6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالتە نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى فىرانسىيەنىڭ بوردۇ رايونىدا ئۈچ نەپەر فىرانسىيەلىك ياش تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى. بۇ بىر ئىجتىمائىي ۋەقە بولسىمۇ، خىتاي بىلەن ياۋروپا بىرلىكى ئارىسىدىكى يۇقىرى قىممەتلىك سودا ھەمكارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.
فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 17-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان بۇ ئۈچ نەپەر ياش ھازىر تۈرمىدە بولۇپ، ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا. ئۇلار «ئېغىر زوراۋانلىق قىلمىشى سادىر قىلدى» دەپ ئەيىبلىنىپلا قالماي، «قورال ئىشلەتكەن ياكى قورال ئىشلىتىش تەھدىتى سالغان» دەپ ئەيىبلەنمەكتە ھەمدە «مەستلىك ۋە ئىرقچىلىق قىلدى» دەپ قارالماقتا.
فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 17-ئىيۇندىكى «جۇڭگولۇق، ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان 3 نەپەر ياش نازارەت ئاستىغا ئېلىندى» ناملىق خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ قىزىل ھاراق مەھسۇلاتلىرى بازىسى بولغان بوردۇ رايونىدىكى بىر يېزىغا ھاراق ياساش ئىلمىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئالتە نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى 15-ئىيۇن كۈنى كەچتە ئۈچ نەپەر فىرانسىيەلىك ياشنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يۈزىگە ھاراق بوتۇلكىسى ئېتىلغان بىر خىتاي قىزىنىڭ كۆزەينىكى چېقىلىپ، يۈزى يارىلانغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ نەپەر ياش يەنە خىتايلارنى كەمسىتىپ، ئىرقچىلىق تۈسىگە ئىگە سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمى چېنيىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بۇ ۋەقەنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 17-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى ئىككى نەپەر ئەلچىخانا خادىمى بوردۇ رايونىغا بېرىپ، فىرانسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لىفور بىلەن مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا سۆزلەشكەن. لىفور ۋە فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋاللىس قاتارلىقلار بۇ زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن. مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاخىرقى بىرقانچە ئاي ئىچىدە، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ فىرانسىيەدە ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن.
17-ئىيۇندىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا قىلىنغان زوراۋانلىق ھۇجۇمى ۋەقەسى خىتاي-ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈم ھارىقى تىجارىتىگە تەسىر كۆرسەتتى» ناملىق يەنە بىر خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋەقە فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەككەن ۋە بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان بولۇپ، خەۋەردە، مۇنازىرىنىڭ ئاساسى نۇقتىسى بولغان «ئىرقىي كەمسىتىش» مەسىلىسى خىتاي بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ھاراق تۈرلىرى بويىچە داۋام قىلىۋاتقان سودا ئۇرۇشى ساھەسىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى» دېيىلگەن. بۇ ۋەقە بوردۇدا «دۇنيا ھاراق تۈرلىرى سالونى پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولغاچقا «ئىرقىي زوراۋانلىق» دەپ قارالغان مەزكۇر ۋەقەنىڭ داۋرىڭى چوڭىيىپ كەتكەن.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «فگورا» گېزىتىنىڭ «خىتاي بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى ھاراق تۈرلىرى سالونىنى يامانلاشتۇرۇۋەتتى» ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە بۇ بىر ئىجتىمائىي ۋەقە بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى نامۇۋاپىق بىر چاغقا توغرا كېلىپ قالغان. چۈنكى، ھازىر خىتاي تەرەپ ياۋروپا بىرلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، دەل ياۋروپانىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىل. خىتاي بولسا فىرانسىيەنىڭ 3-چوڭ ھاراق بازىرى بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ ھاراقتىن كىرىدىغان يىللىق كېرىمىلا 11 مىليارد ئويرۇدىن ئاشىدۇ.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فرانسۇزلار خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىككى ئىشىدىن نارازى بولۇپ، بىرى، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان فىرانسىيەنىڭ ھاراقلىرىغا بولغان چەكلىمە ۋە تەكشۈرۈش، ئىككىنچىسى، خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ بوردۇغا مەبلەغ سېلىپ، بوردۇ ھاراق مەھسۇلاتلىرى رايونىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ خىتايلارغا بارغانسېرى يامان كۆز بىلەن قارىشىدىكى بىر قانچە سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ۋەقەدىن مەلۇم دەرىجىدە كوزىر سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ياۋروپا بىرلىكى خىتاينىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى 11.8% باج قويغان ئىدى. ئەگەر ياۋروپا بىرلىكى بىلەن خىتاي بۇ مەسىلىدە 8-ئايغىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىسا، 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشىغا قارشى قويۇلىدىغان باجنىڭ مىقدارى 67.9% گىچە ئۆرلەيدىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ھاراق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتاتتى.
فىرانسىيە ئاۋازى رادىئوسىدا 16-ئىيۇن كۈنى «خىتاي تور ئەھلىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىرانسىيەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىشىغا قارىتا ئىنكاسلىرى بىر خىل ئەمەس» ناملىق يەنە بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا خىتايدىكى شىنلياڭ قاتارلىق ئەڭ چوڭ تور بلوگلىرىدا بەس-مۇنازىرىلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، بەزىلەر فىرانسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى تەنقىدلەپ فىرانسىيەگە ساياھەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى يازسا، بەزىلىرى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىۋاتقانلارنىڭ ساپلا ئەمەلدارلار ياكى بايلارنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى يازغان. يەنە بەزىلەر فىرانسىيەدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغان قىزنىڭ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ سابىق شەھەر باشلىقىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، بۇنداق ئەمەلدارلار ۋە بايلارنىڭ بالىلىرىنى فرانسۇزلارنىڭمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ھەقلىق بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقان.