خىتاينىڭ غۇلجا-شاۋگۇەن كۆمۈر گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى يەرلىك ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق قوزغىغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرىنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەش خىتاينىڭ 12-5 يىللىق پىلانىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
tebiiy-gaz-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﻗﯘﺩﯗﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

خىتاي مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈر كان رايونلىرىغا ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ، توك ئىشلەپچىقىرىش ۋە توكنى ئىچكىرىگە يۆتكەشكە، زاۋۇت قۇرۇپ، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش ۋە تۇرۇبا ئارقىلىق ئىچكىرىگە يۆتكەشكە زور مەبلەغ سالغان. خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى مەبلەغ سالغان غۇلجا-شاۋگۇەن كۆمۈر گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى مانا مۇشۇ تۈرلىرىنىڭ بىرى. بىراق مەزكۇر قۇرۇلۇش يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىدا نارازىلىق قوزغىغان. ئانالىزچىلار، بۇنىڭ مۇھىت ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قەدەر تۇتاشتۇرۇلىدىغان پەنجىم-شاۋگۇەن كۆمۈر گاز تۇرۇبا يولىنىڭ قۇرۇلۇشى 2011‏-يىلى باشلانغان. دائىرىلەر، ھازىر مەزكۇر تۈرنىڭ 80 % تىن كۆپرەك دەسلەپكى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. پەنجىم-شاۋگۇەن تۇرۇبا يولى خىتاينىڭ گەنسۇ، نىڭشيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شەنشى، خېنەن، شەندۇڭ، خۇبېي، جياڭشى قاتارلىق 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونىنى بېسىپ ئۆتىدىغان مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاساسلىق غول لىنىيىسى. پەنجىم-شاۋگۈەن غول لىنىيىسىدىن باشقا يەنە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى ۋە شەرقىي جۇڭغاردىن باشلىنىدىغان بەش تارماق تۇرۇبا لىنىيىسى بار. مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى غۇلجىنىڭ پەنجىم يېزىسىغا قاراشلىق پىلىچى كۆمۈر كېنى.

خىتاي نېفىت خىمىيە سانائەت شىركىتى پىلىچى كۆمۈر كېنى، پەنجىم، ئاقتۆپە ۋە نوغايتۇ يېزىلىرىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى بىنەملىكلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پىلىچى كېنىغا قوشنا قارىياغاچ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىلىرىنى باشقا يەرگە كۆچۈرگەن. مەزكۇر قۇرۇلۇشتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر يەنە، كۆمۈر گازى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ كۆچمەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ئولتۇراق ئۆي سېلىپ، يېڭى ئاھالىلەر رايونلىرىنى قۇرۇش بىلەن بىرگە، چىڭخۇا ناملىق يەنە بىر شىركەت زاۋۇت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە ساياھەت ۋە ئىستىراھەت قىلىش ئورۇنلىرىنى پىلانلاپ، پەنجىم يېزىسىغا قاراشلىق ياۋا ئۈرۈكلۈك، ياۋا ئالمىلىقنى، بىر قىسىم باغ-ۋاران ۋە مەنزىرىلىك يەرلەرنى ئۆتكۈزۈۋالغان.

بىراق يەرلىك ئامما، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش توغرىلىق يەرلىك ئاھالىلەردىن ھېچقانداق پىكىر ئالمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. پەنجىم يېزىسىغا قاراشلىق مەلۇم بىر كەنت ئاھالىسى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئاۋۋال غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تارىم-شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى قۇرۇپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۇيغۇرنىڭ گازى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان ئىدى. بىراق خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ 2010‏-يىلى 5‏-ئايدا چاقىرىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىشنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىشنى كېڭەيتىش ۋە تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دائىرىلەر كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، كۆمۈرنى جايىدا سەرپ قىلىش، لېكىن ئېلېكتر توكىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، كان رايونلىرىدا زاۋۇت قۇرۇپ، كۆمۈرنى گازغا ئايلاندۇرۇش ۋە كۆمۈر گازىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشكە كۆپلەپ مەبلەغ سالغان.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر لېكتورى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پەنجىم يېزىسىدىكى بۇ قۇرۇلۇش مۇھىتنى ۋەيران قىلىپلا قالمايدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا مەدەنىيەت تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋەيران قىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ خىتاي شىركەتلىرىگە بېقىندى قىلىپ قويىدۇ.

بىراق، دائىرىلەرنىڭ مۇھىت ۋە يەرلىك ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ھەققىدىكى پىكىر ۋە چاقىرىقلارغا قۇلاق سالىدىغان ئەلپازى باردەك قىلمايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دۈشەنبە كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىپ، مەركەزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى يەنى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈرچىلىك ۋە كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىسى، كۆمۈر گازى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا كۆمۈر گازى ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆمۈر گازى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى «شىنجاڭنىڭ يېڭى سانائەت تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە شەرقتىكى رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

لېكىن يىغىندا بۇ خىل سانائەت تەرەققىياتى پەيدا قىلىدىغان مۇھىت ۋەيرانچىلىقى، يەرلىك خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى دۇچ كېلىدىغان خەۋپ، كۆچمەنلەر پەيدا قىلىدىغان ھەر خىل سەلبىي ئامىللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق تەكلىپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ بۇ خىل تەرەققىيات شەكلىگە قارشى ھەرقانداق نارازىلىق پىكرىنى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىككە باغلاپ باستۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان. لېكىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇھىت ۋەيرانچىلىقى، كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ ئارتىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىشى، يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ تەھدىتكە دۇچ كېلىشى قاتارلىقلارنىڭ زور كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇشنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت، دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي نېفىت، خىمىيە سانائەت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 8300 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پەنجىم‏-شاۋگۇەن كۆمۈر گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە دېڭىز بويىدىكى سودا-سانائەت رايونلىرىنى يىلىغا 30 مىليارد كۇپمېتىر كۆمۈر گازى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.