ئىستانبۇلدا «ئىخلاس ئۇيغۇر» نامىدا رېستوران ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قەيىرىگە بارسۇن ئۆزىنىڭ مىللىي تائاملىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر تاماقلىرى مەززىلىك ۋە ئىشتىھالىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قېتىم يەپ كۆرگەن باشقا مىللەتلەرمۇ ئاسانلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ.

ئىستانبۇلدا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر رېستورانلار ئېچىلىشقا باشلىدى. يېقىندا ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا «ئىخلاس ئۇيغۇر» رېستوران ئېچىلدى.

2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى نۇرىپاشا مەھەللىسىنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كوچىدا «ئىخلاس ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رېستورانغا زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرگە پۈتۈن بىر كۈن كەچكىچە ھەقسىز تاماق بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە بۇ رېستوراننى ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي رايونىدىكى «تۈركىستان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى ئەبەيدۇللا ئەپەندى ئاچقان بولۇپ، بۇ رېستوراندا ئۇيغۇرلارنىڭ، لەڭمەن، سومەن، مانتا، پولۇ، كاۋاپ، چۆچۈرە ۋە سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلىرى تېپىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەبەيدۇللا ئەپەندى «ئىخلاس» ئۇيغۇر رېستوراننى ئېچىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىخلاس ئۇيغۇر رېستورانى مېھمانلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئىخلاس بىلەن تاماق تەييارلايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن رېستورانغا «ئىخلاس ئۇيغۇر» دەپ نام بەرگەنلىكىنى، خېرىدارلارنى مەمنۇن قىلىشنى بىرىنچى ئورۇندا قويىدىغانلىقىنى، تۈرك ياكى باشقا مىللەتلەرگە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تائام مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادى كىرىم قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي ۋە زەيتىنبۇرنۇ قاتارلىق ئىككى ئورۇندا ئۇيغۇر رېستوران ئاچقانلىقىنى، ئىستانبۇلنىڭ لالەلى رايونىدا يەنە «ئىخلاس ئۇيغۇر» نامىدا 3-رېستوران ئېچىشنى مەقسەت قىلىپ ئورۇن تۇتقانلىقىنى يېقىندا ئۇ يەردىمۇ ئىشقا كىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندىن بۇيان ئىستانبۇلغا كۆپلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئۇيغۇر دۇكان ۋە شىركەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى.

ئىستانبۇلنىڭ بىر قانچە ئورۇندا ئۇيغۇرچە رېستورانلار بار بولۇپ، توپكاپى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت باغچىسىدا زىننەت رېستورانى، فىندىكزادىدە يۈكسەل رېستورانى، ئاقسارايدا، ھايات رېستورانى، ئاتۇش ئۇيغۇر رېستورانى، تۈركىستان ئۇيغۇر رېستورانى، ئاقيول رېستورانى، قۇمكاپىدا، مېھمان ئوتتۇرا ئاسىيا داستىخىنى، دېگەنگە ئوخشاش رېستورانلار بار. زەيتىنبۇرنۇدا بولسا، تۈركىستان رېستورانى، زەمزەم رېستورانى، ئۇيغۇر ئىخلاس رېستورانى دېگەنگە ئوخشاش رېستورانلار بار.
زەيتىنبۇرنۇدا يەنە تۈركىستان ئۇيغۇر ناۋايخانىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر قاسساپلىقى دېگەنگە ئوخشاش دۇكانلار ئېچىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار خۇددى ئۇيغۇر دىيارىدىكىگە ئوخشاش ناۋايخانىدىن ئۇيغۇرچە نان سېتىۋالىدۇ، ئۇيغۇر قاسساپتىن گۆش سېتىۋالىدۇ، خالىسا ئۇيغۇر رېستورانغا كىرىپ ئۇيغۇرچە تاماق يەيدۇ. زەيتىنبۇرنۇدا يەنە ئۇيغۇرلار ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان يېسىۋىلەك، كەرەپشە ۋە كۆكماش قاتارلىق كۆكتاتلارمۇ دۇكانلاردا تېپىلىدۇ.
ئۇيغۇر رېستورانلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا زەيتىنبۇرنۇدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇمىنجاننىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. مۇمىنجان ئۇيغۇر رېستورانلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى، تۈركلەرگە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تاماق مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.