گوللاندىيەدە ئېچىلغان ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانى ئالقىشقا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

12-سېنتەبىر گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدىكى مەركىزى پويىز ئىستانسىغا يېقىنلا يەردە بىر ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر رېستوراننىڭ ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا يەتمىش نەچچە ئادەمنى بىمالال ئۇزۇتالايدىكەن.

ئىچىلىش مۇراسىمىغا تەشرىپ قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر گوللاندىيەدىكى ئاياللارنىڭمۇ ئۆز-ئارا دوستلۇق زىياپەتلىرى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر رېستورانغا ئېھتىياج ئېشىۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ ئىستىقبالى بار ئىكەن.

مەزكۇر رېستوراننىڭ خوجايىنى قەھرىمان تۇرسۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيەگە كەلگەندىن بېرى مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇر رېستورانى ئىچىش پىلانىدا يۈرگەنلىكىنى، ئوقۇش ۋە باشقا باسقۇچلىرىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن بۇ رېستوراننى ئىچىشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەھرىمان تۇرسۇن ئەپەندى ئون نەچچە يىلدىن بېرى گوللاندىيەدىكى سىياسىي ۋە مىللىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئېلىپ كەلگەن زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئىنىسى بولۇپ، زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ رېستوران ئۇيغۇر يېمەكلىرى مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، سىياسىي دەۋا يولىدىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدىكەن.

ئىنكاس بەرگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەنلا ئېچىلغان تۇنجى ئۇيغۇر رېستورانى ئىكەن.