گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلار ئىنتېرنېت سودا تىجارىتى ھەققىدە يىغىن تەشكىللىدى

0:00 / 0:00

8‏-مارت يەكشەنبە كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە تەربىيىلىنىۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيەدە ئىنتېرنېت سودا تىجارىتى ھەققىدە ساۋات ئاڭلىتىلدى. شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن 5 تىن، 7 گە قەدەر داۋام قىلغان مەزكۇر پائالىيەت ئۇلارنىڭ ۋەتەنداشلىرىغا سۇنغان تۇنجى مېۋىسى بولۇپ، پائالىيەتكە 20 يىلدىن بېرى گوللاندىيەدە تور تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ACN شىركىتىنىڭ تەجرىبىلىك خادىملىرىدىن Dajo ئەپەندى بىلەن Walid Ibraim ئەپەندىلەر تەكلىپ قىلىنغان. Dajo ئەپەندى مەزكۇر شىركەتنىڭ گوللاندىيەدىكى باش سېتىش نۇقتىسىدا مۇئاۋىن دىرېكتور، Walid Ibraim ئەپەندى بولسا، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاكتىپ خىزمەتچىسى ئىكەن.

ئالدى بىلەن Walid Ibraim ئەپەندى، مەزكۇر ئاچن شىركىتىنىڭ تىجارەت ئۇسلۇبىدىن چۈشەنچە بەردى ۋە ئۆزىنىڭ مەزكۇر شىركەتتىكى خىزمىتىنى قاچان، قانداق، قەيەردىن باشلاپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىغانلىقىنى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا ئاڭلاتتى.

ئاندىن Dajo ئەپەندى كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تور سودىسىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە جانلىق مىساللار بېرىپ، ھەرقانداق ئىنساننىڭ تىلى، دەسمايىسى، يېشى، جىنسى ۋە ئىرقىي قاتارلىق جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى؛ يۇقىرىدىكىلەرنىڭ تۆۋەندىكىلەرگە ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە يۈكسىلىشتەك پىرامىدا شەكىللىك سىستېمىسى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مەزكۇر شىركەتنىڭ 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ۋاكالەتچى نۇقتىلىرىنى تەشكىل قىلىپ، تىرىشقانلىكى كىشىنىڭ ئەجرىگە لايىق مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئارا سوئال-جاۋابلىق مۇزاكىرە قىلىپ، تور سودىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن ھۈسەيىن تەجەللىي ئەپەندى، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ مېلى ۋە جېنى بىلەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسىلىش روھىغا مەدەت بەردى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ لېكسىيەدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. Dajo ۋە Walid Ibraim ئەپەندىلەرمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئىمكانلىرىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئاخىرىدا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان ياش يىگىتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئىقتىساد بىلەن باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەندىن كىيىن، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە مەزكۇر تور سودىسى شىركىتىنىڭ پايدا تېپىش پرىنسىپلىرىغا قىزىقىپ قالغان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرگەننى باشقىلارغا قىسىنىش ھېسسىياتى بىلەن بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەپ، ۋەتەنداشلىرىنىڭمۇ بىرلىكتە ئىلگىرىلىشىنى مەقسەت قىلغان.

بۇ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى مېۋىسى بولۇپ، چوڭلار ئۇلارنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى، ۋەتەن-خەلقىگە نەپ بېرەلەيدىغان بىر نەسىل بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدىغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى دەپ تەرىپلىدى.