گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىگىلىك تىكلەش يوللىدا ئېزدەنمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار گوللاندىيەنىڭ ئاسىيا تۈسىدىكى ئۇنېۋىرسال سودا بازىرى بېيفىرۋەيك بازارىدا، ئىككى كۈنلۈك مەدەنىيەت-سودا تىجارىتى قىلىپ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

گوللاندىيەدىكى مۇھاجىرلىق تارىخىنىڭ قىسقىلىقىغا باقماي، پاناھلىق يوللىرى بىلەن ھاياتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار، مۇستەقىل ياشاش ۋە ئىقتىسادتا يۈكسىلىش مەقسىتى بىلەن مۇلازىمەت كەسىپلىرىدە ھالال تەر تۆكۈپ ياشاشتىن باشقا، تىجارەت يوللىرى ئارقىلىقمۇ ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ.

ئۇلار بۇ قېتىم 11‏- ۋە 12‏-ماي شەنبە-يەكشەنبە ئىككى كۈن، گوللاندىيەنىڭ بېيفىرۋەيك دېگەن يېرىگە جايلاشقان ئاسىيا ئۇسلۇبىدىكى تىجارەت مەركىزىدىن ئىككى كۈنلۈك يەر ھەل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت - كۈلتۈر بۇيۇملىرىنى تونۇتۇش شەكلىدە كوللېكتىپ ھالدا بازار ئاچتى.

ھەر ھەپتە ئاخىرىدىكى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىلا ئېچىلىدىغان بۇ بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەتئەللىك سودىگەرلەر بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشى دۇكانلارنىڭ ئاۋاتلىقى، ماللارنىڭ كۆپلۈكى، خېرىدارلىرىنىڭ باس-باسلىقى قاتارلىق ياۋروپادىن پەرقلىق ھالەتتىكى كەيپىياتى بىلەن ھەرقانداق بىر زىيارەت قىلغۇچىنى ئىختىيارسىز ھالدا، ئاسىيا ئەللىرىدىكى مەلۇم بىر بازارغا كەپ قالغاندەكلا ھېس قىلدۇرىدۇ.

ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق تىجارەتچىگە نان بېرىپ، يىلدا 4-5 مىليوندىن ئارتۇق خېرىدار كۈتۈۋېلىنىدىغان مەزكۇر بازاردا، ئۇيغۇر يېمەكلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى، قول ھۈنەرلىرى، گىلەم ۋە سوۋغات بۇيۇملىرى قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مەھسۇلاتلار تىزىلغان بولۇپ، سەككىز يۈز كۋادرات مېتىرلىق بىر زالنىڭ يېرىمى ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس ئاجرىتىلغان. زالنىڭ كېرىش ئېغىزىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇۋېلىڭ» دېگەن يوغان لەۋھە ئېسىلغان. بىر تەرەپكە ئۇيغۇرچە داستىخان قىلىنىپ، كۆرپىلەر سېلىنغان.

بۇ بازارنىڭ تارىخى ھەققىدە ۋىكىپېدىئادىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «بەۋەرۋىجكە بازاار بېيفېرۋەيك بازىرى 1980‏-يىلى 13‏-سېنتەبىردە ئېچىلغان. 500 دىن ئارتۇق تىجارەتچى بىلەن باشلانغان بۇ بازار، تۇنجى كۈنىلا 14000 زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغان. 2005‏-يىلىغىچە 50 مىليوندىن ئارتۇق زىيارەتچى كەلگەن. باج ۋە ئىجارە ھەقلىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى سەۋەبلىك، 2006‏-يىلىدىن باشلاپ چېكىنىش يۈز بەرگەن. يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە يەنە تۆۋەنلەپ، بىر قىسىم چوڭ زاللار بوش قالغان. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ يەرگە ئىنتايىن تۆۋەن ھەق بىلەن بازار ئېچىش پۇرسىتى قازانغان.

ئىلگىرى بۇ يەردە يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ياكى دۇكانلاردا ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار بولسىمۇ، مەبلەغ، يول ۋە تىل قاتارلىق ئامىللارنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن چېكىنىپ چىققان ئىدى. بۇ يەردىكى دۆلەت ياردەم پۇلى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىسى بىر قىسىم ھىممەتلىك-تەۋەككۈلچى ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك يوللارنى ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر تەۋەككۈلچى ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى كۈنلۈك تىرىشچانلىقىدىن ئالغان ھېس تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ، گەرچە پەۋقۇلئاددە پايدا ئالالمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇتۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالىغانلىقى بىلەن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.