گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەر سېتىۋالماقچى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە يەر سېتىۋېلىپ، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى جارى قىلدۇرىدىغان مەركەزلەرگە ئايلاندۇرغان ئىدى. مانا ئەمدى گوللاندىيەدىمۇ ئۇيغۇرلار يەر سېتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

3‏-نويابىر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن يېغىن زالىدا جەم بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىجارە تۆلەپ ئىشلىتىۋاتقان مەزكۇر ئورۇننى سېتىۋېلىش قارارىغا كېلىشتى. جەمئىيەت مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن كۆپىنچىسىگە تېلېفون ۋە باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن ئالاھىدە چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى ئۈترىخت ئۆلكىسىنىڭ زەسيت شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر ئورۇننى سېتىۋېلىش مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان.

شۇ يەر ۋاقتى پېشىن نامىزىدىن كېيىن قۇرئان كەرىم قىرائىتى بىلەن باشلانغان مەزكۇر پائالىيەتتە ئالدى بىلەن، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قۇرۇلۇشقا ھەسسە قوشۇشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكۈمى ۋە مۇسۇلمانلىقتىكى پەزىلەتلىرى بايان قىلىندى. ئاندىن پىداكارلىقنىڭ، تارىخ ۋە بۈگۈن بىر مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكى يورۇتۇلدى. ئاخىرىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى ئىشلار مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى مەزكۇر يەرنى سېتىۋېلىشتىكى ئامىللارنى تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۆتتى. ئوبۇلقاسىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يەرنى سېتىۋېلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيەدە ئۆزلىرى ئۈچۈن خاس بولغان مۇقىم بىر يەرگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى، ھازىر ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبلىك، يەر ،مۈلك باھاسىنىڭ خېلىلا تۆۋەن بولۇشى، قاتارلىق ئامىللار سەۋەب ۋە پۇرسەت بولماقتا ئىكەن.

بۇ يەر 5 يىللىق توختام بىلەن ئىجارە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ 5 يىل ئىچىدە 75 مىڭ ياۋروغا يېقىن كىرا تۆلىنىدىكەن. ھازىرقى يەرنىڭ باھاسى تەخمىنەن 250 مىڭ ياۋرو ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ 15 يىللىق ئىجارە ھەققىگە توغرا كېلىدىكەن. دېمەك ئۇيغۇرلار 3 قارارلىق ئىجارە پۇلىنى تۆلىيەلىسە، بۇ يەر ئۇلارنىڭ مۈلكى بولۇپ قالىدىكەن.

مەزكۇر تەپسىلاتلارنى ئاڭلىغان پائالىيەت ئەھلى بەس- مۇنازىرە، مۇزاكىرە ۋە كېڭەشتىن كېيىن، ئاخىرقى قارارنى كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازىغا قويدى. نەتىجىدە مەزكۇر كېڭەشكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار ھەممەيلەننىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن بۇ يەرنى ئېلىش قارارى جەزملەشتى.

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك؛ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئىشسىز بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۆۋەن تۇرمۇشلۇق ياردىمى بىلەن ياشىماقتا ئىدى. ئۇنداقتا 250 مىڭ ياۋرونى قانداق ھەل قىلغىلى بولار؟ بۇ مەسىلە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە غەم بولغان بولسىمۇ، بۇ ساھەدە ئىزدەنگەن ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتىكى قائىدە، نىزاملارغا ئاساسەن مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋېلىش چارىسىنى ئويلاپ تاپقان. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يەرنى سېتىۋېلىش چارىسى ھەققىدە كۆپچىلىك بىرلىككە كېلىپ، ھەر ئادەم 1000 ياۋرودىن بېرىش سەپەرۋەرلىكى قوزغالدى. نەتىجىدە نەق مەيداندىلا 39 مىڭ ياۋروغا ھۆججەت يېزىلدى.

پائالىيەت داۋامىدا نامەلۇم بىر خانىمنىڭ بۇ خەيرلىك ئىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئالتۇن بىلەيزۈكىنى تەقدىم قىلىشى كۆپچىلىكنى ھاياجانلاندۇردى.

پائالىيەتكە قاتناشقان پىداكار ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىمزالاپ بەرگەندىن سىرت، باشقا دوست -يارەنلىرىگە سېغىنىپ بىر نەچچە نۇسخىدىن ھۆججەت ئېلىۋالدى. مەزكۇر ساخاۋەتلىك قەدەملىرىدىن ئىككى دۇنيالىق بەرىكەتلەر تىلەپ، ياخشىلىق ئۈستىدە قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلىشالىغانلىقىدىن سۆيۈنگەن پائالىيەت ئەھلى پائالىيىتىنى دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، شام نامىزىنى ئوقۇپ قايتىشتى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىشتىراكچىلاردىن بەزىلىرى ئۆز پىكىر-قاراشلىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاڭلاتتى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمى ئىشلار مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بارلىق ۋەتەنداشلارنى بۇ خەيرلىك ئىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشقا چاقىردى.