ئۇيغۇر جەمئىيىتى گوللاندىيە باج قانۇنى ھەققىدە لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.03.03
Yusup-Beyaztasli-aqtash-ependi.JPG ئىقتىسادىي ھەق-تەلەپ مۇتەخەسسىسى يۈسۈپ ئاقتاش ئەپەندى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا باج ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەنچە بەردى. 2015-يىلى 1-مارت، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

2015‏-يىلى 3‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» دە جەم بولغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەمەندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تارىخى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقتى ۋە گوللاندىيەدىكى باج ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىقتىسادىي قانۇنلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى يېڭىلىدى.

ئالدى بىلەن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىمنىڭ تەييارلىشىدا يەمەننىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىققان پائالىيەت ئەھلى، يەمەندىكى ئىنقىلابچى گۇرۇپپىلار تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى-تاشقى ئامىللىرىنى، ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇزاكىرە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

نامازدىن كىيىن غىزالىنىپ بولغان جامائەت، مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىقتىسادىي ھەق-تەلەپ مۇتەخەسسىسى يۈسۈپ ئاقتاش ئەپەندىنىڭ تەقدىم قىلىشىدا، گوللاندىيەدىكى باج ئىشلىرىغا ئالاقىدار چۈشەنچىسىنى يېڭىلىدى. يۈسۈپ ئاقتاش ئەپەندى 2 يىل ئىلگىرى بۇ جەمئىيەتكە بىر قېتىم كېلىپ، بۇ ھەقتە ساۋات ئاڭلاتقان ئىدى.

يۈسۈپ ئاقتاش ئەپەندى پائالىيەت ئەھلىگە يەنە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، غەلىبىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە توغرىلىققا باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ياشاشقا چاقىرىپ، ئاتىلارچە نەسىھەت قىلدى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ئىشتىراكچىلار يۈسۈپ ئاقتاش ئەپەندىدىن ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سوئاللار سوراپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى ئالدى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 13 تە باشلىنىپ، كەچ سائەت 19 غا قەدەر داۋام قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتتى. يۈسۈپ ئاقتاش ئەپەندىمۇ بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن دەرقەمتە بولۇشتىن ئالغان دىل ھۇزۇرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ھەر ئاينىڭ بېشى ياكى ئاخىرىدىكى يەكشەنبە كۈنلىرى بىر قېتىمدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئايلىق سۆھبەت پائالىيىتى» ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق تەۋسىيىلەر تارىخقا ئائىت قىممەتلىك يادنامىلەر ۋە بۈگۈنكى ھاياتقا ئالاقىدار رېئال مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۆگىنىش، ۋەتەنداشلار ئارا ئەركىن سۆھبەت بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتەك، ئەھمىيەتلىك پروگراممىلار ئاساس قىلىنىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.