلىمۇ ئاڭلىق بوپ كەتتى ھازىر.